باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 912 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رەڭگارەڭ دۇنياغا بېرىلگەن بىشارەت...
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 20:05

رەڭگارەڭ دۇنياغا بېرىلگەن بىشارەت...


 
زامان ئاخىرى ئىنسانلار ئويلاپ باقمىغان ھەر خىل ئاجايىپ ئىشلار پەيدا بولىدۇ. ھەر خىل يېڭى شەيئى ، ھەر خىل پرىنسىپ ، خىلمۇ خىل ئەخلاق تۈرلىرى ، رەڭگا رەڭ تۈزۈم پەيدا بولىدۇ، بۇ زاماندا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار كەينى -كەينىدىن كۆرۈلىشكە باشلايدۇ. ئاللانىڭ ئەلچىلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق بىر زاماننىڭ كىلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەن، ۋە ئىنسانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇ ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار بىلەن تەپەككۈرىڭلارنى قالايمىقان قىلماڭلار دېگەن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دېگەن: سەن پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ،پەقەت ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەر پەيدا بولسا ، زامان ئاخىر كەلگەن بولىدۇ، ئۇ يەنە زامان ئاخىرى كېلىشتىن بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان ۋەقەلەر بولىدۇ، كىشىلەر بۇنداق نەرسىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمىز دەپ سوئال قويۇشقان چاغدا، سىلەر ئاللانى ئەسلەڭلار، چۈنكى بۇ زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى.
2. كىيىمى ئۇچىسىنى ياپالمايدىغان ، نامرات ،قالاق پادىچىلار چوڭ چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىشىدۇ. ئىمانسىز كىشىلەر ، ھەدىستىن خەۋىرى يوق كىشىلەر بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ،
ئاشۇ قوسىقىنى باقالمىغان ، كىيىمى پۈتۈن بولمىغان ئاياق كىيىشكىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان پادىچىلار قانداق قىلىپ ھاپىلا -شاپىلا ئېگىز بىنالارنى سېلىپ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىشىپ كەڭ زېمىن`گە قارىشىپ كېتەر؟ بىراق ھازىر قۇملۇقتىن نېفىت چىقىپ نېفىت پۇللىرى بەزى قالاق مەملىكەتلەرنى بىراقلا باي قىلىۋەتتى، نامرات پادىچى ئادەملەر بىراقلا مىليۇنىر بولۇشۇپ ئارقا-ئارقىدىن ھەممىسى داچا-بىنا سېلىشىپ كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالدى. روسۇلىللا نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇدىغانلىغىنى ئالدىن خەۋەر قىلغان، روسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: سىلەر نامرات يالاڭ ئاياق يۈرۈدىغان پادىچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېگىز بىنالارنى سېلىشقانلىغىنى كۆرگەن ۋاقىتتا زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغان بولىدۇ.
 

