ماداغاسقار : «جەسەت ئۆرۈش بايرىمى»
بەلگىلىك مۇددەتتە بىر قىېتىم ئۈلۈپ كەتكەن تۇغقىنىنىڭ جەسىتىنى كولاپ چىقىرىپ ، بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ، باللىرىغا بۇ تۇغقىنىنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ھوندۇراس« خوتۇن ئالماشتۇرۇش»
ھوندۇراستا مايا مەدەنيىتىنىڭ قالدۇقى بولغان خوتۇن ئالماشتۇرۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇنىڭدا كىشىلەر ئۆز خوتۇنىنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ، ياكى باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ خىل ئادەتنى ئۆزگەرتىشكە ئامال قىلالماي ، بۇ خىل «خوتۇن بازىرى»نى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم سودا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
كامبودژا : قىزلار توي قىلغۇچە تاماكا چېكىشنى بىلىشى كېرەك
كامبودژادا قىزلار 15-16 ياشلاردا، ئوغۇللار 20 ياش ئەتىراپىدا توي قىلىدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر تاماكا چېكىشكە قارشى تورىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، كامبودژادا ناھايىتى غەلىتە بىر ئادەت بار، ئۇ بولسىمۇ قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تاماكا چېكىشنى بىلىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى ئۇلار تاماكا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچۈكلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارايدىكەن.
توگو: دەپنە مۇراسىمىنى شادلىق بايرىمىدەك خوشال ئۆتكۈزۈش
بولۋىيە: ئەسەبىي ئېلىشىش بايرىمى
بۇ بايرامدا ھەممە يەر كىشىلەر ئۇرۇشقاندا چىققان قانلار بىلەن بويۇلۇپ كېتىدۇ، لىكىن بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
مېكسىكا: روھ بايرىمى
بۇ بايرامدا پۈتۈن كوچىلار تىرىلگەن« ئۆلۈكلەر» بىلەن تولۇپ كېتىدۇ.
ھىندىستان: كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا پالەچ بالىلارنى داۋالاش
بۇنداق كۈنلەردە ھىندىستاننىڭ Karnataka Gul Bega رايۇنىدا ، كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، بىر قىسىم پالەچ بالىلارنىڭ8 پۈتۈن بەدىنى ياكى مەلۇم قىسىمى ئوغۇتقا كۆمۈلىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلغاندا پالەچ بالىلار ساقىيىدۇ دەپ قارايدىكەن.

توگو: ئەر ئاياللار ئاجىراشقاندا چېچىنى تاپشۇرۇش
توگو قانۇنىدا، ئەر ئايال ئىككى تەرەپ ئاجراشماقچى بولغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا بېرىپ، ئىلتىماس سۇنىدۇ ، يەنە باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ قارشى تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تۈركىيە: ئەر ئاياللار بىللە يۇيۇنۇپ، كېلىن تاللاش
تۈركىيەلىك قىزلار ئادەتتە بېشىغا ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغان بولغاچقا، يىگىتلەر ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنى بىلەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار قىزلارنى مونچىغا چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ، قىزلارنى تاللايدۇ،چۈنكى مونچىدا قىزلارنىڭ بەدەن شەكلىنى كۆرگىلى بولغاچقا، قىزلارنىڭ بەدەن شەكلىگە قاراپ، كۆپ بالا تۇغۇپ ئائىلىنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
ھىندىستاندا: «ھاجەتخانىسى بولمىسا، خوتۇن ئالالمايدۇ»
ھىندىستانغا بېرىپ باققان چەتئەللىكلەر ھىندىستاننىڭ ھاجەتخانىسىغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. بەزىلەر ھەتتا چاقچاق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ھەممە يېرىدە ھاجەتخانا بار دەيدۇ. چۈنكى پايتەخت يېڭى دېھلى، ياكى ئىقتىساد مەركىزى بومبايدا بولسۇن، يول ياقىسى، دەريا بويلىرىدا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ھىندىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئاياللار پەقەت كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىنلا كىشىلەر بارمايدىغان چەت جايلارغا بېرىپ ھاجەت قىلالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ ھەر خىل زىيانكەشلىككە ئۇچۇراش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم جايلاردا «ھاجەتخانىسى بولمىسا، خوتۇن ئالالمايدۇ» ئادىتىنى يۈرگۈزگەن.
ھىندىستان: ئەرلەرنى ئۇرۇش بايرىمى
كورىيە : لاي چېچىش بايرىمى
فىرانسىيە چوشقا بايرىمى
ئېرلاندىيە: ئاجىرىشىشقا يول قويۇلمايدۇ