باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1098 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەممەت ئەلىنىڭ قىزلارغا سۆزى!
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
ئۆسۈش: 11240 %
مۇنبەر پۇلى: 11979 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 18:13

مۇھەممەت ئەلىنىڭ قىزلارغا سۆزى!



ئىنسانلاردا ئۈچ تۈرلۈك گۇناھ بولىدۇ، ــ دېدى بىر دانىشمەن.
كىشىلەر شۇئان ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى.
_ــ بىرىنچى گۇناھ بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولۇش. ئەگەر قوشنىڭىزنىڭ كالىسى ئۆلۈپ قالسا، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خۇشال بولۇشىڭىزغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ دېمەيمەن، دېمەكچى بولغىنىم باشقىلارنىڭ ئازابى ئۈچۈن خۇشال بولماڭ. قوشنىڭىزمۇ ئادەم، ئۇنىڭ پالاكەتكە يولۇقۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ.
كىشىلەر باشلىرىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قايىل بولۇشتى.!
دانىشمەن سۆزىنى داۋام قىلدى:-
ــ ئىككىنچى گۇناھ ئىشەنچىنى يوقىتىش. سىزنىڭ بىرلا سىيىرىڭىز بار، يەنە كېلىپ سىيىرىڭىز قېرىپ قالغانلىقتىن، جىق سۈت ساغقىلى بولمىغان تەغدىردىمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز، ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز كېرەك. ئۇ سىيىرىڭىز گەرچە ھەم قېرى، ھەم كېسەلچان بولسىمۇ، ھامىنى سىيىر-دە، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەتتا بىرەر سىيىرىمۇ يوق.
كىشىلەر يەنە باشلىرىنى لىڭشىتىپ، قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇ ئەسنادا بىرەيلەن ئېغىز ئېچىپ قالدى:
ــ ئەگەر مەن باشقىلارنىڭ بىرمۇ سىيىرى يوقلۇقى، مېنىڭ بولسا بىر سىيىرىمنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولسام، بۇ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ماڭا يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆرەڭلىگەنلىك بولۇپ قالامدۇ، قانداق؟ ئەجەبا، بۇ بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولۇشقا كىرمەمدۇ؟
كىشىلەر شۇئان جىمىپ، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئويلاشقا باشلىدى.
ــ كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى گۇناھى دەل ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئامراقلىقىدۇر، ــ دېدى دانىشمەن.
مەنبە:تەرمىلەر ژورنىلى
مەن دەيمەن ،تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈش گۇناھمۇ ؟



 
مېنىڭ دادام داڭلىق بوكىسچى مۇھەممەت ئەلى بولىدۇ. دادام ياشىنىپ قالغاچقا ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆيدە داۋالانغاچ ناماز ئۆتەيدۇ، دوستلىرىنى كۈتىۋالىدۇ. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى مەن سىڭلىم سەيلا بىلەن ئاتا - ئانامنى يوقلىغىلى باردۇق. بىزمۇ ئادەتتە بەك ئالدىراش بولغاچقا دائىم كېلىپ ئاتا - ئانىمىزنى يوقلاپ تۇرالمايتۇق، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق.
بىز مېھمانخانا ئۆيدە قەھۋە ئىچىپ، پېچىنە - پىرەنىك يېگەچ مۇڭدىشىپ ئولتۇردۇق. دادام سىڭلىم ئىككىيلەنگە سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
ــ خەننا، سەيلا، جېنىم قىزلىرىم، داداڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەر قىممەتلىك ۋە قىممىتى يوق دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە قىممىتى بار نەرسىنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۇنى كۆرەلمەيدۇ ھەم بايقىيالمايدۇ، ئېرىشمىكىمۇ تەس. مەسىلەن، مەرۋايىت چوڭقۇر گىرانىت تاش ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىزدەش ئارقىلىقلا بايقىيالايدۇ. قاشتېشى دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، قاتمۇقات قاسراقلىرى قوغداپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ئاسان نامايان بولمايدۇ. ئالتۇننى مىسالغا ئالساقمۇ ئوخشاش، ئۇمۇ ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئاسانلا بايقىۋېلىشى ئۈچۈن يەر يۈزىگە چىقىپ قالمايدۇ، ئىشچىلار ئالتۇن رۇدىسىنى مىڭ تەستە قېزىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن رۇدىنى پارچىلاپ، سۇدا چايقىغاندىن كېيىن ئاز مىقداردىكى ئالتۇننى ئايرىۋالىدۇ.
دادام ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مودا بولۇۋاتقان يېرىمى ئوچۇق كىيىمىمىزگە قاراپ، خاپا بولغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ــ كىيىۋالغان كىيىمىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، بەلكىم نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان داڭلىق كىيىم بولسا كېرەك. ئەمما سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئۆز قەدىر - قىممىتى بولۇشى، ئۆزىنى ئۈنچە - مەرۋايىتتىنمۇ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك كۆرۈشى كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلار كېرەك. ئۆزىنى ئاسىرىغانلىق ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىككە باراۋەر.
دادام پۈتكۈل ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارنى، تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرنى، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلامنى تاللىغان. بىز ئاتا - ئانىمىزنى كۆرمىگىلى خېلى ئۇزاق بولغانىدى، دادامنىڭ بىزگە دېگەن گەپلىرى چىن دىلىدىن چىققان گەپ بولۇپ، بۇنى بىز ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇيالمايمىز. بۇ ئاددىي ھەم چوڭقۇر تەسىرات، مەن بۇ ئۇنتۇلماس تەسىراتنى بارلىق مۇسۇلمان خانىم قىزلىرىنىڭ ئورتاق قوبۇل قىلىشىغا سۇنىمەن.
ئاپتورى: خەننا
ھۆرىيەت سېتىۋالدى تەرجىمىسى




مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى 2011 - يىللىق 5 - سان.
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07

ياق گۇنا ئەمەس . بىز ھەممەمىز تىگى-تەكتىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ شۇنىڭغا لايىق ئادەم بولشىمىز كىرەك. تىما ئىگسىگە كۆپتەشەككۈر.   
没有共产党,没有新中国
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1104
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1104دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 23:14

ئەسلى مۇھەممەد ئەلى ئەمدى بولغاندا ئۇلارغا نەسىھەت قىلىمەن دىمەي كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق تەربىيىلىگەن بولسا بەلكىم تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 509
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5337 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 00:46

ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 15:08

2-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا

ئىنسان كەينىگە قايتالمايدۇ-دە. دەپتۇغۇ ، دادام پۈتكۈل ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارنى، تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرنى، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلامنى تاللىغان.  قاچاندىن باشلاپ ھىدايەت نۇرىنى كۆرگەن بولسا شۇ چاغدىن باشلاپ تەربىيە بىرەلەيدۇ-دە ئەمدى.  
ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەتنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن! ئامىين!
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.