باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3308 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سامان يۇلى غۇلجىدا..^+^
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1435
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1435دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17856 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 22:24

سامان يۇلى غۇلجىدا..^+^

سامان يۇلى كەڭساي مۇنبىرىدىكى رەقىبى كۇۋرۇكنىڭ قەتئى تەلەپ قىلىشى بىلەن خەۋەپ -خەتەرگە قارىماي خۇددى <<ماۋزىدۇڭ چۇڭچىڭغا بىرىپ جىياڭ جىيشى بىلەن سۇھبەت ئۇتكۇزگەندەك >>غۇلجىغا ساياھەتكە كەپتۇ،،،ۋە غۇلجىغا تۇنجى كىلىشى بۇلغاچقا بىر قاتار قىززىق ئىشلارغا ئۇچراپتۇ كەڭساي ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى كۇتۇرۇش ئۇچۇن سامان يۇلىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە بۇ بىر قاتار قىززىق ئىشلارنى سىلەرگە سۇزلەپ بەرمەكچى ئۇنداق بۇلسا قۇلاق دىڭ بۇلسۇن ھە...
^+^+++++++++++^+^
سامان يۇلى غۇلجىغا كەلگەن كۇنى كۇۋرۇك بىلەن ئالاقە قىلالماي پۇيىز ئىستانسىدىن خۇرجۇننى دۇمبىسىگە ئارتىپ غۇلجا كۇچىلىرىدا  ھاڭۋىقىپ قۇرسىقى ئىچىپ كىتىپتۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالماي خىلى ئۇزاق مىڭىپتۇ پىيادە بۇلسىمۇ قىزىل چىراقتا تۇختاپ يىشىل چىراقتا مىڭىپ ئالمىزار ئاشخانسى ئالدىغا كەپتۇ  ئاشخاندىن چىققان  مانتا -سامسىنىڭ مەززىلىك  ھىدىدىن  سامان يۇلىنىڭ قۇرساقلىرى غۇلدۇرلاپ كىتىپتۇ سامان يۇلى بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئاشخاننىڭ ئىچىگە كىرەي دەپ تۇرسا ئاشخانا ئالدىدا بىر بۇۋاي ئولتۇرۇپتىكەن سامان يۇلى غۇلجىدىكى ساياھىتىم ئۇڭۇشلوق بۇلغاي دەپ بىسمىللا دەپ يانچۇقىدىن 10يۇەن چىقىرىپ ئۇ بۇۋايغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ لىكىن ئۇ بۇۋاي دۇئا قىلىپمۇ قۇيماي يانچۇقىغا پولنى ساپتۇ ،،سامان يۇلى ئىچىدە بۇ غۇلجىدا تىلەمچىلەر دۇئا قىلمامدۇ نىمە ؟؟دىۋانىلىرىمۇ كۇۋرۇك ئەبلەخدەك ئىمانى سۇس كىلەمدۇ نىمە دىگەنلەر ئۇيلاپ سامسىدىن 20بۇيرىۋتىپ قاپتۇ دە 10سامسىنى يەپ 10سامسا ئىشىپ قاپتۇ سامان يۇلى 10سامسىنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ چىقىپ ھىلىقى بۇۋاينىڭ ئالدىغا كىلىپ بۇۋا ماۋۇ 10سامسىنى يەپ بۇلالمىدىم سىلى ئۇيگە ئەكىتىپ بالا-چاقىلىرى بىلەن يەۋەتسىلە دەپتىكەن ھىلىقى بۇۋاي ئۇرنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ بالام نىمىلەرنى دەيسەنۋۇي!!!مەن مۇشۇ ئاشخاننىڭ خۇجايىنى دەپتۇ...
