باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 568 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۇناھ،مىھر،ۋىجدان،ئەركەكلىك سۆزلىدى!
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 20:02

گۇناھ،مىھر،ۋىجدان،ئەركەكلىك سۆزلىدى!

شۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىزلا ۋىجدانىم سورقىغان چۇشۇپ قالدىم ،شۇنىڭ بىلەن ھەم
 كەلگۈسۈمگە نىشان بەلگىلەندى،ئۆمرۈمگە ھۆكۈم چىقرىلدى............
،گۇناھلىرىمنىڭ
ھەممىسى ئالدىمغا كىلىپ ئولتۇرۋېلىشقان ئىدى ، تۇرۇپ قاراپ-قاراپ قوياتتى..
تېخى بىر ئىككىسى ماڭا قاراپ كۈلۈشتى................. ئىنسانىيلىقىم باش سوتچى،مەئىشەت ئەمدىلىكتە پۇتۇكچى بولۇپ قاپتۇ......ۋاقىت قىس بولسىمۇ مۇنۇ پۇتۇكلەرنى ئىقرار قىلدىم.........
گۇناھ

گۇناھ تۇيغۇڭ ئۆلگەن كۈنىڭ سەن ئادەم ئەمەسسەن،ئەمما ھايۋان دىيەلمەيمەن،گۇناھ تۇيغۇڭنى يوقاتقانلىقىڭ ئۈچۈن سىنى ھايۋان دىسەم ھايۋانغا ئۇۋال قىلغان بولىمەن، سىنىڭ ئەقلىڭ بار گۇناھ ئۆتكۈزسەن لىكىن ھايۋاننىڭ ئەقلى يوق گۇناھ ئۆتكۈزەمدۇ ؟؟؟....
گۇناھ تۇيغۇڭ تۇغۇلغان كۈنى سەن ئادەمدىن يۇقىرى پەيغەمبەردىن تۆۋەنسەن، جاھاننى گۇناھىڭ بىلەن قاراڭغۇ قىلىشمۇ سەندىن ياخشىلىق،ساۋاپ،ساخاۋەت ،مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل قىلىشمۇ سەندىن.....يارتىش مەندىن قانداق يارىلىش ئۆزەڭدىن دىيىلگەنلىكى ئۈچۈنلا يارالمىشىڭنى شۇنداق يارتامسەن؟؟؟ ئۆزۈڭنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى بىلسەن، ساڭا يارىتىپ بەرگەن ئىنسانىي ئەخلاقنى ياراتمىغانلىقىڭمۇ ياكى شۇ ئەخلاقنى تاپالمايۋاتقىنىڭمۇ؟؟؟
ئەسلى ئازغان شەيتان-مەلئۇنلارغا مەئىشەت ،بۇيۇك ياراتىلغان ئىنسانغا بەرىكەت تەقسىملەنگەن
سەن ئىنسان لىكىن ماڭا نىمە ئۈچۈن بەرىكەت يوق دەپ ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟؟؟
ئىگىمىز ئەقىل بەردى تەن بەردى ، ۋە ھەم ھەممىنى تەل قىلىپ بەردى نىم قىلغانغا گۇناھ قىلسەن يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولىدۇ؟؟؟ ئۆز ھاياتىڭدا تەسىرلەندۇرۇپ، ھىدايىتىگە كىرمەيسەن، ئىگىمىز سۆيۈندۇرگىدەك ھالال ئىش ئىزلرىڭ بىلەن گۇناھىڭنى مەغبىرەت قىلىشنى تىليەلمەيسەن، يەنە ۋايسامسەن؟؟؟ تەڭشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن باتناپ ،ياندۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن گۇناھ ئۆتكۈزەمسەن ياكى ئېزقىپمۇ ؟؟؟، ،ئەسلى قانداق ياشىشىڭدىن يىراقلاپ كەتمە ....ئەقىڭ بىلەن ياشا ،ياراتتى، بەردى، ھەم قايتۇرۇپ ئالالايدۇ....
گۇناھ.....
ساڭاگۇناھ....
ماڭا گۇناھ....
بىزگە ھەم گۇناھ...
بۇرۇتنى قويۋېلىپ ئوغۇل،
يۈرەر يىلنىپ قىزنىڭ ئارقىسدىن،
قاۋاق پاناھ بولدى ئاتىغا،
باستى ھەم ئەركەكلىك يەلكىسدىن،
قىز بۇرۇنلا چىقىپ بولغان ،
بەزىلەر تاپالمىغان ھايا پەردىسىدىن،
ئانا يۈرەر،بۇۋىملەر چېيىدا،
چۈنكى ئۇمۇئايرىلغان،پاناھ سەركىسىدىن،
مىھىر-مۇھەببەت قاقاستا قالغان قاغجىراپ،
ساختا دۇنيا تەبئىيلىكنى قوغلاپ ئالدىراپ،
ۋىجدان قاراڭغۇ ئەۋرەزدە،ۋارقىراپ ھالسىراپ،
غورۇرغا چاپلاشتى ئاياغ ئاستىغا قالدى ھەم بەركىتىدىن،

