5-ئاينىڭ 18-كۈنى موڭغۇلىيەدە روسيە،ئامېرىكا،موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارخئولوگىيە ئەترىتى تەكشۈرۈپ تۈرك خانلىقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى تاپتى،ئامېرىكا مۇتەخەسسلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قەبرە ئۇيغۇر قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرسىى ئىكەنلىكى ئسپاتلاندى.شۇنداقلا ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشام تۇرۇمى ۋە تارىخى ،مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئىنىقلاشتا تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك رولى بار دەپ قارالدى
سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا بۇ قەۋرە مىلادى 7-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تۈركلەر دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. قەدىمىي قەۋرىدىن زور مىقداردا ئەرلەرنىڭ،ئاياللارنىڭ، كالا،تۆگە... قاتارلىق مودىللىرى ۋە لاي ھەيكەللىرى قاتارلىقلار بايقالغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ كۆپۈنچىسى لايدىن ۋە ياغاچتىن ياسالغان بولغاچقا ساقلانغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇش ھادىسىسى ئېغىر كۆرۈلگەن. ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتى ئامېرىكا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتىنڭمۇ ياردەملەشكەن.
يەنە بىر زىيارەت قىلىنغان خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قەدىمىي قەۋرىنى كولاۋاتقان ۋاقىتتا سىرىتنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئىسسىق ئىكەن، بىراق قەۋرە ئىچى ئىنتايىن ئىنتايىن سالقىنلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەمكارلىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئامېرىكىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ قەۋرىنى ئېچىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ كۆرگەزمىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركلەر دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتنى چۈشۈنۈشكە ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