3. ئۆيلەرنى خۇددى كىيىمنى لاھىلىگەندەك لاھىيلەپ سېلىش.بۇرۇنقى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆي سېلىشىغا بۇنچىلىك كۈچ سەرپ قىلىشىپ كىيىم لاھىلىگەندەك تۈجۈپۈلەيدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ، چۈنكى ئۇلار ئۆينى بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايتتى. ھازىر بۇ زامان كەلدى، بىز روسۇلىللا دېگەن ئەھۋاللارنى كۆرىۋاتىمىز. روسۇلىللا مۇنداق دېگەن: ئادەملەر ئۆينى كىيىم لاھىيلەپ تىككەندەك لاھىيلەپ سالسا ، زامان ئاخىرى كىلشكە ئاز قالغان بولىدۇ.
4. دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئارىلىقى قىسقىراپ كېتىش. بۇرۇن كىشىلەر دۇنيادىكى جايلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ بۇنچىۋالا قىسقىراپ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا يىراقلاردا بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تېپىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا روسۇلىللا مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە ئالدىن خەۋەر قىلغان ئىدى: زېمىن قاتلىنىپ ، غەرب ۋە شەرقتىكى كۆپلىگەن جايلارنى كۆردۈم، مەندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار بارىدىغان جايلارنىمۇ كۆردۈم، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا
ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇندىن كېيىن زىمىنىڭ ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، ۋاقىت قىسقىراپ زېمىن قاتلانغاندەك يېقىنلاشقان چاغدا، زامان ئاخىرغا ئاز قالغان بولىدۇ.
ھازىر يەرشارىدىكى ئارىلىق قىسقارغاندەك ، قاتلىنىپ يېقىنلىشىپ قالغاندەك بولىۋاتىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋاپلىرىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر بۈرجىكىنى كۆرەلەيدۇ، يەردىكى كىشىلەر ئۇلار تارقاتقان ئۇچۇر بىلەن يەرشارىنى كۆرەلەيدۇ. ئاۋاز ۋە سۈرەت يىراقلاردىن ناھايىتى تىزلا يەتكۈزىلىدۇ، قاتناش تەرەققى قىلىپ، ئارىلىق قىسقىراپ كەتكەندەك بىلنىشىدۇ، ۋاقىت قىسقىراپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىلىدۇ. بۇلار رەسۇلىللانىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى.


