باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 999 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەبرىدىن كەلگەن مەكتۇب
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1836
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1836دانە
ئۆسۈش: 4520 %
مۇنبەر پۇلى: 22206 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 21:57

قەبرىدىن كەلگەن مەكتۇب

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! 



  تور ئارلاپ يۈرۈپ بۇ ئەسەر ئۇچراپ قالدى،قىرىنداشلارغا ئىبرەت بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ  يوللاپ قويدۇم......
  

قەبرىدىن كەلگەن مەكتۇب
جېنىم ئانا! تۇققانلار بىلەن بېشىم ئەتراپىدا پەرياد بىلەن يىغا-زار قىلىپ كۆز يېشى تۆكۈۋاتقان شۇ پەيتىڭلاردا ھاياتىمدا ھېچ كۆرمىگەن مەخلۇقلارنى كۆردۈم. ئۇلار پەرىشتىلەر ئىكەن. بىرى ئەزرائىل ۋە باشقا پەرىشتىلەر... ماڭا مەڭگۈلۈك بارىدىغان ئوت-يالقۇنلۇق جازا ئورنۇم كۆرسىتىلدى. ھەممىنى چۈشەندىم.... بەك قورقتۇم.ئۈركىشتىن قىينىلىشتىن سىلەرنى تونىيالماس بولدۇم. ئەزرائىل بەكمۇ ھەيۋەت ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىدى.مەندە غايەت زور پۇشايمانلار باشلىنىپ بولغان ئىدى.

