ئۈچ كۈنلۈك 2011-يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيەت سەيلىسى بۆرتالا نادام يايلاق بايرىمى ھەم جىڭ ناھيىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نادام بايرىمى 9-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ جىڭ ناھيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى ،
.
تۆت كۈنلۈك 14- نۆۋەتلىك خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ21-كۈنى باشلاندى . ئىلىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئايرۇپىلان ماتورى CJ-1000A نىڭ مودىلى تۇنجى قېتىم نامايەن قىلىندى .
دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ شىركىتى لوپنۇر كالىي تۇزى زاۋۇتى يىلىغا 3مىلىيۇن توننا كالىي سۇلفاتلىق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 2- باسقۇچلۇق قۇرلۇش تۈرى يېقىندا شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى مەركىزىدە رەسمىي قۇرلۇشنى باشلىدى . بۇ 2006-يىلى 4 مىلىيارد يۈۋەن مەبلەغ سېلىنغان ،يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1مىلىيۇن 200مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان كالىي فوسفۇرلۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە قۇرلۇش باشلانغاندىن بۇيانقى يېڭى بىر چوڭ ئېچىش بولوپ بۇ لوپنۇر كۆلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالىي فوسفۇرلۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولوپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ ،
،
9-ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى 441مىڭ 824 كە يەتتى .ئۈرۈمچىدە دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 3مىلىيۇندىن ئارتۇق بولوپ 8 كىشىگە بىردىن ماشىنا توغرا كېلىدىكەن .
.
سەھىيە مېنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى <<جۇڭگو ئانا-بالىلارنىڭ سەھىيە كەسپى تەرەققىيات دوكىلاتى (2011) نې ئېلان قىلدى . ئۇۇنىڭدا دۆلىتىمىزدە بۇۋاقلارنىڭ شۇنداقلا 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆۈش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىگەنلىكى ، ب د ت نىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن .
.

ئىران ئەدىليە تارماقلىرى 9-ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كىيىن 2009-يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىران دائېرلىرى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغان ئىككى ئامېرىكىلىق -سان باۋېر بىلەن جاس فاتتالنى قويۇپ بەرگەن ، بۇ ئىككى كىشى شۇندىن كىيىن دەرھال ئايرۇپىلان بىلەن ئومانغا كەتكەن .
.
ھىندىستاننىڭ سىككىم دىگەن يېرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شىزاڭنىڭ شىگازى بىلەن سانناندىن ئىبارەت ئىككى رايۇنىدىكى 18 ناھيە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچىرغان . 9-ئاينىڭ ۋ21- كۈنى سائەت 12 گىچە بولغان دەسلەپكى سىتاستىكىغا قارىغاندا ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 7 ئادەم ئۆلۈپ 136 ئادەم يارلانغان .
.
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-سېنتەبىر سائەت 20:36 دىن 49 سىكونت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شەرقىي ئۇزۇنلۇق79.3°، شىمالىي كەڭلىك 36.3° بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىر ئىكەن.