باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 532 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2080
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2080دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 01:54

سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس مۆجىزىسى، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى، سۈننەت بولسا ئىسلامدىكى ئىككىنچى مەنبە بولۇپ، قۇرئاننى شەرھىلىگۈچىدۇر. رەسۇلۇللاھ سۆزى، ئەمەلى ۋە تەقرىرى ئارقىلىق قۇرئاننى ئىزاھلاپ بەرگۈچىدۇر... سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلى تەپىسىرى ۋە ئىسلامنىڭ ئەمەلى تەتبىقاتىدۇر. * سۈننەت ئومۇمى پرىنسىپتۇر: قۇرئان كەرىم خۇددى ئاللاھ ئېيتقاندەك:« ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان... قىلىپ نازىل قىلدۇق » نەھل سۈرىسى، 89- ئايەت) ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل پرىنسىپ بولسا، سۈننەت پرىنسىپىمۇ قۇرئاننىڭ پرىنسىپى ئىچىدە ماڭىدۇ، چۈنكى سۈننەت قۇرئاننى بايان قىلىپ بەرگۈچىدۇر. سۈننەت ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتە ئالاھىدە پرىنسىپتۇر. ئۇزۇنلۇقتىن مەقسەت: ئىنساننىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭلىكتىن مەقسەت: سۈننەت ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى سۈننەت ئائىلە، بازار، مەسجىد، يول ، خىزمەت، ئاللاھ بىلەن ئالاقە، ئۆزى بىلەن ئالاقە، مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭقۇرلۇقتىن مەقسەت: ئىنساننىڭ ھاياتىغا چۆكۈپ، جىسىم، ئەقىل ۋە روھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى قاتىدۇ. سۆز، ئەمەل ۋە نىيەتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئەپسۇسكى بەزى قېرىنداشلىرىمىز سۈننەتتىن ساقالنى ئۇزۇن قويۇشنى، كىيىمنى قىسقا كىيىشنى ۋە مىسۋاك ئىشلىتىشنى ياخشى بىلىدۇ. سۈننەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك پرىنسىپ ئىكەنلىكىدىن غاپىل بولىدۇ... * تەڭپۇڭ پرىنسىپ: سۈننەت تەڭپۇڭ پرىنسىپ بولۇپ، روھ- جىسىم، ئەقىل- قەلب، دۇنيا- ئاخىرەت، نەمۇنىلىك- رىئاللىق، نەزىريە- ئەمەل، غەيب- شاھادەت، ئەركىنلىك- مەسئۇلىيەت، يەككىلىك- كوللىكتىپ ۋە ئەگىشىش- بىدئەت پەيدا قىلىش ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. سۈننەت تەڭپۇڭ پرىنسىپتۇر:« ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اللە تارازىنى بىكىتتى، ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار » رەھمان سۈرىسى، 8-9-ئايەت. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش ياكى سۇسلۇق قىلىشقا مايىل ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا، ئۇلارنى نورمال يولغا قايتۇراتتى ۋە چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە كەمچىللىك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى. * مۇكەممەل پرىنسىپ: سۈننەت مۇكەممەل پىرىنسىپ بولۇپ، ئىمان مەرىپەت بىلەن ياكى ۋەھيى ئەقىل بىلەن مۇكەممەلىشىدۇ، ھەر بىرىسى نۇر ئۈستىدىكى نۇر بولىدۇ. سۈننەتتە تەربىيە بىلەن قانۇن چىقىرىش مۇكەممەلىىشىدۇ، تەربىيەنىڭ يېتىشتۈرۈش ۋە كۆرسەتمە بېرىشتە تەسىرى بولسا، قانۇن چىقىرشىنىڭ ساقلاش، ھىمايە قىلىش، ئەدەبلەش ۋە جازالاشتا رولى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنى يوق تەربىيە ئەسقاتمايدۇ ۋە تەربىيەسىز قانۇن چىقىرىش مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. سۈننەتتە كۈچ- ھەقىقەت بىلەن، ھوقۇق- قۇرئان بىلەن، دۆلەت- دەۋەت بىلەن مۇكەممەلىشىدۇ... * ئەمەلى پرىنسىپ: سۈننەت ئەمەلى پرىنسىپ بولۇپ، كىشلەر بىلەن قاناتلىق پەرىشتە ئېتىبارى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى زۆرۈرىيەتلىرى- ھاجەتلىرى بار، روھى سېغىنىش ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش ئىقتىدارغا ئىگە ، تۇيغۇ ۋە شەھۋەتلىرى بار، شۇنداقلا توغرا ئىش قىلىدىغان ۋە خاتالىىشدىغان ئىنسانلار سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ... ئىنسان بەزىدە ئۆرلەپ يەنە بەزىدە تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى، ھىدايەت تېپىپ ئېزىپ كېتىدىغانلىقى، توغرا