كۈز كىرگەندىن بۇيان كەڭ-كۈلەملىك توغراقلىقىنى ئاساسى مەنزىرە قىلغان لوپنۇر كەنىتىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايۇنىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۈندە 200 ئادەم قېتىمدىىن ئوشۇق ئادەم كۈتىۋالىدۇ ...
.
مۇخپىرنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ساياھەتچىلىك ئىدارىسى ئاچقان تېلىۋىزىيەلىك تېلىفۇن يىغىنىدىن ئىگىلىشچە ، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىن 29 مىلىيارد 800مىليۇن يۈۋەن كىرىم قىلغان .
.
9-ئاينىڭ18-كۈنى كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈر يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇش 9-ئاينىڭ25- كۈنى پۈتىدۇ . قارماي پويىز ئىستانىسسى كۇيتۈن-بېيتۈن تۆمۈر يولى 114 كىلومىتىر بۆلىكى قارماينىڭ غەرىبى-جەنۇبىدىكى سانائەت رايۇنىغا 800 مېتىر كېلىدىغان جايىغا ،ئومومى قۇرۇلۇش كۈلىمى 16مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر . بۇ قۇرۇلۇشقا 310 مىلىيۇن يۈۋەن مەبلەغ سېلىنغان بولوپ 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىش باشلانغان .
.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇخەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسيا ئەرلەر ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابېقىسى f گۇرۇپپىنىڭ مۇسابېقىسىدە جۇڭگو كۇماندىسى 53:60 نۇمۇر بىلەن ئىئوردانىيە كۇماندىسىنى يېڭىپ ،سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى ،.
.
دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى بۈگۈن <<ئاي پەرى2>> ناملىق سۈنئى ھەمراھىنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ ،تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى يەتكۈزۈپ بولغانلىقىنى ،<<ئاي پەرى3>> ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۆلچەرلىنىشچە ،2013-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ، يەر شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىغا قونۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
.
زىمىن -بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يەر خېتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى ئۆلچەش ۋە سىتاستىكا باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى شاجىگاڭ 8مىلىيۇن يۈۋەندىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن ،9-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرىنچى سوتتا مۇددەتتسىز قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسى ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسى مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان .
.
لىيەنيۈنگاڭ قورغاس يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ لوياڭ-شىنئەن بۆلىكىدىكى يول ھالقىغان بىر ئاسما كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ،بۇ بۆلەكتىكى قوش يۆلۈنۈشلۈك قاتناشنى ئۈزۈپ قويغان ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددى ئىشلىنىۋىتىپتۇ ، بۇ بۆلەكتە قاتناش قىستاڭچىلىقى ئېغىر ئىكەن .
.
پەلەسستىن خەلىقى <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى>> غا كىرىشكە ئاكتىپلىق بىلەن تەييارلىق كۆرمەكتە .

توي خېتى ئالغاندا سۈرەتكە چۈشمەكتە .
غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسى مويكا ئاھالىلەر رايونىدىكى 116 ياشلىق تاتار بوۋاي ئەزىمجان ئەمەت بىلەن 52 ياشلىق ئارزىگۈل توي قىلىپ يېرىم ئايدىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ توي خېتى ئالدى.ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەزىمجان ئەمەتنىڭ 4-قېتىملىق ئۆيلىنىشى بولۇپ، ئالدىدىكى ئۈچ ئايالى بىلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا 44 يىل، ئون يىل، 29 يىل ئۆي تۇتقان ئىكەن.