ياخشى ئەمەل قىلىشىم، گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىشىم ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ ئۇزارتىلىشىنى، ئۆلۈمنىڭ تەخىر قىلىشىنى تىلىدىم. بىراق،بەكمۇ كېچككەنىدىم.  بۇ تىلىگىم قوبۇل قىلىنمىدى.  ئاپلا ئىسىتلىرىمدىن ئەلبەتتە سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار يوق ئىدى.  چۈنكى سىلەر تېخى قورقۇنۇچلۇق ئەزرائىلنى كۆرمىدىڭلار دە!  سەكراتتىنمۇ خەۋەرسىز.  شۇنداق ئانا، موللىلار سەكرات،ئۆلۈم، ئەزرائىل، قەبىر ئازابى ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئۇخىل سۆزلەر بىر قۇلىقىمغا كىرىپ نەفسىمگە ھېچ بىر تەسىر قىلماستىن يەنە بىر قۇلىقىمدىن چىقاتتى.  بەكمۇ توغرا ئىكەن. بەكمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن ئانا.  ھالىم بەك قىيىن.  پەرىشتىلەر روھىمنى تارتقاندا، گۇناھ ۋە غەپلەتلىرىم سەۋەپلىك روھىم بەدىنىمدىن ئايرىلىشنى خالىمايۋاتاتتى.  پەرىشتىلەر ئازاپ بەردى.  بەكمۇ قىينالدىم.  بۇ قىينىچىلىقنى ساڭا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن ئانا.  روھىم تېنىمدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنلا قەبىر ئازابى تارتىشقا باشلىغان ئىدىم.  روھىم تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ بىرىنجى ئازاپتىن قۇتۇلدۇم.  "نېمە ئىش بۇ؟" دەپ ئويلاندىم.  دېمەككى بۇلار گۇناھلىرىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى.  ئەزرائىلنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى پەرىشتە بار ئىدى.  بىرى رەھمەت پەرىشتىسى، يەنە بېرى ئازاپ پەرىشتىسى.  ئەگەر ئېلىنغان روھ ياخشى كىشىنىڭ روھى بولغان بولسا ئۇنى رەھمەت پەرىشتىسىگە، يامان گۇناھكار كىشىنىڭ روھى بولغان بولسا ئۇ روھنىڭ ئازاپ پەرىشتىسىگە بېرىدىكەن.  اللە نىڭ ئەمىرى شۇنداق ئىكەنكى، ئەزرائىل روھىمنى ئازاپ پەرىشتىسىگە تۇتقازدى.  ئۇ پەيتتە باشتا ماڭا كۆرسىتىلگەن جازا ماكانىمنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشۈنگەن ئىدىم.  ئۇ ۋاقىتتىكى قورقۇنۇچلىرىمنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئانا. پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپمۇ ھالىمنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتاتتىم.  دۇنيادىكى ۋاقتىمدا پەقەت دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلغاندەك ئۆلۈمدىكى بۇ خىل ھاللىرىمنى ئويلانماي،  غەپلەت ۋە گۇناھ يوللىرىدا يۈرگەنلىرىمنىڭ نەتىجىسى بولىۋاتاتتى.  شۇڭا پەرىشتىلەر روھىمنى قىيناپ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.  بۇلار نازىئات پەرىشتىلىرى ئىكەن.  ئەگەرمۇكەممەل بىر مۆئمىن بولغان بولسام روھىمنى راھەتلەندۈرگۈچى ۋە قولاي ئالغۇچى ناشىتات پەرىشتىلىرى ئالار ئىكەن  ۋە  « اللەنىڭ ساڭا سالىمى بولسۇن« دەپ سالام قىلاتتىكەن.  مەن بولسام غەپلەتنىڭ ئاچچىقىن تارتىۋاتاتتىم. ھېچ بولمىسا روھىم ئېلىنىشتىن بۇرۇن تاھارەتلىك بولغان بولسام، كۆپ قۇرئان ئوقۇپ، سالىھ ئەمەل ئىشلىگەن بولسام،  ھالىم بۇ قەدەر خاراپ بولمايتتى.  بۇ خىل دەھشەتلىك ھاللارنى ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى كۆرۈپ «كاشكى، كۆزلىرىم كور بولغان بولسا« دېدىم.  بىراق كور بولغان بولسىمۇ يەنىلا پەرىقى يوق،  بەرىبىر كۆرىدىغان گەپ ئىكەن.  ئاھ، بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق! ئۇ ۋاقىتتا كانايلىرىمدىن خىرىلدىغان، يۈزلىرىمنىڭ قارىداۋاتقان ھاللىرىنى بەلكىم سەن ھېس قىلمىدىڭ ئانا.   چۈنكى سەن يىغا-زار ئىدىڭ.   ئەگەر كۆرگەن بولساڭ ئاقىۋىتىمنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ،  سەنمۇ قاتتىق ئازاپلانغان بولاتتىڭ.   ئەگەر ياخشى مۆئمىن بولغان بولسام،ئۇ چاغدا ئۇ خىل كۆرىنىش ئەمەس، بەلكى پىشانىلىرىم تەر ،كۆزلىرىم ياشارغان، يۈزلىرىم نۇرلانغان، بۇرۇن تۆشۈكلىرىم كېڭەيگەن ھالدا بولاتتىكەندە،  بۇ كىشىنى راھەتلەندۈرىدىغان ھال ئىكەنتۇق.