يولدا مېڭىپ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقى، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ تەۋبە قىلىدىغانلىقى ئەجەبىلىنەرلىك ئەمەس. سۈننەت ئىنساننىڭ ساپىلىشىپ سۈزۈكلىشىدىغانلىقى، ئاندىن غاپىل بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا رىئايە قىلدى، مۇباھ دائىرسىنى كەڭرى قىلىپ بەردى، ھارام رايۇنى تار قىلدى. ئىسلام دىنىدا ھارامنىڭ دائىرسى ناھايىتى تار دائىرىدە... سۈننەت ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا رىئايە قىلىپ، زۆرۈرىيەت يۈز بەرگەندە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى مۇباھ قىلىپ بەردى، ئىنساننىڭ ھاجەتلىرىگە رىئايە قىلىپ ھاجەت تېپىلغاندا بەزى ھارام ئىشلارنىمۇ مۇباھ قىلىپ بەردى. سۈننەت ئىنساننىڭ گۈناھقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىدىكى ئەمەلىيىتىگە رىئايە قىلدى, شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەۋبە يولىنى توساپ قويمىدى، بەلكى تەۋبە يولىنى كەڭرى ئېچىپ بەردى... سۈننەت كىشلەرنىڭ شارائىتى ۋە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىگە رىئايە قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت كىشلەرنىڭ شارائىتىغا رىئايە قىلىپ بىر سوئالغا بىر قانچە خىل شەكىلدە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىنىپ قالغان ئادەم يىگىتنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، زۆرۈرىيەت ھالىتىدىكى ئىنسان ئىختىيارلىق ۋە ئادەەتتىكى ھالەتتىكى ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. سۈننەت شۇنداقلا كىشلەرنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ - ئادىتىگىمۇ رىئايە قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەبەش( ئپىيوپىيە) لىكلەرنىڭ مەسجىدتە نەيزەۋازلىق ئوينىنى ئويناشقا رۇخسەت قىلدى. شۇنداقلا توي- تۆكۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەردە ئىنساننىڭ كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرۈش ھاجىتىگە رىئايە قىلىپ ئويۇن- كۈلكىلەرنى يولغا قويۇپ بەردى. * سۈننەت ئاسان پرىنسىپ: سۈننەت شۇنداقلا ئاسانلىق ۋە كەڭچىللىك بىلەن ئالاھىدە، مانا بۇ سۈننەتنىڭ ئەمەلى مىۋىسىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كىشلەرنى دىن جەھەتتە ئېغىرچىلىقتا قالدۇرىدىغان ياكى دۇنيالىقىدا چارچىتىدىغان نەرسە تېپىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆزى توغۇرلۇق سۆزلەپ:" مەن ھىدايەتكە باشلىغۇچى رەھمەتتۇرمەن " دېگەن. تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئالبانى سەھى دېگەن. رەسۇلۇللاھ:" ئاللاھ مېنى جاپا سالغۇچى ۋە چارچاتقۇچى قلىپ ئەۋەتمىدى، مېنى ئاسانلاشتۇرغۇچى مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتتى" دېگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە كۆرسەتمە بېرىپ:" ئاسانلاشتۇرۇڭلار تەسلەشتۈرمەڭلار، خوش- بىشارەت بېرىڭلار، ھۈكۈتۈپ قويماڭلار" دېگەن بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. رەسۇلۇللاھ شۇنداقلا دىندا چېكىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا راھىبلىق، تۇل ئۆتۈش يولغا قويۇلمىدى، ئۇ نورمال شەكىلدە ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشقا چاقىرىپ:" ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ" دېدى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. يەنە:" ئاللاھ تائالا نېئمىتىنىڭ تەسىرىنى بەندىسىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ" دېگەن. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. يەنە:" ئاللاھ تائالا گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشنى يامان كۆرگەندەك، رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ" دېگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.



مەنبە؛http://www.saqiye.com/news_list.asp?id=188
كامىل يۇۋاش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6298
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1440 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-02-21

ئاللاھ  سىزگە ئەجىر بەرسۇن  قېرىندىشىم