ئىلى خەلق ناخشىلىرىغا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان ئايشىگۈل مۇھەممەت 1969-يىلى شىخودا تۇغۇلغان،باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قازاقچە ئوقۇغان.ئىلى خەلق ناخشىلىرىغا بولغان ئوتتەك ھەۋەس ئۇنى ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئۈگىنىشكە ۋە جاپالىق مەشق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان.ئۇ ئۆزىدىكى تەبىئى تالانت،قىزغىن ئۆگىنىش روھى بىلەن زېرىكمەي ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئەگىتمىلىرى مۇرەككەپ،ئاھاڭ ئۆزگىرىشى كۆپ بولغان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشنى رىياللىققا ئايلاندۇردى ھەم تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن بىرنەچچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى كەڭ تاماشىبىنلارغا سۇندى.خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بىر ماھىر ئورۇندىغۇچىغا ئىگە بولغىنىدىن سۆيۈندى،ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتتى.
كېيىنچە ئايشىگۈل مۇھەممەت نىشانىنى تېخىمۇ يۇقۇرىغا_سەنئەت جەھەتتە مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىپ،خەلقىگە تېخىمۇ كاتتا سوغىلارنى بېرىش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ سەنئەت كەسپىنى ئوقۇشقا قاراتتى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،مۇنتىزىم سەنئەت تەربىيىسى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى،كۆپ سورىدى،كۆپ مەشق قىلدى،ئۇ يەردىكى كەڭ ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلاندى، نەتىجىدە ئۇ كۆپ قىرلىق ناخشىچىغا ئايلاندى، ئۇ بۇرۇن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالىغان بولسا مانا ئەمدى قەشقەر خەلق ناخشىلىرى،كۇچا خەلق ناخشىلىرى،ئاتۇش خەلق ناخشىلىرى،قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىنىمۇ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان بولدى. ئۇنىڭ نامى ئۆز خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.ئۆز دىيارىدىن ھالقىپ ،ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تونۇلدى، ئۆزبېكىستاندا كېچىلىكلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،كاتتا ئالقىشقا سازاۋەر بولدى، ئاڭلىشىمچە ،تاشكەنتتە ئايشىگۈل مۇھەممەتنىڭ داڭقى بەك چىقىپ كېتىپتۇ،ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان سەنئەت ساھەسىدىكىلەر«كاتتە،كاتتە»دەپ داڭلاپ كېتىدىكەن.
مەنمۇ ئايشىگۈل مۇھەممەدنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىخلاسمەن تىڭشىغۇچىلىرىدىن بىرى،بىلگىنىم بويىچە ئاز-تولا يوللاپ قويدۇم،كەم يېرىنى باشقا تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.