جېنىم ئانا،  ئىككى پەرىشتە پۇت تەرىپىمدىن باشلاپ قىيناپ تۇرۇپ،  تا كۆكسىمگىچە ئېلىپ كەلگەن روھىمنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن روھىمنى ساقلاش ئۈچۈن ئازاپ پەرىشتىسىگە بەردى.  ياخشى مۆئمىن بولغان بولسام رەھمەت پەرىشتىسىگە بېرەتتىكەندە،  ئۇ روھىمنى اللە قا ئېلىپ چىقاتتىكەن.  سىلەر جەسىدىمنى كىپەنلەۋاتقاندا،  پەرىشتىلەرمۇ روھىمنى كىپەنلاۋاتاتتى.  ئەلۋەتتە بۇلاردىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار يوق ئىدى.   مەن سىلەر گۆرگە كۆمۈپ بولغاندىن كېيىن،   روھىم ئەقلىم بەدىنىمگە يېڭىدىن كەلدى.   يەنى، روھىمنى ئاسمانغا كۆتۈرپ ماڭغان ۋاقىتلىرىدا،  دۇنيا ئاسمىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلمىدى.   نەتىجىدە پەرىشتىلەر "سىججىن" گە ئېلىپ كېلىپ يامان  ئەمەللىرىمنى تاپشۇرغاندىن كېيىن قەبرەمگە قويۇشتى.  جەسىدىمگە كىرگۈزدى.  ئەگەر ياخشى ئادەم بولغان بولسام، ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلاتتى ۋە ئەمەللىرىم "ئىلىييۇن" دا تاپشۇرۇلۇپ،  ئۇ يەردىكى ياخشى سالىھ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەتتىم.  ئۇلار مەندىن دۇنيادىكى"پالانچى قېنى؟" دەپ سورىسا، مەن "ئۇمۇ ئۆلدى،بۇ يەرگە كەلمىدىمۇ؟" دەيتتىم.  ئۇلار ئۇنىڭ ئازاپ ۋە ئوتقا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى چۈشىنەتتى.

