سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، قارتنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە كاللىنى سەگىتىش ئۈچۈن ئوينىسا بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئاخىرەتكە نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ مىسالىنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلغان: (دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئويۇن-تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، زىبۇ-زىننەت، ئاراڭلاردا ئۆزئارا پەخىرلىنىش، مال-مۈلۈك، پەرزەنت كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىشىشتىن ئىبارەتتۇر، گويا بىر يامغۇر ئۆستۈرگەن، دېھقانلارنى مەپتۇن قىلغان بىر ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇكى، كېيىن قۇرۇپ قالغىنىدا سەن ئۇنى سارغايغان ھالىتىدە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ھەقىقەت شۇكى ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئاللاھدىن مەغپىرەت ۋە رازىلىق باردۇر، دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر)(ھەدىيد سۈرىسى 20-ئايەت.)
شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن مەغپىرىتىگە نائىل بولۇش، ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ۋاقتىنى بىھۇدە زايا قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.
سەئىيد ئىبنى ئەبى ھىند، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى نېمەتتە نۇرغۇن كىشىلەر زىيان تارتىپ كېتىدۇ: تەن ساغلاملىق بىلەن بوش ۋاقىت».(سەھىھۇل بۇخارى 6412-ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى ئالىملار مۇنداق ئىزاھلايدۇ: "ئىنسان پەقەتلا ئېھتىياجى قامدالغان، تېنى ساغلام بولغاندىلا تولۇق بېرىلىپ ئىبادەت قىلالايدۇ. بەزىدە كىشىنىڭ ئېھتىياجى قامدالغىنى بىلەن تېنى ساغلام بولمايدۇ، يەنە بەزىدە تېنى ساغلام بولغىنى بىلەن ئېھتىياجى قامدالماق قالىدۇ، نەتىجىدە تېرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىش-ئوقەت قىلىش ھەلەكچىلىكىدە ئىبادەتكە تولۇق بېرىلەلمەي قالىدۇ. شۇڭا قانداق بىر كىشىگە يۇقىرىقى ئىككى شەرت-شارائىت جەم بولغان ئەھۋالدا تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن ھورۇنلۇق قىلسا، ئۇ تىجارەتتە زىيان تارتقان كىشىگە ئوخشايدۇ".(تۇھفەتۇل ئەھۋەزى 6/485)
قارت ئويناش ھۆكمىگە كەلسەك بۇ بىر خىل ئويۇن بولۇپ، بۇنى ئويناش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس.
بەزىلەر بۇنىڭدا قىمار ئوينايدۇ، بەزىلەر قىمارسىز ئوينايدۇ. يەنە بەزىلەر نەچچە سائەتلەرگىچە ئولتۇرۇپ ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايا قىلىۋېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئازراق ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، ۋاجىباتلارنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ.
ئەسلىدە قارت ئويناشنىڭ ئۆزىنى ھارام دېيىشكە بولمايدۇ. لېكىن قارت ئويناش بىلەن بىللە بولىدىغان بەزى ھارام ئىشلار بۇ ئويۇننى ھارام قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار بۇنى ھارام دەپ قارايدۇ. بەزىلەر مەكروھ دەپ قارايدۇ، بەزىلەر مۇباھ دەيدۇ.
ئالىملار ھەممىسى بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلە شۇكى، قارتنى قىمار ئۈچۈن ئوينىسا، قىمارسىز بولسىمۇ نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ زايا قىلىۋېتىپ قالسا، ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويسا، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر ۋاجىباتلارنى قىلماسلىققا ئېلىپ بارسا ھارام بولىدۇ.
ئەمما قىمار ئۈچۈن ئوينىمىسا، يۇقىرىقىدەك ۋاجىباتلارنى زايا قىلىۋەتمىسە، تىل-ھاقارەت بولمىسا، ئۇرۇشۇپ قالمىسا، ۋاقتىنىمۇ ئارتۇق ئىسراپ قىلىۋەتمىسە زېرىككىنىنى تۈزەش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە ئوينىسا بەزى ئالىملار بۇنى نەردكە ئوخشىتىپ ھارام دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر مەكروھ دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بىكار ئويۇن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام ياكى مەكروھ دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بۇنىڭدا سۈرەت بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەن. يەنە بەزىلەر مۇباھ، دېگەن.
لېكىن يۇقىرىقىدەك ھارام ياكى مەكروھ قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار بولمىسا، مۇباھ ئىشلار دائىرىسىگە كىرىدۇ، دېگەن قاراش مۇۋاپىقراق. مۇباھ دېگەن تەقدىردىمۇ ئىلىم، دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش، پەرزەنت تەربىيىلەش، مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، بىرەر كەسپتە ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىلىش قاتارلىق نۇرغۇن زۆرۈر ئىشلار كۈتۈپ تۇرغان ئەھۋالدا قارت ئويناشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتنى باشقا پايدىلىقراق ئىشلارغا سەرپ قىلغان تۈزۈك.
بۇ قارت ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ھەم باغلىق. سائەتلەرچە ئوقۇپ ياكى ئىشلەپ ئاندىن بىرەر سائەت دەم ئېلىش ئۈچۈن ئوينىسا بولسا، ئوقۇيدىغان، ئىشلەيدىغان ۋاقىتلاردا ئوقۇماي، ئىشلىمە ئويناۋەرسە ئەلۋەتتە بولمايدۇ. چۈنكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش دېگەن ئىشلەپ، ئوقۇپ چارچىغانلارنىڭ ھەققى.
شۇ ئېنىقكى، داۋاملىق ياكى نەچچە سائەتلەرچە قوپماي ئويناپ ۋاقىت زايا قىلىش نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلاردىن مەھرۇم قىلىشى، ۋاجىباتلارنى زايا قىلىۋېتىشى ئېنىق.
توردا ياكى كومپيوتېردا قارت ئويۇنى ۋە باشقا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناشمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.