يۈرەك ئەسلى ئۆلگەنسەن،ئالدىما ئۆزۈڭنى،
سۇبھىدىكى يالغان شەپەقمۇ ئالدىدى كۆزۈڭنى،
نازاكەت،ئەركەكلىك،ھەر چاغ بىر ئالىدۇ سۆزۈڭنى،
ئىنسان ئايرىلدى ئادەم ئاتا بەرگەن غەيرىتىدىن،
قىممەت ھاياتىم ئالماشتى<<كۈن ئۆتكۈزۈشكە>>،
سۆيگۈم قۇرۇق،ئۆمرۈم ئۇچرىدى مۆكتۈرۈشكە،
ئاھ ئىسىت،مۇھتاج بولۇرمەنمۇ يالغان كۈلۈشكە،
كەلدىڭ-كەتتىڭ زامانى ھاياتنىڭ سەپرىدىن،

سەللىلىك مەزىن ھۆرمەتلىك ئىمامغا قارا سانىسا،  
300كويغا قىزىم ئالدىنىپ بىراۋ ئارقىسدىن ماڭسا،
مىنىڭ گۇناھىم ،غۇبارسىزپاك ئوغلۇمغا يانسا،
ۋىجدانىم قىلماسمۇ سوراق،ئىنسان ھەسرىتىدىن،
بىر مەردتنى نەچچە نامەرىت قىلدى بوزەك،
<<ئېسل>>دىگنىمدىن چىقتى قۇرۇق غوزەك،
پاك بەندىگىمۇ گۇناھ ھەمراھ،بولدى بىزەك،
گۇناھ تۇيغۇمنى تاپالمىدىم ۋىجدان نەپرىتىدىن ،
مەنپەئەت دەپ ئاكا-ئۇكابىر-بىردىن تانسا،
ھۆرمەت سوۋۇپ بالا دادىغا تىك تۇرۇپ يانسا،  
ئۇنتۇلغان بەخىت،ئايال ئەردىن ھەم چانسا،
مەنزىلىم قايان،تاپالمىدىم مىھر-بەخىت سەپىرىدىن،
تەنلىرىم ئوينىدى شەيتان بىلەن تاڭسا،
گۇناھتۇر،دىيەلمەي ئېغىزىم چىشلىدى غاڭزا،
بىلىپ تۇرۇپ پۇتلۇرۇم خاتا يولدا ماڭسا،
ئازغۇنلۇقتا گاڭگىردىم،يىراقمەن گۇناھ مەغپىرتىدىن،
بىلىپ تۇرۇپ ئازدى <<ئازغۇن بەندە>>دىدى،
ئىنسانلا ئەمەس ئادەم ئاتىمۇ ئازغان دىدى،
ھالاللىق ئەسلىدە ھەممىمىزگە ھەمراھ ئىدى،
ئۇنتۇلدى قەبرە ،ئازدۇرغان شەيتانلار دەستىدىن،
بەرگىسىزئۆمۈر،مىھىرگۈلىدىن توزدى غۇنچە،
يالغان تەبەسسۇم ھەمرادۇرئازاپلارغا شۇنچە،
يۈركۈمدەمۇزلىغان ئىنسان مۇھەببىتى بۇنچە،
دۇئايىم يەتمەسمۇ،ئىمانلىق بەندە ھەزرىتىدىن،
پاك كىلىپ ئىنسان گۇناھ بىلەن، كىتەرمىزمۇ ؟؟؟
مىھرىبان ئىدۇق ،ۋىجدان سورقىنى يۈتەرمىزمۇ؟؟؟
ئاق سۈت بەدلىگە ،تالاي گۇناھلارنى پۈتەرمىزمۇ؟؟؟
ئايرىلارمەنمۇ ئىگەمنىڭ ھەرچاغ بەرگەن شەپقىتىدىن،

