باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 973 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياڭ جېچى ھىلارى كىلىنتۇن بىلەن كۆرۈشتى
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 12:43

ياڭ جېچى ھىلارى كىلىنتۇن بىلەن كۆرۈشتى


 ياڭ جېچى 26-مىزان ھىلارى كېلىنتۇن بىلەن كۆرۈشۈپ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى . ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشتەك خاتا ئۇسسۇلىنى تۈزىتىپ ، تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى ۋە ئامېرىكا -تەيۋەن ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .
.

ئالجىريەدىكى ئاساسلىق ئەرەبچە گېزىت <<خەۋەرلەر گېزىتى>> نىڭ 26- مىزاندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،قەززاففىينىڭ ئائىلىسىدىكى 8 كىشى 24-مىزان ئالجىريەدىن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە بارغان ، ئەمما ئالجىرىيە ھۆكۆمەت تەرەپ بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىغان .
.

شاڭخەيدىكى <<رەڭلىك بومبا>> دېلوسىغا بۈگۈن ھۆكۆم ئېلان قىلىندى . باش جىنايەتچى ، شېڭ لو شىركىتىنىڭ قانونى ۋەكىلى يې ۋېيلوغا مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 650 مىڭ يۈۋەن جەرىمانە قويۇلغان . شۇ جىيەنمىڭ بىلەن شې ۋېيشىيەنگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا مۇددەتلىك 5 يىللق قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 200مىڭ يۈۋەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلغان .
.

پۇتبول جەمىيىتى 26-مىزان دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كۇماندىسىنىڭ يېڭى بىر قارارلىق 25 كىشىلىك يىغىپ مەشىق قىلدۇرۇش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . گاۋلىن بىلەن دىڭ جۇشىياڭ كاماچۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىپ مەشىق قىلدۇرۇش تىزىملىكىدە يۇق.... جاڭ جېدوڭ ، ۋۇ پېڭلىڭ قاتارلىق يېڭى ماھىرلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن .
.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مىزان تېلېگراممىسى: مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ناتوغرا كەسىپ ئىستىللىرىنى تۈزىتىش ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت ئورۇندىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تۆت ئورۇن ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىشلىك ئورگانلىرى ۋە ناتوغرا كەسىپ ئىستىللىرىنى تۈزىتىش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشتە ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 11 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر، 4 نەپەر شەھەر-نازارەت دەرىجىلىك كادىر، 20 نەپەر ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىر ۋە 32 نەپەر يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 57 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش جازاسى بەردى. جىنايەتكە چېتىشلىق 31 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاندى.
'

مەملىكىتىمىز شەھەرلىرىدە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا . قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 22.8% نى ئېگەللەيدىىكەن . ئۇلار ئاساسلىقى ماينى ھەددىدىن زىيادە كۆپ قۇبۇل قىلغانلار ، ھايۋانلار تىپىدىىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ ، ئۆسۈملۈك تىپىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىغانلار ئىكەن .
.

يەمەن پىرېزدىنتى سالىھ ؛ مۇددەتتتىن بۇرۇن پىرېزدىنت سايىلىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھوقوقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ،دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتىتىنىڭ يەمەن كىرزىسىنى ھەل قىلىش توغىرسىدىكى مۇرەسسە كېلىشىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويىدىغانلىقىنى ،ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى مۇئاۋىن پىرېزدىنتقا ھاۋالە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .


خەلق تورىنىڭ 25-مىزان ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-مىزان، مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك 8-دېۋىزىيەسى 150 تۇەنىدىن ئىگىلىشىچە، 22-مىزان، ئىگىلىك 8-دېۋىزىيەسى 150-تۇەنىدىكى قۇملۇق ئىكولوگىيە مەنزىرە رايونى ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى باھالاپ تەستىقلاش ئۆمىكىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك تەبىئىي مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ بېكىتىلگەن.


 9-ئاينىڭ 25-كۈندىن باشلاپ، يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىلەت قايتۇرۇش ھەققى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى.يېڭىچە بىلەت قايتۇرۇش ھەققى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پويىز قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئەسلىدىكى بېلەت باھاسىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەنلىتىلىپ 5 پىرسەنت بويىچە يىغىلىدۇ. بىلەت قايتۇرۇش ھەققىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 2 يۈەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتلىك تۆمۈر يول تارماقلىرى، بىرلىكتە كەلگەن ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت لىنىيىسى 12306 نى يولغا قويدى. شۇنداقلا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1103
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1103دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12065 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 10:11

رەڭلىك بومبا دىگەن نىمە بولدى ئەمدى؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.