باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 799 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەيدىسى ئوچۇق قىزنى كۆرگەندە ( شىئىر )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9018
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-09-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 02:02

مەيدىسى ئوچۇق قىزنى كۆرگەندە ( شىئىر )

ئولتۇراتتى ئۈچ تۆتەيلەن يول بويى ،
ئۆتتى بىر قىز يېرىم ئوچۇق مەيدىسى .  
غورۇرى بار ئىتىقادلىق كىشىنىڭ ،   
كۆرسە ھەرگىز كەلمىگىدەك ھەۋىسى . 

  
كۆزلىرىگە سەت كۆرۈندى باللارنىڭ ،  
مات قىلىشقا مەسلىھەتنى پۈتۈشتى .   
قاتار تۇرۇپ نەچچە مىتىر ئارلىقتا ،   
ئۆز ئورنىنى گەپ - سۆزىنى بىلىشتى .   


خوتەنلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
‹‹ پىچىپ باقسام كۈزدە پىشقان قوغۇندەك ،
تەمى ئوبدان ئىچى - تېشى ئەتچىلىك .   
ئوچۇق قاپتۇ چىۋىن قونغان گەزنىڭىز ،  
ھاي ئېيتىڭا بۇ ئەمەسمۇ سەتچىلىك ›› ؟

 
ئاتۇشلۇق بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :  
‹‹ شۇ گەزنىگە قونغان قارا چىۋىنلەر ،  
بىلەلمىدىم ئۆزلىرىگە زىننەتمۇ ؟  
يېرىم غېرىچ تۆپىسىگە كەملىگەن ،   
ھىچ بىلمىدىم نەرقى ئۇنىڭ قىممەتمۇ ›› ؟  


قەشقەرلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :  
‹‹ ماڭقايلىسلا سوراپ باقاي ئېۋەنى ،

ئېچىپ قويۇپ نىمە مەقسەت دىسىلە ؟
ئۈگىنىلا ئانچە مۇنچە يېپىشنى ،
قوتاندىلا بىدە سامان يىسىلە ›› ...
 
كۇچالىق بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
‹‹ نىمانچىلا ئوچۇق قالدى مەرەز يە ،
شۇشاڭ بىلەن ئىگىز يەرنى قىرايمۇ ؟   
سوراپ باقاي زۇۋانىڭىز قانچە مو ،

بوز يەر ئېچىپ ئەمدى جۇسەي تېرايمۇ ›› ؟  

تۇرپانلىق بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
‹‹ بىلمىدىم ۋاي چىققان نىمە كوچىغا ؟

بۇ ئەمەستۇ ھايۋاناتلار باغچىسى .   
كىىتپ بارغان ماۋۇ نايناق كىملەرنىڭ ،

بېقىپ يۈرگەن مېكىيانى ، ئاغچىسى ›› ؟   

ئۈرۈمچىلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
‹‹ ھەي بۇ نىمىش بىلەلمىدۇق بالىلار ،   
مودىمىدۇ ما توپاققا بۇ ئىش يا ؟  
ساراڭ دەيمىز بۇنداقلارنى ئەزەلدىن ،  
سەت يېرىنى دام - دام قىلغان نەدە با ›› ؟

 
مانا شۇنداق نۆۋەت بىلەن دىيىشتى ،
قويۇش ئۈچۈن قىزنى ئازراق نۇمۇسقا .
شۇ ئارقىلىق بىر ئادەمگە بولسىمۇ ،
ئەدەپ - ئەخلاق يار بولۇشقا تۇرمۇشقا . 
 
خىجىل بولۇپ كىتىپ قالدى ئۇ قىزچاق ، 
ئۈمۈتسىزلىك تولۇپ ئويناق كۆزىگە .

 ئۈنۈم بىرىپ قالسا ئەگەر بۇ ئۇسۇل ،   
تەلەپ قويۇپ ئۆتسە مەڭگۈ ئۆزىگە .  


2009 – يىل 11 – ئاي

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئەينى ۋاقىتتا  ئابدۇسلام قاھارنىڭ تىمىلىرىنى بەك ياقتۇراتتىم ، شۇڭا بۇنى شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ يېزىپ ساقلاپ قويغان ، ھازىر قايتا يوللاپ قويدۇم .
 
مەنبە : شۇ ناملىق ئەسەرنى كۆرگەندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم






jahil insanin yaninda kitap gibi sessiz ol
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5436
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-31

ئابدۇسالام قاھارنىڭ  شۇ ناملىق ئەسىرىنى كۆرگەنتىم .ئوبدان كەلتۈرۈپسىز  ..
ئاللا قىزلىرىمىزغا ئىمان -ئىتقاد ،شەرمى ھايا ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئوغۇللىرىمىزغىمۇ  ئىمان -ئىنساپ ،  قىزلارنى ئەيمەندۈرەلگىدەك ۋىجدان -غۇرۇر ئاتا قىلسۇن ...!!!
دىللارئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8842
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-03
ئاخىرقى: 2012-03-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 15:33

ياخشى يىزىپسىز قولىڭزغا دەت بەرمىسۇن .داۋاملىق تىرىشىڭ .    << دۈمبىسى ئوچۇق قىزنى كۆرگەندە >> دەپ .يەنە ئىلھامىڭزنى قوزغاپباقامسىز . قولىڭزدىن چوقۇم كىلىدۇ   .