5. ھايۋانلار سۆزلەيدۇ، نەرسىلەر گەپ قىلىدۇ، ئايالى ئۇچۇرنى ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.ھايۋانلارنىڭ سۆزلىشى قەدىمكى زاماندا مۇمكىن بولمايدىغان بىر خام خىيال دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى، ھازىر بۇنداق ئاجايىپ ئىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھازىر ھايۋانلار ئادەملەرگە گەپ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ، ئادەملەر كالىنىڭ ئىنسانغا نېمە دېمەكچى بولغانلىغىنى بىلىۋاتىدۇ، ئۇزاققا قالماي، ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىپ باققۇسى كېلىپ قېلىشى مۇمكىن،نەرسىلەرنىڭ گەپ قىلىشى بۇرۇن مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھازىر ئەمەلگە ئاشتى،بۇرۇنقى كىشىلەر ئايالى ئۆيدىكى ئۇچۇرنى ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشىنى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى،ھازىرقى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئەسۋابى، يانفۇن ، دېگەندەك ئەسۋابلار ئومۇملىشىپ بۇ ئەمەلگە ئاشتى، يەنە بەزى ئەسۋابلارنى كۆزەينەك رامكىسىغا ۋە ياكى ئاياقنىڭ چەمىگە ئورنىتىپ ئىز قوغلاش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشماقتا،بۇلارنى روسۇلىللا مۇنداق دەپ ئېيتقان ئىدى: روھىمنى باشقۇرغۇچى ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھايۋانلار زۇۋان سۈرسە، ئاياقنىڭ بوغۇچى ۋە چەمى ئۆيدىكى ئەھۋاللارنى خەۋەردار قىلالىغان ۋاقىتتا زامان ئاخىرى كەلگەن بولىدۇ.
6. بىلىمى چوڭقۇر ، لېكىن دىندىن خەۋەرسىز،بۇرۇن مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى بىلىمنىڭ ئومۇملىششى ۋە تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ، ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار سادىق بولۇپ، سادىقلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بۇرچىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۆلچىمى ئىدى، ھازىر بولسا ئۇنداق ئەھۋال يوق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق ئەمەس، روسۇلىللا مۇنداق دېگەن: ئۇ چاغدا بىلىمى بارلار كۆپ بىلىدۇ، لېكىن تونۇشى بارلار ئاز بولىدۇ، قانۇن ئىجراچىلىرى كۆپ بولۇپ، سادىقلىرى ئاز بولىدۇ، بۇ دەل زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. ئەسلى بىلىم بولسا ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ ئاساسى ، بىلىمسىزلىك بولسا ئېتىقادى سۇسلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى، بىراق ھازىر بۇ ئىككىسى ئالمىشىپ كەتتى. روسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇندىن كېيىن بىلىمسىز ئېتىقاد قىلغۇچىلار ، ئىمانسىز بىلىملىكلەر پەيدا بولىدۇ.
7. مال-مۈلۈك كۆپىيىپ، سودا تىجارەت تەرەققى قىلىدۇ، مەدەنىيەت ئومۇملىشىدۇ.روسۇلىللا مۇنداق دېگەن:مال-مۈلۈك كەڭ ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشسا، ھەممە جايدا سودا-سېتىق بولۇپ كەتسە،قەلەمنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بۇلارمۇ ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرى، قەلەمنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ كەتسە دېگىنى دەل مەدەنىيەت سەۋىيە ياكى بىلىمنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، قەلەم بىلەن يازىدىغان نەرسىلەرنى كۆپىيىپ كەتسە دېگەنلىك بولىدۇ.
8. ئاياللار مەيدە-دۈمبىلىرىنى ئېچىۋالسا، ئۇلارنىڭ چېچى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭشىپ تۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە. بۇرۇن ھېچكىممۇ مۇسۇلمان ئاياللار كىيىملىرىنى سېلىشىپ بەدىنى بىلەن ئەرلەرنىڭ
ئىشتىياقىنى قوزغاشنى ئويلىمايتتى. ھازىر گەرچە كىشىلەرنىڭ كىيىملىرى موللاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ كىيىملىرى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، يالىڭاچلىنىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى ئېغىر بولىۋاتىدۇ، گەرچە رەختلەرنىڭ خىلى كۆپىيىپ باھاسى ئەرزانلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ بەدەننى قىسىپ تۇرىدىغان كىيىملىرى ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنى تامامەن ئوچۇق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى كىيىملىرى سۈزۈكلىگىدىن بەدەنلىرى ئوچۇق ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ، قەستەن كىيىۋالغان قىسقا يوپكا كىيىملىرى پۇت-پاقالچاقلىرىنى نامايىشكە سېلىۋاتىدۇ. ئەر –ئاياللار بىرگە چۈشىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلىدە بولسا ئاياللارنىڭ كىيىمى تېخىمۇ ئاز بولۇپ پەقەت ئۇلارنىڭ قىسمەن جايلىرىنىلا يېپىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئاياللار كىيىۋالغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلىرى ئۇلارنىڭ ساغرىسىنى چوقچايتىپ مېڭىشقا مەجبۇر قىلغاچقا ، ۋە ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا بولغاچقا ، ماڭغاندا چاچلىرى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭشىپ تۇرىدۇ، بۇلار دەل ئەرلەرنىڭ شەھۋەت ئىشتىياقىنى قوزغايدۇ. روسۇلىللا بۇ ئەھۋاللارنى ئالدىن خەۋەر قىلغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: مىنىڭ قەۋمىمدىن مۇنداق ئىككى خىلدىكىلەرنى مەن تېخى كۆرمىدىم، بۇلار دەۋزەققە كىرىدۇ، بۇلارنىڭ بىر خىلى قامچا ئېلىۋېلىپ پۇقرالارنى قامچىلىغانلار، يەنە بىرى بەدىنىنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى ئېچىپ ، يول ماڭغاندا بەدىنىنى ئالدىغا غادايتىپ ، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭلىتىپ يۈرۈيدىغان ئاياللار.
9. ئەرلەر ئاياللاردەك ياسىنىۋالسا، ئاياللار ئەرلەردەك ياسىنىۋالسا. بۇرۇن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئاياللارچە ياسىنىۋالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ چاغلاردىكى قەبىلە جەمئىيىتىدە، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر قىز پەرزەنت كۆرىشنى نومۇس دەپ بىلىپ، قىز بالىنى تىرىك كۆمىۋىتەتتى، ھېچكىم ئايالچە ياسىنىش دېگەن ئويغا كېلىپ باقمىغان چاغلار ئىدى. ئۇ چاغدا ئاللانىڭ ئەلچىسى كىشىلەرگە زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا ئەرلەرنىڭ ئايالچە ياسىنىشى ۋە ئاياللارنىڭ ئەرەنچە ياسىنىشىنى تىلغا ئالغان.
10. كىشىلەر ئىت بېقىشنى ياخشى كۆرۈپ بالا بېقىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەخلاق جەھەتتىن قاتتىق چۈشكۈنلۈك يۈز بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب قەبىلە جەمئىيىتىدە ، كىشىلەر پەرزەنت كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، بالا كۆپ بولسا ياخشى دەپ قارايتتى، بالا بېقىشتىن زىرىكىشنى كىممۇ ئويلاپ باققان؟ تېخى ئىت بېقىشچۇ؟ بىراق ۋاقىت ھەممە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، ئاللانىڭ ئەلچىسى خەۋەر قىلغان بۇ ئالامەتلەر ھازىر ئەمىللىشىۋاتىدۇ. روسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئۇ چاغدا ، كىشىلەر ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بالا باققۇسى كەلمەيدۇ، قېرىلار ھۆرمەت قىلىنمايدۇ، چوڭلارنىڭ مىھرىۋانلىغى قالمايدۇ، ياشلاردا زىنا قىلىش مۇدا بولىدۇ، چوڭلار كوچىدىلا ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىشقا ئۇرىنىدۇ،كىشىلەرنىڭ يۈرىكى قارىداپ سىرتتىن مۇلايىمدەك كۆرىنىۋالىدۇ، ئۇدۇلدىن خۇشامەت قىلىپ كەينىدىن ئورەك كولىشىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال بولغاندا، زامان ئاخىرىغا ئاز قالغان بولىدۇ.
ھايۋاننى چۈشۈنىشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشۈنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ.......
ئادەم غۇرۇرنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولىدۇ


ھا..ھا...ھا...ما ئەخمەقلەرنى قارا ...ھا..ھا ..ھا ...ب بىزىڭ ئەۋلادىمىىز....ھى..ھى..ھى.. ..


ماڭە ئەۋلادىم ....ماڭە ....مەن سېنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرەي ،بەلكى بىر تاشقى پىلانىتلىق تۇغۇلۇپ قالامدۇ .. شۇنىڭ بىلەن كىيىن تاشقى پىلانىتلىقلار كېلىپ قالسا ئۇلارمۇ بىزنى ئەجدادىمىز دەپ قارايدۇ ..

دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-20

مايمۇنەكلەر بىزنى زاڭلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇدە،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
WA PA DAR
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 21:43

ئەي قېرندشم  ئۇلۇغ ئاللا يوللىغان تىمىڭىزغا ۋە قىلغان ئەجىرىڭىزگە كوپلەپ ئەجىر ۋە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7728
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 799 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-04
ئاخىرقى: 2011-10-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 22:55

اللە بىزلەرنى ئاخىر زاماننىڭ شەرمەندىچىلىكلىرىگە داخىل بولغان پاسىقلاردىن قىلىپ قويمىسۇن .،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى .ئۆز ئائىلىمىزدىن باشلاپ ناچار خۇلىق ،ناچار خىسلەتلەرنى تۈگىتەيلى .اللەھقا تەقۋالىق بىلەن يېقىنلىشايلى .
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 756
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە756دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 7902 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 13:09

تېمىڭىزغا رەھمەت، بەزىدە مۇشۇنداق تېمىلارنى ئوقۇسام بىر قىسمىلا بۇپ قالىمەن....
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
ئابدۇسالام888
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9071
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-26
ئاخىرقى: 2011-09-27
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 22:55

ئاللا رەھمەت قىلسۇن
mp3
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-28
ئاخىرقى: 2011-09-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 16:49

ئاللا رەھمەت قىلسۇن