مانا بىزگە تاماششا
باشقىلار بىزنىڭ ھالال جۈپتىلىرىمىزنىڭ بىلىنى قۇچۇپ تانسىنى ئوينايدۇ بىز ئۇلارغا مەسلىكىمىزدە، تۆۋەندە تەڭ چاۋاك چېلىپ ئۇلارغا مەدەت بېرىمىز....
مانا بىزگە تاماششا
كىتاپخانىلار ،قىرائەتخانىلار چىۋېن قورۇپ يۇرۇيدۇ...
تانسىخانا،مەيخانا ،دىبالاردا، كىشلىرىمىز چىۋىنلارغا ئورۇن بەرمەي زاكاس قىلشىپ شەيتانلارنى قىستاپ چىقىرۋېتىشمەكتە.....
مانا بىزگە تاماششا .
ئىنسان ئولتۇراقلىشىدىغان ئىسسىق ئۆيلىرىمىز چاڭ بېسىپ شەيتانلار نەغمە قۇرماقتا ...لىكىن ئىگىلىرى بولغان ئانا تانسىخانىدا ئاتا مەيخانىدا ، بالا دىبادا... ئېھ! ئالماشقان ھايات ،ئالماشقان دۇنيا...
ئالدانغان ھۆرمەت
مەن سۆيگەنلەرنى ئەمەس سۆيۈلگەنلەرنى ھۆرمەتلەيمەن....
پارقىراپ،<<ئېسل>>،يۈرگەنلەر ئەڭ ئالقىشقا ئىلىنماقتا... ساختا نىقاپلانغان كىشلىك دۇنيا بىزدىكى ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى،يىراق جاڭگاللارغا،چۇڭقۇر ئازگاللارغا...تاڭماقتا ،ئىتتىرمەكتە..........يۈركىمىزنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز، ئەمما تەپەككۈرسىز،ھېسياتسىز،ساختا خۇشاللىققا چۇمۇش، تېنىمىزنىڭ تىرىك ئىكەنلىكنى ،ئادەمدەك تىك تۇرشىمىزنىڭ ئۆزىلا يۈركىمىزنىڭ ئۆلمىگەنلىكنى ئىسپاتلامدۇ؟؟؟.....
<<پارقىراپ>>،سىزگە <<ئېسىل>> ،چىرايلىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن ھۆرمەتلىك ،سۆيۈملۈك،....ئەمما بىراق لىكىن ئەپسۇس ئەتراپىڭىزدىكى سىزگە پەرۋانە بولۇۋاتقان،مىھر بېرۋاتقان،خۇشاللىق ئاتا قىلۋاتقان،سىزگە ياردىمنى ئايماي قولى كۆكسىدە ئىگىلگەنلەر سوغۇق كۈلسىز،يىغلاپ قالغىنىڭىزدا،بولسا كۆزڭىزدىكى ياشنىڭ نىمە ئۈچۈن تۆكۇلۋاتقانلىقنى بىلەلمەيسىز،پەقەت ئۆزۈڭىزنىڭ كۆزدىكى ياشلارنى سۇرتۈشكە ئۈلگۈرەلمەيۋاتسڭىز ،قانداقمۇ يىغلىمىغانلارغا تەسسەللىي بىرەلەيسىز، كۆزلىرىمىزدىكى ياش ئاجىزلىقىمىز،خاتالىقلىرىمىز،قىسمەتلىرىمىز ئۈچۈن تۆكۇلمەيدۇ، بەلكى بىرنىڭمۇ باشقىلارنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەبچى بولغان ئەقىلسىزلىقلىرىمىز بار ئىگىمىز شۇنى بىزگە ياندۇرۇپ كۆرسۇتۇش ئۈچۈن يەنە مىھرىبان كۆزلىرى بىلەن قاراپ پەقەت كۆز يېشى بىلەنلا تۆككۈزىدۇ...
قېنى تەڭرىم بەرگەن ئادالەت،قېنى سىزدىكى <<ئۆلمىگەن>>يۈرەك، ئاشۇ يۈرەككە يۈز كىلەلىسڭىزلا بولاتتىغۇ....