شۇنىڭ بىلەن سامان يۇلى 10سامسىنى خۇرجىنىغا سىلىپ مىڭ خىجالەتچىلىكتە ئاشخاندىن چىقىۋاپتۇ..سامان يۇلى كۇچىغا چىقىشىغىلا چاقماق چىقىپ يامغۇر دىگەننى تۇكىۋىتىپتۇ ئۇمرىدە بۇنداق  قاتتىق يامغۇرنى كۇرۇپ باقمىغان بۇ كالۋا ئىچىدە خۇدا غۇلجىغا كىلىپ تۇپان بالاسىغا ئۇچراپ قالدىممۇ نىمە ؟ئۇيگە تىلفۇن قىلىپ ئائىلىدىكىلىرىم بىلەن ۋىدالىشىۋالسام بۇلاتتى دىگەندەكلەرنى ئۇيلاپ ۋە تاكسىدىن بىرنى تۇراپتۇ تاكسىچى بالا نەگە بارسىز دىسە كۇۋرۇككە دەپتۇ ،،تاكسىغا چىققاندىن كىيىن يامغۇر تىخمۇ كۇچىيىپ كىتىپتۇ سامان يۇلى جىددىلىشىپ ئۇكا تاكسىنى چاققاندارق ھەيدىسەڭ بۇپتىكەن بۇ غۇلجىنىڭ تاكسىچلىرى پەقەت ئالدىرمايدىكىنا دىسە ،تاكسىچى بالا نىمە قىلىسەن ئاكا ئالدىراپ ئالدىمىزدىمۇ يامغۇر يىغىۋاتسا دەپتۇ..
سامان يۇلى كۇۋرۇكنىڭ ئۇيگە قۇرۇق بارسام بۇلماس دەپ تاكسىچىنى تۇختىتىپ بىر ماگىزىنغا كىرىپتۇ ماگىزىندا بىر چىرايلىق چۇكان بار ئىكەن سامان يۇلى چۇكاندىن ناۋات بارمۇ ؟دەپ سۇراپتۇ دۇكانچى چۇكان بار دەپ <قارىمۇچ> دەپ يىزىلغان ئىشكاپنى ئىچىپتۇ.
مەن ناۋات ئالماقچى دەپتۇ سامان يۇلى جىددىلىپ .
بىلىمەن ---مانا ئىلىپ بىرىۋاتىمەنغۇ؟دەپتۇ چۇكان.
ئەمسە ئىشكاپنىڭ ئۇستىگە قارىمۇچ دەپ يىزىپ قۇيۇپسىزغۇ؟
دۇكانچى چۇكان ئىتتىك ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن پەس ئاۋازدا
-ئاستا گەپ قىلىڭ،چۇمۇلىلەرنى ئالداش ئۇچۇن شۇنداق يىزىپ قۇيغان دەپتۇ .
.....سامان يۇلى كۇۋرۇكنىڭ ئۇينى تاپالماي بىر ئائىكلەر بىناسى ئالدىدا دىققەتسىزلىكتىن ئەخلەت ساندۇقىغا چۇشۇپ كىتىپتۇ سامان يۇلى شۇنچە قىلىپمۇ ئەخلەت ساندۇقتىن چىقالماي ھالىدىن كىتىپ ئاسمانغا قاراپ ئۇلتۇرسا بىر ئەخلەت تىرىيدىغان  موماي كېلىپ قاپتۇ ۋە ئەخلەت ساندۇقىدىن نەرسە تەرمەكچى بولۇپ، سامان يۇلىنى  كۆرۈپ قېلىپ تارتىپ چىقىرىۋاپتۇ ۋە : "شەھەرلىكلەر راستىنلا ئىسراپخوركەن، ناھايىتى سەل- پەل كۆرۈمسىزكەنغۇ شۇ، تاشلىۋەتكۈدەك ئەمەسكەن." دەپتۇ.
  
