باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1427 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: داڭلىق ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
ئۆسۈش: 11240 %
مۇنبەر پۇلى: 11979 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 16:13

داڭلىق ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل



چىمەنگۈل ئاۋۇت كۆپنىڭ بىردەك ئېتىراۋىغا نائىل لېرىك شائىرەمىز.ياش شائىرلار ئارىسىدا چىمەنگۈلنىڭ شۆھرىتى ئاياللار ئىچىدىن ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئادىل تۇنىياز، ئەسقەر ياسىن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىملار بىلەن تەڭ قاتاردا ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.شۇنىڭدەك ئۆزگىچە ئىپادىلەش ماھارىتى چىمەنگۈلچە پوئىزىيە ئېقىنىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەلۋەتتە.

بۈگۈن مەن قازاقىستان ئۇيغۇر ساتىرىك يازغۇچىسى ئابدۇخالىق ماخمۇدۇف ئاكىنىڭ قولىدىن مۇھىم بىر ئامانەتنى ــ چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قازاقىستان مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر دېڭىزى» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.توپلام قاتتىق مۇقاۋىلىق،بەت چۆرىسى نەقىشلىك،70 گىرام ئاق قەغەزدە نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، مۇقاۋىدا بۇلۇتلار ئارا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاق قۇلار توپى بىلەن بىر ساھىبجامال سۈرىتى كىرىشتۇرۈپ بېرىلگەن، كەينى مۇقاۋىغا چىمەنگۈلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھال ۋە رەسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىتابنىڭ تىتۇل قىسمىدا چىمەنگۈلنىڭ چىمەن دوپپا كىيگەن، چوڭ كۆزلىرى سالماق نەزەر تاشلاپ تۇرغان كۆركەم ئاپتۇر سۈرىتى بېرىلگەن. توپلام 2011-يىل 16-ئىييۇل نەشىرگە قول قويۇلغان بولۇپ،« تونۇردىن يېڭى چىققان ئىسسىق نان بۇ » دېدى ئابدۇخالىق ئاكا مەمنۇنىيەتتە. توپلامنىڭ نەشىر نومۇرىISBN 978-601-7272-28-9:، ئەينى زاماندا تىيۇپجان ئېلىيېفنىڭ تۇنجى توپلامىمۇ قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغانلىقى يادىمدىن كەچتى.

توپلامغا شائىرەنىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن،خاتىمە قىسمىدا مەسئۇل مۇھەررىرى ئالماسبېكنىڭ چىمەنگۈل ئىجادىيەتلىرىگە ئارنالغان «ئوتلۇق ئېھتىراس ۋە تەپەككۇر ساھىبەسى» سەرلەۋھەلىك 34بەتلىك ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان تەقرىزى بېرىلگەن. كىتابنىڭ «مۇھتىرەم شېئىرخان» دېگەن نەشر كىرىش سۆزىدىمۇ شائىرەنىڭ ئەمگەكلىرى يۈكسەك سۈپەتلەردە تەرىپلەنگەن. ئابدۇخالىق ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، چىمەنگۈلنىڭ شېئىرلىرى خېلىدىن بۇيان قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.قازاقىستاندىكى پەيزۇللا ئەخمەتۇف، ئابلىز ھېزىموف قاتارلىق نەشرىياتچىلار بىلەن چىمەنگۈلنىڭ قويۇق ئەدەبىي ئالاقىسى بار ئىكەن، بۇ توپلامنى ئۆز مەبلىغى بىلەن نەشر قىلدۇرغان ئالماسبېكمۇ چىمەنگۈل شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي مەپتۇنكارلىقىغا قايىل ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇ چىمەنگۈلنىڭ ئەسەرلىرىنى چېلىقتۇرغان يەردە توپلاپ يۈرۈپ مانا بۇ توپلامنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.


  مەزكۇر توپلامنى قولغا ئالغان چېغىمدا چىمەنگۈل ئەشۇ ئاق قۇلار كەبى ئوتتۇرا ئازىيا ئەدەبىيات ئاسمىنىدىن بالقىپ بىر كۈنلىرى دۇنياۋى مەشھۇر شائىرە بولۇپ قالىدىغاندەك سۆيۈنۈش ۋە ئارزۇلار ۋۇجۇدۇمنى تەۋرەتتى.بىزدە« ئەتىۋارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دەيدىغان سۆز بار. ئەدىبلىرىمىزنىڭ مانا شۇنداق غېمىنى يەۋاتقان يىراقتىكى قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتىدىن .
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 587
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە587دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7574 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-04

چىمەنگۇل ئاۋۇت قازاقىستانلىق ئەمەستۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5644
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-01-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 21:52

نەدە  قازاقىستانلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىن.  ئىلى دەرياسىدا شىئرلىرى بىرىلىدۇ. راست ياخشى يازىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 924
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-10
ئاخىرقى: 2011-09-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 23:35

رەسىم:
ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت



ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئىرىشكەن.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى »دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ » نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.

  شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى.


مەنبەسى: خەلق تورى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 924
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-10
ئاخىرقى: 2011-09-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 23:37

‹‹ چىمەنگۈل ئاۋۇت ››شېئرلىرىدىن تاللانما



سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى



قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم،
ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت.
سېغىندىم مېھىرلىك تىللاشلىرىڭنى،
ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ - شىپ.

كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم،
تاتلىق بىر ھېس بىلەن كەتتىم جۇغۇلداپ.
جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رېئاللىق،
چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ.

بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۈر كۈتكىنىمگە تەڭ،
چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى.
مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا،
پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى.

مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان،
سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان.؟!
گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم،
ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ بارلىقى يالغان!!!



* * *


كەچۈر، قارلىغىچىم



چوقۇما ئەينەكنى، ئوماق قارلىغىچىم،
ئۇسسۇزلۇق بېرەيمەن ئالقانلىرىمدا.
ئۆزۈمنى بىمالال تاشلىيالمايمەن،
سەن كۆيۈپ قارايغان گۈلخانلىرىڭغا.

يارىلانغان تۇمشۇقۇڭ ئېچىشسا سىم-سىم،
ھورلانغان تىنىقىمدا قويايمەن پۈۋلەپ.
يېشىمدا يۇسام گەر قاناتلىرىڭنى،
باغرىمدىن يۇلغۇنۇپ ئۇچۇۋەر ئۆرلەپ.

كەچۈرگىن سەن ئۈچۈن سالمايمەن ئۇۋا،
بوغقۇم يوق مېھرىمدە ئەركىنلىكىڭنى.
چۈنكى كۆك ئاسمانلا تولۇق بىلىدۇ،
ئاھ، سېنىڭ شۇ قەدەر يەڭگىللىكىڭنى.



* * *
بىر تامچە نۇر



مىنى ئېلىپ قاچالماس ھىچكىم،
قۇمۇشلۇققا ئوت قۇيالماس ھەم.
ئات مىنىشنى ئۆگەنگۈم كېلىپ،
يىغلىۋالدىم ئۈن سېلىپ بىردەم.

قۇشتەك يەڭگىل قۇشتەك ئوماق مەن،
چاينىڭ رەڭگى سۈزۈلدى ئاستا.
شور ئۆرلىگەن ئالىقانلاردا قۇم،
بىر تامچە نۇر سانجىلدى تاشقا.

چىپىلدايدۇ يامغۇر يېقىملىق،
تۈتەكلەرنى قىلغانچە يەكسان.
ئانىلارنىڭ كۆزىدىكى مۇڭ،
كۆكلىمەكتە بولۇپ بۈك ئورمان.



* * *


ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ



زىمىستان قۇشلىرى قونغان زەنجىردەك،
يۈرەككە چىرمىشىپ كۆيمەكتە بىر ئوت.
جاراھەت باغرىدەك ئىسسىق دۇنيايىم ،
كەل ئۈنسىز، مۇزلىغان قوللىرىمنى تۇت.

يېقىمسىز ۋىسالدەك كۈلسۈن تەبىئەت،
قار كېچىپ تۇرايلى بىردەم يانمۇ يان.
مۇھەببەت ھەم نەپرەت كېسىشكەن دەمدە،
سارغايغان ھېسلاردىن سىرغىمىسۇن قان.

ماشىنا كۆزنىكى چېقىلسىمۇ ئاھ،
كۆز يېشىڭ ئۈمىدنى قالمىسۇن سۆيۈپ.
مەن ئەمدى ئۇزايمەن خىياللىرىڭدەك،
چۈنكى بىز ھىجرانغا قېلىشقان كۆنۈپ.



* * *


كەل جېنىم



كەل جېنىم،
يامغۇر سۈيىگە يېشىمنى قوشۇپ
چاي دەملىدىم.

كەل جېنىم،
قالغاچمۇ كەلدى.
ئەتە -ئۆگۈن
چېچەكلەر غورا بولاي دەيدۇ،
توپىلار لاي بولاي دەيدۇ،
تالمۇ يىغلاپ
سانجاق-سانجاق نۇر بولاي دەيدۇ.

