باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 561 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىكمەتلىك ھىكايىلەر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 2070 %
مۇنبەر پۇلى: 2660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 11:36

ھىكمەتلىك ھىكايىلەر

بىرىنجى ھىكايە :

بىر ئادەم كېچىدە ماشىنىسىنى ھەيدەپ تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈپتۇ ، ئۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا سېرىق چىراغ قىزىل چىراغقا ئالمىشىپ قاپتۇ ، ئۇ بەرىبىر باشقا ماشىنا بولمىغاندىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىۋېرەيچۇ دەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئويلىمىغان يەردىن ساقچى پەيدا بولۇپ ئۇنى توسىۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، سىز قىزىل چىراغنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
- كۆردۈم ،
- ئەمىسە ، نېمىشقا قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىسىز ؟
- چۈنكى مەن سىزنى كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھېلىقى كىشى .
بىز تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا دائىم ئۇستىلىق بىلەن باھانىدىن بىرنى تېپىپ ئاۋارىچىلىكتىن ئاستىلا قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلايمىز ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئىنىسى – جىن تۇيمايدۇ دەپ بىلىمىز ، ئەمەلىيەتتە ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك بىز قىلغان گۇمانلىق ئىشلار ھامىنى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ ، بىز يېقىنقى كۈنلەردىكى قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئويلاپ باقايلى، قىلغان – ئەتكەنلىرىمىز ئىچىدە گۇمانلىق ئىشلار كۆپمىكەن ؟ ياكى سىز شۇ ئىشلار ئۈچۈن باھانە – سەۋەب ئىزدەپ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئاندىن باشقىلارنى ئالداپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرۈۋاتامسىز ؟

ئىككىنچى ھېكايە :

ناھايىتى يىراقتىكى بىر خىلۋەت كىچىك بازاردا ئىككى رادىئو ئىستانسىسى بار ئىكەن ، بۇنىڭ بىرىدە  مەخسۇس داڭلىق شەخسلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىكەن ياكى مودا ناخشىلارنى تەرتىپكە تىزىپ ئۈزۈلدۈرمەي شۇنى ئاڭلىتىدىكەن ، شۇڭا بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ، يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسى بولسا مەخسۇس مىترولوگىيىدىن خەۋەر بېرىدىكەن ، بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلايدىكەن .
بىر كۈنى كەچتە مىترولوگىيە ئىستانسىسى شامال كۈچى يۇقىرى بولغان قارا قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىش توغرىلىق جىددىي مەلۇمات تارقىتىپتۇ ۋە بازاردىكى ئاممىنى تارقاقلىشىشقا چاقىرىپتۇ . بۇ خەۋەرنى پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلاپتۇ ، ئۇلار دەرھال تەشكىللىنىپ بازار باشلىقىنى ئىزدەپتۇ ، بەزىلىرى كوچىغا چىقىپ قوڭغۇراق چېلىپ كىشىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ ، بەزىلىرى يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسىغا بۇ خەۋەرنى ناخشا ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ، بۇ خەۋەرنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ ئۇلارنى  قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىرىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ ، ئەمما بازار باشلىقى : بۇ بازارغا ئەزەلدىن قارا قۇيۇن كەلگەن ئەمەس ، قۇيۇن توغرىسىدىكى مەلۇمات خاتا بولۇپ قالغان ياكى ئىككىنچى رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن يالغان خەۋەر تارقاتقان دەپتۇ ، قوڭغۇراق چېلىپ خەۋەر تارقاتقان كىشىلەرنى بولسا ئەخمەقلەر دەپتۇ . بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى ئىستانسا يەنىلا داڭلىق شەخسلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىۋاتقان بولۇپ ھايات – مامات توغرىسىدىكى بۇ « خەۋەر » نى ئاڭلىتىشنى خالىماپتۇ ، شۇ كۈنى كېچىسى دەھشەتلىك قارا قۇيۇن كېلىپ ئانچە تەييارلىقى بولمىغان بۇ بازارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ ، كېيىنكى كۈنلەردە  كىشىلەر بۇ يەردە بىر بازارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىككىنە بازار ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ .
بەلكىم ، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز ھاياتىمىزدىكى ئاخىرقى كۈن بولۇشى مۇمكىن ،ھەر بىر كۈنىمىزنى سەگەكلىك بىلەن ئۆتكۈزەيلى ، تۇرمۇشىمىزدىكى بىز كىچىك دەپ قارىغان بەزى « ئىشلار » بەلكىم ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن .

ئۈچىنچى ھېكايە :

بىر يالغۇز كىشى تېلېۋىزىيە ئېلانى كۆرۈپتۇ ، ئېلاندا « بۇ تېلېفوننى سېتىۋالسىڭىز نۇرغۇن دوستلارغا ئىگە بولىسىز ! » دېيىلگەن ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تېلېفون سېتىۋاپتۇ ۋە كۆڭلىدە نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشىنى ئۈمىد قىپتۇ ، كۈندۈزى ئۇ تىرىشىپ خىزمەت قىپتۇ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېلېفونىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ئەمما يەنىلا يالغۇز ۋە جىمجىت قاپتۇ . بىر كۈنى ئۇ رادىئو سېتىش توغرىسىدا ئېلان كۆرۈپ قاپتۇ ، ئېلاندا رادىئويىڭىز بولسىلا نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە خۇشال مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزەلەيسىز دېيىلگەن ئىكەن ، ئەمما ئۇ رادىئو سېتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا شۇ قۇپقۇرۇق ئۆيىدە يالغۇز قاپتۇ .
ئەمەلىيەتتە ، تېلېفون بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، ياكى پۇلىڭىز بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، قەلبىڭىزدە سەمىمىي بىر يۈرەك بولسىلا ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ۋە ياردەم بەرسىڭىز باشقىلارنىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلەيسىز ھەم نۇرغۇن دوستلارغىمۇ ئېرىشەلەيسىز .