باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 676 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ ئەزاسى بولۇش تەلەپنامىسى 26-سىنتەبىر
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1104
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1104دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 00:04

پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ ئەزاسى بولۇش تەلەپنامىسى 26-سىنتەبىر

خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى:

       پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 23-سىنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا نەق مەيداندا، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 194-ئەزاسىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىن تەلەپ قىلىش تەلەپنامىسىنى سۇندى.
         شۇ كۈنى ئابباش يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەتتىكى خارەكتىرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەمدە پەلەستىن تەرەپنىڭ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى، بىراق سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ خەلقئارالىق سوت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەكىلاتى بىكىتكەن مۇنازىرلىشىش دائرىسىگە ھۆرمەت قىلىشى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيىنىڭ ئولتۇراق رايونى قۇرۇلىشىنى ئومومىيۈزلۈك توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
          كەينىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشلكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى لىۋانىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى سالام  باش كاتىپ بان كىموننىڭ قولىدىن پەلەستىننىڭ بۇ تەلەپنامىسىنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى، ھەمدە خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ تەلەپنامىگە نىسبەتەن 26-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەسلىھەتلىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
            تەرتىپ بويىچە پەلەستىن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلىش تەلەپنامىسىنى ئاۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا تاپشۇرىدۇ. ئاندىن باش كاتىپ بۇ تەلەپنامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەكىلاتى يىغىنىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پەلەستىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىشنى تۇنۇشتۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەت تاشلاش ئارقىلىق رەسمىي قارار چىقىرىدۇ.
        پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 15 كىڭەش ئەزاسى دۆلەتلىرى ئىچىدە، كەم دىگەندە توققۇز دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، بەش دانە دائىمىي تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. ئامېرىكا ئاللىبۇرۇنلا پەلەستىننىڭ برىلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى.

مەنبە : نۇر تورى
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
ئىنمەل مۆئمىنىنە ئىخۋە=مۇسۇلمانلار بىر قىرىنداش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8824
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 1359 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-01
ئاخىرقى: 2011-10-20

فەلەستىن ئۇچۇن كۆرەشلەر سۇرەتلەر توپلىمى

مەنبە :ئوكيان تورى



http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3167&Page=1


http://album.okyan.com/AlbumKorush.aspx?ID=3378
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 772
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە772دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 22:05

       ناتانىياھۇنىڭ قارىشىچە، پەلەستىن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، ئىسرائلىيە بارلىق خەۋىپسىزلىك ئامىللىرىنى تىنىچلىق كېلىشىمى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق بىر تىنىچلىق كېلىشىمى تۈزۈلسە، ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولىدۇكەن.
           تۇرالغۇ رايون قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە نىسبەتەن ناتانىياھۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:< تۇقۇنۇشنىڭ مۇھىم نوقتىسى ھەرگىزمۇ تۇرلاغۇ رايون قۇرۇلىشى ئەمەس بەلكى، پەلستىن ئىزچىل ھالدا بىر يەھۇدى دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى. تۇرالغۇ رايون قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىمۇ تىنىچلىق سۆھبىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلساق بولىدۇ>.
ناتانىياھۇ يەنە پەلەستىننى دەرھال ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاستە تىنىچلىق سۆھبىتى  ئۆتكۈزىشىنى، سەمىمىي ۋە ئۇچۇق-ئاشكارا ھالدا، بىر-بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى چاقىرىق قىلدى.
         ئابباس بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەتتىكى خارەكتېرلىك يغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:« 2009-يىلى پەلەستىن دۆلەت قۇرۇش پىروگىراممىسىنى باشلىغاندىن بويان، دۆلەت ئاپاراتلىرى قۇرۇلىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىنى تەلەپ قىلىش بىرلەن بىرا ۋاقىتتا يەنە، سۆھبەت ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەرەپنىڭ تىرشچانلىقى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدى. پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەركىزى مەسىلە  بولسا، ئىسرائىلىيە خەلقئارالىق سوت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتلىشىش دائىرىسىنى رەت قىلىپ، پەلەستىن زىمىنىدا تۇرالغۇ رايون قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئىسرائىلىيىنىڭ تۇرالغۇ رايون قۇرۇلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنگە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ يادىروسىنى، پەلەستىن خەلقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىزىشى ۋە مىللىي كەمسىتىشىدەك قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا ۋە سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولسا، تىنىچلىقنى بۇزىدىغان ئاساسلىق ئامىل. مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان تىنىچلىق پۇرسىتى بىكار بولۇپ كەتتى».
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...