كەل جېنىم،
تولۇن ئايدەك پىيالەم
لىغىرلايدۇ قولۇمدا.
مەن كۆيىمەن بىمالال
سەن بولغاچقا جېنىمدا.

كەل جېنىم،
شامال چىقسا
يەردىكى چېچەكلەر نى تەرمەيدۇ ھىچكىم،
سەنمۇ مېنى سېغىندىڭ بەلكىم.....

يەر يۇمشىدى سېنىڭ كۆڭلۈڭدەك ،
پىژ-پىژ قىلىپ كۆيمەكتە ئاپتاپ .
ئېتىزلىقىم بولغان بولسىدى ،
كۆك تىرەتتىم ساڭىلا ئاتاپ .

كەل جېنىم،
گۈللۈرۈممۇ شۇنچە خۇشپۇراق،
ئاسمىنىڭدا لەيلەيدۇ پىراق.

شامالنىڭ ئېرىمۇ كۈنلەمچى ئىمىش،
گۈللەر
دەرەخلەر
يىگىتلەر
كېرىلگەچكە ئۇنىڭغا قاراپ.
لېكىن، مەن -
كۈنلىمىدىم سېنى شامالدىن.
كەچۈر مېنىڭ ساراڭلىقىمنى،
چاچلىرىمنى يەلپۈگەن پېتى
سۆيۈپ ئۆتسۇن سېنىڭ يۈزۈڭنى...

كەل جېنىم،
ئوت قالىدىم.
نان جىگدىسى كۆمۈپ بىرىمەن،
قوقاس ئىچىدىن
ئۆز قولۇمدا
پۈۋلەپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىمەن!

ئۈگرە ئىتىپ بەرگۈم بولسىمۇ ،
گۈرۈچتەك قايناپ كۈلگۈم بولسىمۇ ،
جىگدە ئوتۇنىدەك كۆيگۈم بولسىمۇ...
يول ئارىسى يۈرەكنى ئىزەر ،
دەردىمىزنى بىر ئاللاھ سىزەر .
كەل جېنىم....



* * *

يوپكىلىق قىز



شەلۋەرەپ تۇرىدۇ شۇ قەدەر مۇڭلۇق،
شەھەر كېچىسىدەك ئىللىق بىر يارا.
ۋاقىتنىڭ قۇترىشى قىستايدۇ جاننى،
ئۆزۈمنى سۆيۈشۈممۇ گۇناھتۇر، گۇناھ.

ساپسېرىق سەبدىدەك كوچا چىرىقى،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.
ئايدىڭكۆل ئەتراپىغا قوندى بەش ئاق قۇ،
يالاڭ ئاياغ كەزمەكتىمەن ئازاب دەشتىنى.

چوقان –سۈرەنلەرگە قۇشۇلدۇم مەغرۇر،
مەسىتخۇشلۇق، يالغۇزلۇق ئوخشاشلا پىغان.
سېغىنىش زۇلمىتىدە كۆيسەم چاراسلاپ،
يورۇدى يەنىلا سەن بەرگەن ئىمكان.

مۇزىكا شاخلىرىدىن توزۇغان چېچەك،
چەيلەندى، كۈيلەندى ئاستا، بەك ئاستا.
ئۇيغۇر ئۇسۇلىدىن پاكىز نېمە بار،
دېگەن بىر تىۋىشنى يۇدۇم كۆز ياشتا.

سەن ئېيىتقان ناخشىنى ئېيىتقۇم كەلدى بەك،
ئورنۇمدىن بىمالال تۇردۇم يېلىنجاپ.
ئېھ، مۇشۇ كېچىنىڭ دەردى ھەم بەختى
باغرىمغا يامغۇردەك تۆكۈلدى شۇتاپ.

زۇمرەت كۆل ئەتراپىغا قۇندى بەش ئاق قۇ،
پەيلىرى لىق تولدى بىر چىغىر يولغا.
باشمالتاققىز، قىزىل بۆكلۈك قىز،
قار مەلىكە، كىيىك مەلىكە
يوپكىلىق قىزدەكلا چۆمۈلدى نۇرغا...



* * *


جۇنۇن



مەن سېنى چاھار باغدا دەپ قىلىمەن خىيال،
ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا باغلايمەن بوز ئات.
چىمەنلەر يەلپۈنۈپ تۇرار شامالدا،
ھۇجرىنىڭ ئىشىكىدە نەۋكەرلەر قات-قات.