سەبىيدىن بۈيۈك خىيال
 
يەنە يامغۇر ياغدى،زەڭگەررەڭ ئاسمان يىغلىدى......
ئۈزلۈكسىز ئەمما،ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چۇشكەن يامغۇر تامچىسى نىمدىگەن سۈزۈك نىمدىگەن پاك ھە.....
بۇ ئاسماننىڭ كۆزيېشى ئەمەس بەلكى ،بەلكى ھەممىمىزگە بەرگەن مىھر-مۇھەببەت پاكلىق بەرگۈچى زەردۇر... پۇتۇن كائىنات،قەلبىنى،كۆڭلىنى ،يۇركىنى مىھىر بېرىپ يۇيۋاتىدۇ،پاكلاۋاتىدۇ...مەنمۇ تىرىكلىكىمنىڭ بەلگىسى بولۇپ سوقۋاتقان يۈركۈمگە ئەمەس بەلكى مىھرگە زار بولغان،مۇھەببەتسىرغان ئۆمرۈمگە، قەلبىمگە كۆڭلۈمگە،يۈركۈمگە لىققىدە تولدۇرۋالايچۇ!!!...ھەركۇنى زەھەر تۇتەكلەربىلەن زەھەرلەنگەن خارلانغان قاردىغان ئۆپكەمگە تولدۇرۇپ تولدۇرۇپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلۋالاي،قارلىقنى ھەيدەي ئاقلىق پاكلىققا تولدۇراي...كۆڭلۈمدىن باشقىلارمۇ سۇ ئىچسۇن،كۆڭلۈمدىكى داغنى يۇياي،مىھر قولۇمنى يۇياي،باشقىلارغا ياخشىلىق،مىھربانلىق يەتكۈزەي ،شۇندىلا ئۇلارنىڭ چېھرىدە ھەقىقىي چىن تەبەسسۇمنى كۆرەلەيمەن....
ئويلاپ قالىمەن ئاشۇ ئاسمان چېغىدا بارلىق كائىناتقاۋە ياشغۇچى پۇتكۈل ئىنسانلارغا مىھرىدىن يامغۇر بىرەلەيدىكەن ،ئەجىبا بىز نىمىشقا سانى ئاز ئەتراپىمىزدىكلەرگە قولىمىزدىن كىلشىچە مىھىر بىرەلمەيمىز....
قەلبىمدە لىققىدە مىھر-مۇھەببەت :
سالام دادا،ئاپا:سىلەرگە قەلبىمدىكى مىھردىكى ئائىلە مىھرىدىن بىر قۇچاق بىرەي....
سالام دوسىتلۈرۈم:سىلەرگە قەلبىمدىكى مىھردىكى دوسىتلۇق مىھرىدىن بىر بوغچا بىرەي...
سالام قېرىنداشلىرىم: سىلەرگە قەلبىمدىكى مىھردىكى قېرىنداشلىق مىھردىن بىر سىۋەت بىرەي...
سالام ئىنسانىي ھايات:ساڭىمۇ قەلبىمدىكى مىھر-مۇھەببەتتىن بىر جاھان بىرەي بۇنى ھەممە ئىنسانلارغا تەڭ تەقسىملەپ بەرگەن بولامدۇ؟؟؟........ئەكەل قولۇڭنى پۇتۇشتۇق ئەمسە.....
سالام ئاكا،سالام ھەدە: يۇقۇردىكى سەبئىي خىياللىرىملا ئەمەس بەلكى ھەممىمىز مۇھتاج بولغان كەلگۈسىمىزدىكى بىر ھەقىقەت.........
ھەزرىتى ئەركەككە
راڭپىزا،لەڭپۇڭلاردەك ئىگلىپ تۇرۇپ، ئاتالمىش ۋىجدان غورۇرنى دەستەك قىلىپ مەن ئەركەك دەپ مەيدىسگە ئۇرغان ئەركەكلەر بىر قىسىم ئاياللىرىمىز تەرپىدىن ئەڭ قارشىغا ئېلىنماقتا....شۇڭا ھەقىقىي ئەركەكلەر سانى چەكلەنمەكتە......
كەچۈرسىز ئاشۇنداق <<ئەركەكلەر>> ئەر كىشىدەك ياسنىپ،بەلگىڭىز بولغان بۇرتىڭىزنىڭ ،چوڭ -چوڭ مۇشتىمىڭىزنىڭ ،بەردەم قەدەملىرىڭىز ،قامىتڭىزنىڭ بولغانلىقى ،ئىسمىڭىزنىڭ ، باشقا يەرلىرىڭىزنىڭ ئاياللىردىن پەرىقلىق بولشى چوڭ ئىش ئەمەس.....