شۇنىڭ بىلەن سامان يۇلى كۇۋرۇكنىڭ ئۇغلى ئۇقۇيدىغان مەكتەپنى تىپىپ كۇۋرۇكنىڭ ئۇغلى بىلەن كۇرىشىپتۇ ۋە داداڭنىڭ تىلفۇنى تاقاق ئىكەن مىنى ئىدارسىغا باشلاپ بار بۇلمىسا مىنىڭ كەلگەنلىكمنى ئاڭلىسا تاققا چىقىپ كىتىدۇ دەپ تۇيۇقسىز  كۇۋرۇكنىڭ ئۇغلى قانداراق ئۇقۇۋاتىدىكىن دەپ مەكتەپ تىمىدىكى ماركىسى ،ئىنگىلىسلارنىڭ رەسىمىنى كۇرستىپ بالام ئاۋۇ كىملەرنىڭ رەسىمى دەپ سۇرىسا كۇۋرۇكنىڭ ئۇغلى پەرۋاسىزلا مەن مەكتەپكە كىرگەندە بار ئىكەن بەلكىم مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى شىياۋجاڭلىرمىكىن دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن سامان يۇلى سەنمۇ داداڭدەك دوت بۇپسەن دىگەندەكلەرنى ئۇيلاپ كۇۋرۇكنىڭ ئىدارىسغا مىڭىپتۇ،،شۇ چاغدا سامان يۇلىنىڭ قۇسىقى ئاغرىپ كىتىپتۇ ۋە يىقىن ئەتراپىتىكى بىر دۇختۇرخانىغا كىرىپتۇ.
، دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن دەپتۇ :
  ‏- كارىۋاتقا چىقىپ ئوڭدىسىغا يېتىڭ ، تەكشۈرۈپ باقاي .
  دوخـتۇر سامان يۇلىنىڭ  قۇرسىقىنى بىرنەچچە قېتىم بېسىپ قويغاندىن كېيىن سوراپتۇ :
‏- بىرەر سىزىمنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟
‏- شۇنداق سېزىم ھېس قىلدىم .
‏- قانداق سېزىم ھېس قىلدىڭىز  ؟
  بىرسى قۇرسىقمنى بېسىۋاتقان سېزىمنى .
دۇختۇر بۇ كىشىنىڭ نىرۋىسىدا چاتاق بارمۇ دەپ دۇرا بىرىپ چىقىرۋىتىپتۇ..
سامان يۇلى كۇچىغا چىقىپ غۇلجىنىڭ چىرايلىق كۇچلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىۋىتىپ . ئۇ شۇنچىلىك ئازادىلىك ، ھېس قىلىپ، كوچىلارنى ئايلىنىپتۇ،،،
ئۇ كېتىپ بىرىپ ،يىراقتىن يەردىن بىرنەرسىنى كۆرۈپ قاپتۇ،ھەم ئۆز ئۆزىگە"
ھەي يىراقتىن قارىسام ،كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ"دەپتۇ،
ئۇ بىرئاز يىقىنلاشقاندا يەنە ئۆزىگە"ھەي بىرئاز يىقىنلاشساممۇ يەنىلا كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇغۇ"دەپتۇ.
ئۇ يولدىكى نەرسىنىڭ قىشىغا كېىلىپ ئۆزئۆزىگە"ھەي يىقىن كېلىپ قارىسام يەنە شۇ كالا تىزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ جۇمۇ!"دەپ ھەيران بولۇپتۇ،
ئۇ ئىڭىشىپ پۇراپ بېقىپ "ھەي پۇراپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىگە ئوپمۇ ئوخشاش تۇرىدۇ "دەپتۇ
.ئۇ قولى بىلەن تۇتۇپ بېىقىپ"ھەي تۇتۇپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىدەكلا قىلىدۇ"دەپتۇ.
ئۇ ئاخىرى چىدىماي ،باشمالتىقىنى ئۇ نەرسىگە پاتتۇرۇپ ،ئاندىن ئاغىزىغا سېلىپ تېتىپ بېقىپ :

_ پاھ ھەقىقەتەن كالا تېزىكى ئىكەن شۇ !...ياپىر !!! تاس قاپتىمەن دەسسىۋالغىلى!!!

---^+^---------------^+^
[ بۇ يازمىنىkuwruk 2011-09-30 20:39قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 295
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 3545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-01-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 14:21



ھېسام قۇربان 1930–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1940–يىلىدىن 1944–يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951–يىلىدىن 1961–يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۈزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1966–يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980–يىلىغىچە ئىشتىن سىرت سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980–يىلى 9–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 3–نۆۋەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمەلىيلىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايەن قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان.
ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋردىكى يۇرت–جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ–ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتىراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ ھەم ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۇرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا–بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولدى.