غايە ھەققىدەغايە ئنسان ھاياتىدا ھەقىقەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ دىگىنم ھەرگىزمۇ پەيلاسوپلارچە خىيال ۋە ئارزۇغا بىرىلگەنلىك، دۆگمىلىشىپ قالغان ماقال تەمسىللەرنى ، ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ئاددىيلام تەكرارلاپ قويۇش ئەمەس . ئنسانلارنىڭ غايىسى ئوخشاش بولمايدۇ ،شۇنداقلا غايىلارنىڭ قەدرى قىممىتىمۇ ناھىيتى زور پەرق قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ غايىسى ئاددىيلام ئۆزىنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ،مەنپەئەتى دائىرىسى ئىچىدە چەكلەنسە ،بەزىلەرنىڭ غايسى يۇرت ،قەبىلە ،مىللەت ،دۆلەت دائىرىسىدىن ھالقىپ پۈتۈن ئنسانىيەت دۇنياسى، ئنسانىيەتنىڭ ئاڭ ئتقادى ۋە تەقدىرىگە بېرىپ تاقىشىدۇ .ئۇلار ئۆز غايىسى ئۈچۈن باسقان قەدەملىرى ئارقىلىق تارىخ بېتىگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ .
بۈگۈن بىز يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ زەپەر دەرۋازىسى ئۈستىدىن قاراپ، ئاشۇ يىگىرمە ئەسىرلىك تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ،ئۈز قەۋمىنىڭ توغرايولدا مېڭىشىنى كۆزلەپ، ئازاپ كۈلپەتلەرگە سەبرى قىلىپ، ئاللاھنىڭ دەرگايىغا ئەچىقىپ كېتلگەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ غايىسى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈز مەنپەئەتى ئۈچۈن چوت سوقۇپ،خۇدا چۈشۈرگەن بىر ئنجىل ئورنىدا يەتمىش نەچچە ئنجىلنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئپىسكوپلارنىڭ ئۆز غايىسى ئۈچۈن نەچچە ئون قېتىملاپ ئۇرۇش قوزغاپ شەرىق ۋە غەرىپ تارىخىدا قانداق ئۆچمەس جاراھەتلەرنى قالدۇرغانلىقىنى ئويلايدىغان بولساق ،ئنسانىيەت تارىخى يىگىرمە بىرىنچى ئەسرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قالغان ، ھەل قىلغۇچ مۇشۇ پەيتلەردە ئاشۇ ئۇزۇن تارىخقا نەزەرسالىدىغان بولساق، شەخسىنىڭ غايىسىنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماي قالمايمىز .
مەسلەن ئاللاھنىڭ : «ئي مۇھەممەد ،ئۆز يېقىنلىرىڭنى ئاگاھلاندۇر» دىگەن بۇيرۇقى بويىچە ئش باشلاپ ،قىسقىغىنە يىگىرمە ئۈچ يىل جەريانىدا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە پۈتكۈل ئنسانىيەتكە ماڭىدىغان ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈز غايىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن دوسلىرى ۋە دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قېلىنغان ، ئۇلۇغلىنىپ، دۇنيادا ئنسانىيەت ھاياتىغا ئەڭ زورتەسىر كۆرسىتەلىگەن بىرىنچى ئۇستاز دەپ تەرىپلەنگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ،شۇنداقلا ئۈز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ باشقا مىللەتلەرنى ھايۋان ئورنىغا چۈشۈرىشنى ئۈز غايىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئنسانىيەت ئالەمىدە ئككى قېتىملىق دۇنياۋى گۇمرانغا سەۋەپكار بولغان بسمارىك،ناپالىئون، گىتلىر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقساق،
بەڭگىنىڭ خىيالىدەك گادىرىماچ خىياللىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنى ئقتىسادى تەبىقە - سىنىپلەرگە بۆلۇپ ،ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىققا سالغان، ئنسانىيەت تەبى ئىتىگە زىت ، مەڭگۇ ئەمەلىلەشمەيدىغان بانكا چەكلىرىگە ئوخشاش يورۇق دۇنيادىلا غايىۋي جەننەت قۇرۇپ بىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلغان خىيالپەرەس ئادالەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دۇنياغا ،كىشىلىك ئېتىقادقا، كونكىرتنى كىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ قسىمىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى دوپپىمىزنى يېنىمىزغا ئېلىپ قويۇپ ئويلاپ باقىدىغان بولساق ،غايە دىگەن بۇ ئىككى بوغۇمنىڭ نىمە مەنە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ قالىمىز. ھەم كىشىلەرنىڭ غايىسىنىڭ قىممىتىنى باھالاپ چىقالايمىز. بۇ بىزنىڭ ئۈز قىممەت قارىشىمىز ئاساسىدا غايە تكلىشىمىزگە ئەينەك بولىدۇ .
فىرانسىيە يازغۇچىسى خوگو: «كۆز ئالدىمىزدېكى غايىنى ھەقىقى شەيئىگە تەتبىقلىغاندا مەدنىيەت پەيدا بولىدۇ» دىگەن ئەمەسمىدى.
قىسقىغىنا ھاياتىم غايە ئۈستىدە ئىزلىنش بىلەن ئۆتتى. سانسىز غايە تومانلىرى خۇددى مىنى ئۈزىگە مەپتون قىلىپ ئىزىقتۇرماقچى بولغان ئالۋوندەك ئالدىمدىن لىپ قىلىپ ئۆتىدۇ، بەزىسىگە ئىرىشىپ ئونىڭ لەززەتلىك سۇلىرىدىن ئىچسەم ،بەزىلىرىنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدىلا ئۇنىڭ مەن ئىزلىگەن ئۈنچە مەرۋايىت ئەمەس ،بەلكى قۇملۇقتىكى ھاراقكەشنىڭ چېقىپ تاشلىغان بوتولكىسىنىڭ پارچىلىرى ئىكەنلىگىنى بىلىپ مەيۇسلىنىمەن. لېكىن مۇشۇ چاغقىچە غايە ھەققىدە ئىزلىنىشتىن قىلچە توختاپ قالغىنىم يوق .
كىچىك چاغدىكى غايىلىرىم ئسىمدە تۇرۇپتۇ،قاچانمۇمەھەللىدىكى ئېرىقتىن چوڭلاردەك پەرۋاسىز ئاتلاپ ئۆتەرمەن؟ قاچان چوڭ بولۇپ مىنى بوزەك قىلغان چوڭ ئاغىنىلىرمنىڭ ئەدىبىنى بىرەرمەن؟...
خۇددى تاغ ئۈستىگە ياماشقانسىرى تىخىمۇ ئېگىزى كۆزگە كۈرۈنگەندەك، مىنىڭ غايە ھەققىدىكى كۈزقاراشلىرىممۇ بارغانسىرى تاكاموللىشپ بارماقتا . باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىين بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن قىلغان پارىڭىمىز ھېلىمۇ يادىمدا .ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە داۋاملىق ئوقىغان،مەن مەكتەپتىن چىكىنگەن ئىدىم. بىر كۈنى نىمە ئشلارنىدۇ قىلىپ ئشىك ئالدىدا ئولتۇرسام، يېنىمغا كىلىپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىين ئۆزىچىلا سوراپ قالدى -
- سىلى مەكتەپتىن چىىقىپ ئەمدى نىمە ئش قىلىلا ؟
- قارىيخانىدا ئوقىيمەن .
- قارىيخانىدا ئوقۇماي مەكتەپتە ئوقۇسىلىرى بولمامدۇ، ئۇيەردە ياكى ئشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا ؟
-ئشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا مەيلى، ئوقۇۋىرىمەن .
- سىلىگە ئستىقبال كىرەك ئەمەسمۇ؟
مەن پەرۋاسزلا جاۋاپ بەردىم ،-
-مىنىڭ ئستىقبالىم دىننىي ئوقۇشتا .
مانا شۇنىڭغا ئون نەچچە يىل بولۇپ قالدى.ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇدى، مەن قارىيخانىدا ئوقۇپ قارى بولدۇم . ھازىر دىنى بىلىم ئېلىۋاتىمەن. مىنڭ ئستىقبالىم قەيەردە بىلمەيمەن. خۇددى دانىشمەنلەرنىڭ < بەخت ئىرىشىشتە ئەمەس،ئىزلىنىشتە > دىگېندەك ،جەننەت دەرۋازىسىنى نىشانلاپ باسقان ھەربىر قەدىمىم مىنى بەختكە چۈمۇلدۈرىدۇ، ئۈزۋاقتىدا ئويلىغان نىشانلىرىمنىڭ كۈپىنچىسىگە ھازىر ئىرىشىپمۇ بولدۇم. بەزىسىگە ئازراق بولسىمۇ يىقىنلاشقاندىمەن .
ئۇ سورىغان ، مەن جاۋاپ بەرگەن بۇئستىقبال نىمە مەنانى بىلدۈرىدىغان بولغىيتتى، ئۇنى بىلمەيمەن .
ئەمما خىزمەتكە چىقىپ ئايلىقچى بولۇش ئاخىرقى غايە بولىدىغان بولسا ئۇ تېخى ئوقۇۋاتىدۇ، مەنمۇ ئوقۇۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كادىر بولغاندىن كىين ئشقا ئورۇنلىشالىشى چوقۇم . ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئستىقبالىنى تاپقان، غايىسىگە يەتكەن بولىدۇ .
مەنچۇ ؟ مىنىڭ غايەم چەكسىز ،ئويلايمەنكى ئستىقبالىم مۇچەكسىز، ئۇنداق ئىكەن ئۇنىڭغا يىتىدىغان مۇساپىمۇ چەكسىز بولىشى مۈمكىن.
خۇدانىڭ بۈيۈك مۈجىزىسى بولغان ئنسان تەپەككۇرى بىزنىڭ غايە ئستەكلىرىمىزنى چەكسىز يۈكسەكلىكتە پەرۋاز قىلدۇرىدۇ ، شۇنداق ئكەن ئۇنىڭ ئاخىرقى چىكىگە يىتىش مۇمكىنمۇ؟
شائىر، ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈۋەندىكى شىېئىرى ناھايتى ياخشى يېزىلغان؛
كىشىنىڭ خۇلقى مەيلىدە تەپەككۈرسايسى باردۇر،
ئۈمىت تۇتقان كىشى ھەرخىل ئۇنىڭ ئۆز غايىسى باردۇر .
مەگەر تەن ۋەجىنى مىزانىغا سالسا پەرقى ئاز ئەمما،
قەلبلەر پەرقى يەر- ئاسمان ئۇنىڭ نە چارىسى باردۇر.
مەنبە؛
http://www.saqiye.com/news_list.asp?id=219