جېنىم ئانا! ئۆلۈم كۆنۈم،  بىر قىسمىڭلار قوشاقلار بىلەن يىغلاۋاتقىنىڭلاردا كۆپ ئازاپ بېرىلدى ،"بىر ئاز بۇرۇن بولسىمۇ توختىتىشمامدۇ!؟" دەپ كەتتىم. بىر قىسمىڭلار بولسا رەھمەت دۇئالىرى ۋە قۇرئان ئوقۇشتى.  بۇ ھال مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.  ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا پەرىشتىلەرمۇ"ئامىن!" دەۋەتاتتى.   كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ،  ئىڭىكىمنى چىگىپ جىنازا نامىزىغا ئالدىرىشىڭلار مېنى شۆيۈنۈرىدىغان ھال بولغان ئىدى. جىنازا نامىزىمغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىگىمۇ ياخشى بولدى.  بىراق بەزىلەرنىڭ نامىزىمغا داخىل بولمىغانلىقى ئىچىمنى سىقتى.  "ئەجەبا ئۆلۈمگە كېلىپ نامىزىمغا داخىل بولسا ھەم ماڭا پايدا، ھەم ئۆزلىرىگە پايدا كەلتۈرىدىغان بۇ ساۋاپلىق ئىشنى قىلسا نېمە بولاتتى؟" دەپ كەتتىم.
جېنىم ئانا!  دۇئا قىلىپ مەغپىرەت تىلەپ تۇرساڭ بەكمۇ سۆيىنىمەن.  گۇناھلىرىمنىڭ ئېغىر يۈكى ۋە خىجالىتى بىلەن ئۆكۈنۈشنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن ئانا.  كاشكى اللە قا ۋاپالىق قۇل بولۇپ، سالىھ ئەمەللىرىم كۆپ بولغان بولسا، جەننەتكە لايىق قۇللار ئارىسىدا بولغان بولسام، دەپ كۆز ياشلىرى تۆكمەكتىمەن . بىراق يەنىلا شۇكۈر، كېچىكىپ بولسىمۇ ئازاپتىن قۇتۇلغۇدەك ئىمانىم بار.  بۇ تەرەپكە كەلگەن ئىمانسىز ۋە كاپىرلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە خاراپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز.   يەتتە قات يەرنىڭ ئاستىدىكى ئازاپ تۈرمىلىرىدە ئازاپ چېكىشمەكتە.   سالىھ مۆئمىنلەر بۇ ئالەمدە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشالايدۇ.   بولغان ۋە بولىدىغان ئىشلارنى ئۆز-ئارا مۇزاكىرە قىلىشالايدۇ.  ھاللىرى بەكمۇ راھەت.  بىراق مەن ھېچكىم بىلەن كۆرىشەلمەيمەن، ئانا!ئەلىمىم كۆپ، سالىھ مۆئمىنلەردەك ئەركىن ھاياتقا مەن ئۈچۈن رۇخسەت يوق.   بۇ يەرنىڭ قانۇن-تۈزىمى ئەنە شۇنداق ئانا. كاشكى دادام بىلەن كۆرۈشسەم دەيمەن. بىراق ئۇ اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن سالىھلەرنىڭ قاتارىدا بولغاچقا ئىمكان يوق.  مېنىڭ بۇ ھالدىكى ئازاپلىرىمنى بىلمەيسەن. شۇنداق ئانا، مېنى قەبرىگە قويغاندىن كېيىن،  ئاياق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.  بىرئازدىن كېيىن ئىككى پەرىشتە كەلدى  . بىرنىڭ ئىسمى مۇنكەر،  يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى نەكىر.  ھەقىقەتتە ئۇلار ياخشى كىشىلەرگە سۆيۈملۈك بىر قىياپەتتە كېلىدىكەن.  بىراق ماڭا بەكمۇ ھەيۋەت بىر ھالدا كەلگەن ئىدى .  "رە ببىڭ كىم؟دىنىڭ نېمە؟پەيغەمبىرىڭ كىم؟كىتابىڭ قايسى؟"