ئەركەلىك نامىمىزنىڭ قويۇلۇشى شۇلار بىلەنلا،چەكلەنمەستىن،بەلكى،ئائىلىمىزگە،قەۋمىمىزگە مەسئۇل بولۇشمىزدا، مەسئۇلىيەت-مەجبۇريىتىمىزنىڭ زىيادە كۆپ بولشىغا ، ۋىجدان-غورۇرىمىزنىڭ،ئادىميلىكمىزنىڭ ئايال زاتىدىن ئارتۇق بولشىغا، ئائىلە،ۋە قەۋمىمىزدىكلەرنى باشلاپ ماڭالىغۇدەك ،ئەخلاق،ھايا،پاكلىق،جەسۈرلۇق،مەرىدۇ-مەردانىلىك،قەدىر-قىممەت ،اھۆرمەت ،مىھر-مۇھەببەت ،سۇلماس ئىرادە، تەپەككۈر -ئەقىلنىڭ بولۇشىغا ئاساسەن قويۇلغان......
ـــــ ئىگىمىز ئىنسان ئاتالغان ھەممىمىزنى جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئەڭ بۈيۈكى قىلىپ ياراتقان،ۋە ھەم بىلسىڭىز ئىگىمىز ھەم ئۈستىمىزدىكى يەنە بىر قۇياش بولغان ئايال زاتىنى سىز ۋە بىزگە ئوخشاش قىممەتلىك ياراتقان.... بەزىدە ھەتتا ئەجىر،بۈيۈكلۈك،ھۆرمەت بابىدا ئاشۇ مىھىرىبانلىرىمىزئالدىدا ئاجىزلىق قىلمىز ئەلۋەتتە، سىزنى ئەر، ئەركەك قىلۋاتقان ئاشۇ مىھىرىبان كىشلىرىمىزگە مەسئۇلىيەت،مىھىر-مۇھەببەت كۆزلىرڭىزنى تىككىنڭىزچە مىھر -ۋاپادارلىق كۇينى ياڭراتقىنڭىزچە ئېغىر تىنىپ:
<<ئىھ ، جاپاكەش ئانا، ئاجىز سىڭلىم،مىھرىبان ھەدە،مىھنەتكەش ئايالىم،ئوماق قىزىم،....سىلەر ئەسلىدە......>>دەپ چۇڭقۇرھۆرمىتڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ سىزگە بەرگەن مىھرىبانلىقلىرنى ئەسلەپ ئۆتەلەمسىز؟ئاشۇپەرۋانىلەرگەھەقىقىي ئەركەكلىكڭىز بىلەن ئوڭ قولڭىزنى كۆكسىڭىزگەقويۇپ ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرەلەمسىز .....توغرا ھەزرىتى ئەركەك!!!. سىز ئۆزڭىزىنى، بۇ دۇنيادىكى،بۇ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت،مەجبۇريىتڭىزنى، مۇبارەك ئۆزڭىزنى مۇشۇنداق بەردەم،جاھاننى تىترەتكىدەك،ئېسىلنىڭمۇ ئېسىلى قىلپ،ئەركەك قىلىپ ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ ئاق رەڭلىك قانلار ئۈچۈن ئاتاپ قويۈڭ،ئاشۇ مىھرىبانلارنىڭ كۆز يېشىنىڭ تۆكۈلمەسلىكنى، ۋىجدان-غورۇرىڭىزغا،<<مەن ئەركەك>> نامىڭىزغا قوشۇپ قويۇڭ...
ــــــــــــــ ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى مەنبە؛http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=1665
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-09-25 21:26قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1840
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1840دانە
ئۆسۈش: 4520 %
مۇنبەر پۇلى: 22248 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-21

