...غا
ئارزۇ قىلىپ ئەزىزلىك
شائىر بولساڭ ئەگەردە ،
قەلىمىڭدىن تۈكۈلسۇن
ھەر خېتىدە دۇردانە
ماڭغان يۇلۇڭ گۈل بولسۇن
ئىز قالدۇرۇپ نۇرانە ،
كۆيگىن ئەلنىڭ ئىشقىدا
بۇلۇپ گۇيا پەرۋانە .
بولغىن خەلقىڭ يۇلتۇزى
چولپان كەبى يىگانە .
دەرتلىرىنى ئاڭلاپ قوي
بۇلالمىساڭمۇ دەرمانە ،
شائىر دىسەڭ ئۈزەڭنى
خەلقىڭگە بول غەمخانە .
خەلقىڭ سۈيۈپ ياقتۇرسۇن
سىنى دىلدىن دوستانە ،
خەلقىڭ دۇئا قىلسۇن ھەم
تىلەپ ساڭا قۇتنامە .
سىنىڭ ئۈچۈن راسلىسۇن
قىشلاقلاردا ئاستانە ،
خەلقىڭنى سۆي سۈيۈنگىن
بىرىپ ئاڭا قۇربانە .
مىللىتىڭنى كۈيلىگىن
قەلىمىڭدە خەندانە
_خاتىرەمدىن (دەرۋىش) .