دەپ سۇئاللار سوراشتى.  بىراق مەن....  جاۋاپ بېرەلمىدىم.   ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۇ سۇئاللارنىڭ ئاغزاكى جاۋابىنى بىلسەممۇ،  بىراق قەلبىمدە ئۇ جاۋابنىڭ ئاساسى بولمىسا بۇ يەردە جاۋاب بېرەلمەيدىغان گەپ ئىكەن ئانا.   ماڭا جەھەننەمدىكى ئورنۇم كۆرسىتىلدى.   شۇڭا قىيامەتنىڭ تېز كېلىشىنى ھېچ خالىمايمەن.   چۈنكى قوقۇنچۇم غايەت زور.  ساۋاپلىرى كۆپ بولغان بولسا ئۇلارغا جەننەتتىكى ئورۇنلىرى كۆرسىتىلىدىكەن ۋە ئۇلارمۇ قىيامەتنىڭ تېزراق كېلىپ،  ئۇ نىئمەت ماكانىغا تېزرەك بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىشىدىكەن.  ھەمدە رەببىمىز، پەيغەمبىرىمىز، دىنىمىز، قۇرئانىمىز، ياخشى ئەمەللىرىمىز، ئىمانىمىز ھەققىدە سۇئال سورالغاندا ئۇلار مەندەك خىجىللىق ۋە ئازاپلىق ھاللارنى چەكمەيدىكەن.   بۇ يەرنىڭ قانۇنى ئەنە شۇنداق ئىكەن ئانا.  ماڭا ئازاپ بېرىلىۋاتىدۇ،   قەبرىم مېنى سىقماقتا.  ھەر ئەتىگەن ۋە كەچ جەھەننەمدىكى ئورنۇم كۆرسىتىلىدۇ.   ھازىر ئەڭ كۆپ ئارزۇلايدىغىنىم قەبرەمدىكى بۇ ئازاپلار بىلەنلا قۇتۇلۇپ كەتسەم ۋە مەھشەر سوتىدا پاك بولۇپ،  شۇ ئوتلۇق جەھەننەمگە كىرمىسەمكەن دەيمەن.   دۇئا قىل ئانا ، دۇئا قىل.  ئەگەر بۇ ئازاپلار بىلەنمۇ تازىلانمىسام،  مەھشەردە يەنىلا يامان ئەمەللىرىم ئېغىر كەلسە....  ئاھ،  ئاھ، ...  مېنى پەقەت جەھەننەم ئوتى تازىلايدۇ،  بەك قورقۇۋاتىمەن  .ئارزۇيۇم،   جەننەتنى ئارزۇلىماق،  چۈنكى ئۇ يەردە قىينىلىش يوق،  ھەممە نىئمەت بار.  خالىغىنىڭ تېپىلىدىكەن.  خالىغىنىڭ بېرىلىدىكەن.  بىراق بۇلار ئەلبەتتە بىكارغا بېرىلمەيدىكەن.  ھەم ئەرزانمۇ ئەمەسكەن.  سالىھ ئەمەللەر كۆپ بولسا، گۇناھلاردىن نەفسىنى يەڭسە بېرىلىدىكەن.  ئۇنداقتا ئانا ساڭا ئەسكەرتىپ قوياي.  سالىھ ئەمەللىرىىڭنى يىغ.  ساۋاپلىرىڭ كۆپ بولسۇن.  سەن بولساڭمۇ ياخشى تەييارلان.  تۇققانلىرىمغىمۇ گەپلىرىمنى ئەستايىدىل ئەسكەرتكىن.  ھەممىڭلار اللە نىڭ شەرىئەت بەلگىلىرىمىنى ئۆگىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار.  مېنىڭ ھالىمغا چۈشۈپ قالماڭلار، بولامدۇ ئانا!
بۇ يەردىكى سالىھ ئەمەل ئىگىلىرى بولغان مۆئمىنلەرگە ئەتىگەن ۋە كەچ جەننەتتىكى ئورۇنلىرى كۆرسىتىلىدىكەن.  ئۇلارمۇ جەننەتكە كىرمەستىن جەننەت ھاياتى ياشايدىكەن.  ئوقۇشقان قۇرئانلىرى، تاھارەتلىرى،  زىكىرلىرى بۇ يەردە ئۇلار ئۈچۈن نۇر بوپتۇ.   قەبرىلىرى ئاپ-ئايدىڭ ۋە باغچىدەك گۈزەل ۋە يەنە ئاڭلىغىنكى،  بۇ يەردە تەنلىرى چىرىمەيدىغان،  يىلان-چايان،  قۇرت-قوڭغۇزلار ھېچ چېقىلمايدىغان اللە نىڭ شېھىت قۇللىرى  ۋە ئەۋلىيالىرى بار.   ئۇلار تېخىمۇ ئېسىل نىئمەتلەر رەھمەتلەر ئىچىدىكەن.  ئەنە شۇنداق ئانا.  بۇ ئالەم باشقا بىر دىيار،تامامەن باشقا بىر دىيار.... 