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .  

  ئەلشىر مەندىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئوقۇغان ، ھەم ئۇرۇق تۇققان كىلەتتۇق .  ئۇزۇن بوپتۇ بۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى .  

     ئۆتكەندە مىسرانىمدا تېمىسىنى كۆرۈپ خەت قالدۇرۇپ قويسام جاۋاپ قايتۇرماپتىكەن . يەنە ئالاقىلىشىپ كەڭسايغا باشلاپ قوياي ...  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 21:57

[quote]بۇ مەزمۇن天山的野花 نىڭ 2011-09-25 20:02 يوللىغان يازمىسى  گۇناھ،مىھر،ۋىجدان،ئەركەكلىك سۆزلىدى! :
شۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىزلا ۋىجدانىم سورقىغان چۇشۇپ قالدىم ،شۇنىڭ بىلەن ھەم
 كەلگۈسۈمگە نىشان بەلگىلەندى،ئۆمرۈمگە ھۆكۈم چىقرىلدى............
،گۇناھلىرىمنىڭ
ھەممىسى ئالدىمغا كىلىپ ئولتۇرۋېلىشقان ئىدى ، تۇرۇپ قاراپ-قاراپ قوياتتى..
تېخى بىر ئىككىسى ماڭا قاراپ كۈلۈشتى................. ئىنسانىيلىقىم باش سوتچى،مەئىشەت ئەمدىلىكتە پۇتۇكچى بولۇپ قاپتۇ.....
ئىسىل تىمىلىرىڭىزغا تەشەككۈر،، بۇ ناخشىنى قىتىپ قويغۇم كەپ قالدى ،،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1753
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 402 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 15:33

   جىنازىنى كۈتۈردۇق تۆت ئەر،
  ئارقىسىدىن ئەگەشتى يۈز ئەر.
  يەتتە كەتمەن تۇپا تاشلىدۇق،
  قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر.
 چۈنكى:-
              پىچاق غىلاپتا،
  ئۇ ئۈلۈپتۈ كارۋاتتا......................................
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 19:36

3-قەۋەت (turan) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ غا خاس ھۆكۈملەرنى شائىرچىلاپ قوشاققا قېتىۋالمىساڭلار نېمە بولغاي ئەمدى ...