گۈل يوپۇرمىقىدا دەملەپ بىرەر چاي،
سەن ئۈچۈن ھەركۈنى بىرلا كېنىزەك.
توزۇيدۇ مېۋىسىز، غەمسىز ھەم سۇلغۇن،
باھاردا سەن ئۈچۈن ئېچىلغان چېچەك.

سازىڭنىڭ تارىدىن ئۆرلەيدۇ ئاتەش،
پىراقىڭ زۇلمىتىدىن كۆكلەيدۇ يۇلتۇز.
ئىشىكىڭ تۈۋىدە يىغلايدۇ بۇلبۇل،
دەريانىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلار قۇندۇز.

نەچچە ياز، نەچچە قىش، نەچچە كۈز ئۆتۈپ،
ئاخىرى گۇگۇمدا چىقساڭ ھويلىغا.
سېنى كۈتكىنىچە تۇرار شۇ پېتى،
بىر ئايال ھەسرىتىنى تۇتۇپ قولىدا.

باغرىڭ قان قەدىمىڭ شۇ قەدەر ئېغىر،
كېلىسەن يېنىغا بىرىسەن تىللا.
توختايدۇ تىنىقى ئۇنىڭ ئەشۇ چاغ.
بىلىنمەس ئۆزۈڭگە ئۆتكۈزگەن گۇناھ.

نەۋكەرلىرىڭگە بۇيرۇپ ئۇنى سەن،
كۆمەرسەن ساۋاپ ئۈچۈن دۇئادا بەلكىم.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆزۈڭ پۈتكەن كۈي.
بىر كۈنى تۈڭلىكىڭدىن ئاقىدۇ تىم-تىم....



* * *


بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي



كەڭ يېيىپ ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى،
ۋاقىتمۇ شۇ قەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ.
ئۇرۇلار دىمىغىمغا ئىسسىق تەر ھىدى،
يۇلتۇزمۇ چاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ.

قىرىق بىر كېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى،
سانايمەن بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار.
ناۋادا چۆچەككە ئايلانسا دۇنيا ،
ئوغۇزخان تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال.

بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا،
ياكى بىر يالغۇز قىز بولاتتى خانىش.
بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي...
تىلىدىم ئۆزۈمگە چىدام ھەر قارغىش!
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1804 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 11:21

سالام،چىمەنگۈل!
ئىجادلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلاپ تەبرىكلەيمەن.
بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى سىزگە تەقدىم قىلغان كىتابىمغا:
ئۇيغۇر ئاياللىرى غايەت زور بىرتۈپ ئەتتىرگۈلگە ئوخشايدۇ،.سىز شۇ گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جەلپكار بىرى،دەپ يازغانلىقىم ئېسىمدە. ھېلىمۇ شۇ سۆزۈمدە تۇرىمەن.
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 564
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە564دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-11-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 12:18

بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.بۇ شائىرەنىڭ شېئىرلىرىنى.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1804 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-01-06
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 12:38

ئۇيغۇر داڭلىقمۇ؟ چىمەنگۈل داڭلىقمۇ؟  چىمەنگۈل دېگەن ئىسىمنى ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەر قويماس؟
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1345
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1345دانە
ئۆسۈش: 1550 %
مۇنبەر پۇلى: 11341 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 21:23

ناۋا پىروگىراممىسدا شىرزات نۇر ئېيتقان «ئانا » ناملىق ناخشا ئېسىڭلاردىمۇ ؟
تېكستى دەل مۇشۇ خۇتۇننىڭ :

مەن سېنى تاغىم دىسەم ،
تاغلار بۇيان ئەگدى !
مەن سېنى ئانام دېسەم ،
گۈللەر رومال چەگدى !


بۇ ناخشا ئۆزبېكچىگە ،تۈركىگە تەرجىمە قىلىنىپ ،تېخى مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دىگەندەك
بىزنى ئوغۇرلىغان دىيىشكەنتى تېخى ئۇلار ......
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1345
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1345دانە
ئۆسۈش: 1550 %
مۇنبەر پۇلى: 11341 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 21:26

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى بىناۋا نىڭ 2011-09-24 12:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇر داڭلىقمۇ؟ چىمەنگۈل داڭلىقمۇ؟  چىمەنگۈل دېگەن ئىسىمنى ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەر قويماس؟

ھېچقانداق بىر مىللەت داڭلىق ئەمەس ،بەلكى شۇ مىللەت ئىچىدىكى مەلۇم شەخىس داڭلىق ،
چىمەنگۇلنى ئۇيغۇردىن باشقا مىللەت قويمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ سىزگە ؟قويسا نېمە بوپتۇ ؟