جېنىم ئانا،  قەتئىي ئەسكەرتىمەنكى:  دۇنيادا موللىلاردىن ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى توغرىكەن.  ئۇ تەرەپتە بىلىنمەيۋاتقان ،كۆرۈنمەيۋاتقان ئادالەت بۇ يەردە كۆرۈنىدىكەن.  شۇڭا جېنىم ئانا،  ماڭا قۇلاق سال،  ساڭا يالۋۇراي،  قۇرئاندا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە نېمە دېيىلگەن بولسا توغرا ۋە ھەقتۇر  .  ھەممىسىگە چوقۇم ئىشەن ۋە تامامەن بىرمۇ-بىر ئورۇنلا.سەن ۋە سىلەر مېنىڭدە بولماڭلار،  دۇنيانى دەپ ئاخىرىتىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار،  خاراپ قىلماڭلار.  دۇنيادا بېرىلگەن نىئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمتاھان ئۈچۈن بېرىلگەن.   شۈكۈر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالما.  پەرىز ۋە ۋاجىپلارنى قەتئىيلا داۋاملىق ئورۇنلا، سۈننەتلەرگىمۇ چوڭ كۈچ بىلەن دەىققەت قىل. ب  ىلىشىڭ كېرەككى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى سالىھ ئەمەل دەپتىرىڭگە يېزىلمايدۇ،  تۆۋىلىرىڭ قوبۇل بولمايدۇ.  
دۇئالاردىن كېيىنكى دۇئالارمۇ مۇھىم ئىكەن.  كۆپ كۆپ قۇرئان ئوقۇ.   ناماز ۋە قۇرئاندىن كېيىن ماڭىمۇ دۇئا قىل بولامدۇ ئانا.  شۇنىڭ بىلەن جېنىم ئانا، بۇ يەردىكى ئازاپلارنى نەتىجە بەرگۈچى بولغان ئەمەللەردىن قەتئىي قاچ! باشقىلارنىڭ ماددى،  مەنىۋى ھەققى سەندە قالمىسۇن.  قەلىبلەرنى رەنجىتمە،  ئەپۇچان بول.  قىزغانچۇق،  ھەسەتخور ۋە تەكەببۇر بولما،  غەيۋەتلەردىن،  تۆھمەتلەردىن ئۇزاق تۇر.   بۇلار ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئازاپقا تۈرتكەنلىكتۇر.  ۋاقتى-ۋاقتىدا تەۋبە قىل،  تەۋبەڭ چىن بولسۇن.   قەلبىڭ اللە نىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان،  رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىدىغان ھالدا بولسۇن.   قەبىر ھاياتىڭنى ئويلا،  دۇنيا ھاياتىغا ھېرىسمەن بولۇشنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى تەپەككۇر قىل.   ئەتە نەگە بارىدىغانلىقىڭنى،  ئەمەللىرىڭنىڭ يېزىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشا.  چۈنكى سىلەر دۇنيادىكىلەرمۇ بىزدەك بولىسىلەر.  قەبرىگە كىرىشتىن،  سۇئال-سوراققا  تارتىلىشتىن مۇستەسنا قالمايسىلەر.   ھەممىڭلارنى ئۆلۈم ۋە ئەجەل دىققەت بىلەن كۈتىۋاتقاندەك،   جەننەت ۋە جەھەننەممۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.   كۈتىلىۋاتقانلار خەۋەرسىز قالمىسۇن،كۈتكەن تەرەپكە تەييارلانسۇن.  دۇنيا ئۆتىڭىدىكى مېھمانلار بارىدىغان يولىنى ئويلىنىش كېرەك.  ھەقىقەت ئەنە شۇنداق تۇرسا ئوغلۇڭلار ئالداندى، ئانا. دىققەت! دىققەت!!  سىلەرمۇ ئالدانماڭلار، ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، كىچىك پېئىل، كەمتەر بولۇڭلار. ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت ۋە خىزمىتىڭلار كۆپ بولسۇن.  تۇققانلار ئوتتۇرسىدا شەپقەت،  مۇھەببەت كۆپ بولسۇن.  بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى كولىماڭلار.  پىخسىق ئەمەس مەرد بولۇڭلار.  نىئمەتلەردە ھالال دائىرىگە قانائەت قىلىڭلار.  ھەشەمەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئىسراپلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭلار.  رىياكارلىق،  مەنمەنچىلىكتىن ساقلانمىساڭلار،  ئېغىر زىيان ۋە ئازاپ كەلتۈرىدىكەن.  چۈنكى قەبىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە دۇنيا ئەھلىلىرى نەزىرىدە ئېسىل بولغان نەرسىلەر ئۇ تەرەپتە يىرگىنىچلىكتۇر، ئازاپتۇر.
ئاچچىقىڭلارغا،  تىلىڭلارغا ھاكىم بولۇڭلار .  كەمبەغەللەرگە شەپقەتچان،  كىچىكلەرگە ۋە كېسەللەرگە مەرھەمەتلىك بولۇڭلار.  ئۆسۈم ۋە پارىلارغا يېقىن يوللىماڭلار.  ھارام-ھالالنى بىلىڭلار.  ھاراقنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىردۇر.   مۇسۇلمانلار سالاملىشىپ تۇرۇڭلار.  مۇ بارەك كېچىلەرنى غەپلەت بىلەن ئەمەس ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.  كىچىك گۇناھلارنى كىچىك كۆرمەڭلار،  بۇلۇپمۇ بالا تەربىيىسىگە بەكمۇ دىققەت قىلىڭلار.  قىزلار كىيىم-كىچەكلىرىگە دىققەت قىلسۇن.   بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرۇڭلارغىمۇ دىققەت قىلىڭلار.  يۇقۇرقىدەك شەرىئەت مەسىلىلىرىگە سەل قارىلىدىكەن،  پۇشايمانلار بەكمۇ كۆپ بولىدىكەن ئانا.   خەق كۆرمىدى دېمەڭلار،  گۇناھ يۇشۇرۇن قالدى دېمەڭلار.  يۇشۇرۇن گۇناھ يوق ئىكەن.   ئەزالىرىمىز نېمە ئىش قىلغان بولسا ئۆزلىرى بىرنىمۇ قويماي گۇۋاھ بولىدىكەن،  سەل قارىماڭلار ئانا سەل قارىماڭلار.
ئۆلۈمگە ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكىگە ياخشى  تەييارلىنىڭلار.   نەفسىڭلارنىڭ ئىستىبدادى ئاستىدا قالماڭلار.  جىھادنى نەفسىڭلار بىلەن قىلىڭلار.   بۇ تەرەپتە ھېسابقا تارتىلىشتىن بورۇن،  ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھېسابقا تارتىڭلار  .چۈنكى ئىنسان كونتىرولسىز ئەمەس.   ئەبەدى ئالەمگە نامزاتتۇر.  چوڭ،  كىچىك،  ئاز-كۆپ پۈتۈن ئەمەللىردىن ھېساب بېرىدۇ.  يا ھەسرەتكە قالىدۇ،  يا مۇكاپات ئالىدۇ!
جېنىم ئانا، دەيدىغانلىرىم يەنە كۆپ بولىشى مۇمكىن.  ھازىر مۇشۇ يەردە توختىتاي.  
ئاخىرقى سۆزۈم: _  ھايات، دۇنيادىكىلا ھايات ئەمەس ئىكەن. سەگەك بولۇڭلار ۋە تېخىمۇ سەگەك بولۇڭلار....



[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-09-25 22:16قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 2509 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2011-10-21

ئۈلۈمدىن كىيىنكى ھەقىقەتلەر................... ئۆلگەندىن كىيىن تىرلىش ھەق.قىيامەت ھەق،مۇكاپات-جازا ھەق. پەرىشتىلەر ھەق پەيغەمبەرلەر ھەق................... بىزلەرنى قىيامەت كۇنى شۇ ھەقلەر ئۇستىدە تىرىلدۈرگىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
ئۆسۈش: 520 %
مۇنبەر پۇلى: 1910 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 23:01

ئاللاھ،،قىلغان گۇناھلىرمىزنى كەچۇرگەي!!!!!!!!!!!!
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 376
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە376دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4365 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 23:23

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تىمىڭىزنى ئوقۇپ بولغىچە تەنلىرىم ئىرىپ بەدىنىمنى قورقۇنۇچ قاپلاپ كۆزلىرىم نەملىشىپ خۇددى راس شۇ ئىشلارنى ئوز كۈزۈم بىلەن كۆرگەندەك تۇيغىغا كىلىپ قالدىم . ئاللاھ خالىسا ئىمانىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن .
بەلكىم بۇ تېمىڭىزنى ھەر قانداق بىر ئادەم كۆرسە تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن ،ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، بۇرۇن ھەمزە قېرىندىشىمىز ھايات ۋاقتىدا مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلاردىن پات-پات ھوزۇرلىناتتۇق ھازىر سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزدىن ئۇزۇق ئېلىۋاتىمىز رەھمەت سىزگە،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،
ئۇللۇغ رەببىم ھەممىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى قۇبۇل قىلىپ سالىھ مۇسۇلمان كىشلەر قاتارىدىن قىلسۇن ،ھەمىمىزنى قەبرى ئازابىدىن ساقلىسۇن ئامىن...........................................................................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 102
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 85 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 00:36

ئاللا ئىككى ئالەمدە سائادەتمەن بەندىلەردىن قىلسۇن.
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2396 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-10-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 01:12


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!

بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۇزۇندىن بېرى قەلبىمدىن ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغان ھەقىقى قورقۇنۇچنى تېپىۋالدىم.

 ئۆلگەندىن كىيىن يۈز بېرىدىغان بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا ھازىرغىچە غەپلەتتە يۈرىۋېرىمىز  
ئىھ ، ئاللاھ بىزگە ھەقىقى ئىمان، ھەقىقى قورقۇنۇچ ئاتا قىلغىن!!!   ئامىن.....................
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
mp3
People  believe  what  the   newspapres &nbs ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 169
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 2160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2011-10-15
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 12:14

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!كەڭ سايدىكى بارلىق ئەزالارغا اللەنىڭ سالىمى،رەھمىتى،مەغفىرىتى،نۇسىرەتلىرى بولسۇن،ئۇزۇندڭن بۇيان پارولنى ئۇنتۇلۇپ قالغاچ كىرەلمەي قالدىم،كىرىپلا شۇنداق ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم،اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،ئوقۇۋېتىپ ھەمزە كەتكەندىن بۇيان خېلى ياخشى تېمىلارمۇ يوللىنىپ تۇرۇۋېتىپتۇ،ئەمما مەرىفەت مۇنبىرى تاقىلىپ قېلىپ شۇنداق ئېسىل مۇنبەردىن ئايرىلىپ قاپتىمىز....ئۆلۈم ھەققەتەن ھەق ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلمەك ھەم ھەق،ھەرقاچان ھەر جايدا بىزلەرنىڭمۇ ئەشۇ يېگانە ھەم يالغۇزبولغان شۇ قەبرىگە يالغۇز كىرىپ كېتىدىغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى،اللە ھەربىرىمزنىڭ ئەممەللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئەشۇ قەبرە ئازابىدىن ساقلاپ قالسۇن،امىن!
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2396 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-10-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 14:14

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى نەفىسە نىڭ 2011-09-28 12:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!كەڭ سايدىكى بارلىق ئەزالارغا اللەنىڭ سالىمى،رەھمىتى،مەغفىرىتى،نۇسىرەتلىرى بولسۇن،ئۇزۇندڭن بۇيان پارولنى ئۇنتۇلۇپ قالغاچ كىرەلمەي قالدىم،كىرىپلا شۇنداق ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم،اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،ئوقۇۋېتىپ ھەمزە كەتكەندىن بۇيان خېلى ياخشى تېمىلارمۇ يوللىنىپ تۇرۇۋېتىپتۇ،ئەمما مەرىفەت مۇنبىرى تاقىلىپ قېلىپ شۇنداق ئېسىل مۇنبەردىن ئايرىلىپ قاپتىمىز....ئۆلۈم ھەققەتەن ھەق ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلمەك ھەم ھەق،ھەرقاچان ھەر جايدا بىزلەرنىڭمۇ ئەشۇ يېگانە ھەم يالغۇزبولغان شۇ قەبرىگە يالغۇز كىرىپ كېتىدىغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى،اللە ھەربىرىمزنىڭ ئەممەللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئەشۇ قەبرە ئازابىدىن ساقلاپ قالسۇن،امىن!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ۋە بەركىتى ۋە مەغفىرىتى بولسۇن!!!  مەرىفەت مۇنبىرى تاقىلىپ قالمىدى، پەقەت شۇ ئىسمى( مەرىپەت)  كە ئۆزگەردى.
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر