ھازىر تورخانىلارغا كىرسەك بىكار كومپيۇتېرلارنىڭ يوقلىقىنى كۆرىمىز . بىزدە كومپيۇتېر مەستانىلىرى ناھايىتى كۆپ . ئۇلار توردا نېمە مەشغۇلات قىلىدىغاندۇ؟ دەپ تورخانىلارنى ئارىلاپ باقتىم . قارىسام ھەممىسى دېگۈدەك توردا پاراڭلىشىش ، ئويۇن ئويناشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋېتىپتۇ .
مەن ئويلاپ قالدىم . كومپيۇتېر پەقەت ئويۇن ئويناش قورالىمۇ؟
21- ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى . چەتئەللەردە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توردا مال ئېلىش ، مال سېتىش ئومۇملاشتى .
بىراق بىزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن بۇ سودا تېخى بىر يىڭى كەسىپ ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرەللىك مال سودىغا دائىر ئۇيغۇرچە تور ياكى ئۇيغۇرچە بىر ئوقۇشلۇق چىقىپ باقمىدى . بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىمۇ بۇ جەھەتتىكى بىلىشى چۇڭقۇر ئەمەس . بۇ ھەقتىكى خەنزۇچە ماتىرياللار ياكى خەنزۇچە تور بەتلەر ناھايىتى كۆپ . ئەپسۇس ، خەنزۇچە سەۋىيمىزنىڭ تۆۋەنلىگى ، كەسپى خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەسلىك ، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق بولۇپ قالدى . شۇ سەۋەپتىن قەرەللىك مال سودىسى كەسپىنى بىلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغانلار ناھايىتى كۆپ .
يەنە بىر سەۋەپ ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى سودا قىلىش ئۇسۇلىمىز ۋە چۈشەنچىمىز بۇ سودىنى قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ . )
بىزنىڭ ئىپتىدائى سودا ئېڭىمىز -- ئاۋال مالنى كۆرۈش ، ئاندىن پۇلنى بېرىش ( يەنى بىر قولدا مالنى ئېلىپ بىر قولدا پۇلنى بېرىش ) شەكلىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاچقا توردىن بىر كونۇپكا بېسىپ بىۋاستە مال ئېلىش ، يەنە بىر كونۇپكا بېسىش بىلەن مالنى سېتىش شەكلىگە بەزى كىشلىرىمىز بىر خىل تەئەججۈپ بىلەن گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ .
ھازىر تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە بۇ خىل سودا ئومۇملىشىپ بولدى . شىنجاڭغا نىسبەتەن ئۈرۈمچى شەھرىدە باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا توردا سودا قىلدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن . چەتئەللەردىمۇ بۇ سودا بىلەن بېيىپ
كەتكەنلەر نۇرغۇن
مىسالغا ئالساق: سەئۇدى ئەربىستاننىڭ شاھزادىسى تور سودىسى ( يايچىك سودىسى ) قىلىش ئارقىلىق 20 مىليارتتىن ئارتۇق مەبلەغكە ئىگە بولۇپ دۇنيادىكى بايلار ئىچىدە 13- ئورۇندا تۇرىدۇ .
توردىكى پاي بازىرى بولسۇن ، قەرەللىك مال سودىسى بولسۇن ھەممىسىدە ئالدىن پەرەز قىلىش ئىقتىدارى بولۇش ،يەنى ئالماقچى بولغان تاۋارنىڭ كىلىپ چىقىشى ، بازاردىكى ئىشىش ، چۈشۈش سۈرئىتىنىڭ تىز -ئاستىلىغى ، تەبئىى ئاپەتلەرنىڭ شۇ تاۋارغا كەلتۈرىدىغان قوزغىتىش كۈچى ، رايونلار ئارا توقۇنۇشنىڭ كەلتۈرىدىغان خەۋىپى .....قاتارلىقلارنى مۇلاھىزە قىلىش ئىقتىدارى بولۇش كىرەك . ئەگەر بۇ خىل ئىقتىدارىڭىز بولمىسا بۇ سودا بەك خەتەرلىك ، سىز بۇ سودىغا كىرە - كىرمەيلا سىزنى زىيانغا پاتۇرۇپ قويىدۇ . سىز بۇ ھەقتە كەڭ دائىرلىك بىلىملەرگە ئىگە بولسىڭىز بۇ سودىدىن نەپ ئالماي قالمايسىز .
قىسقىسى، بىزدە بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ياشلار كۆپ .
لېكىن بىزدە سودا ئېڭى قانۇنيىتى بەك تۆۋەن .
بىز قىممەتلىك ۋاختىمىزنى توردا بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، بۇ سودا يولىنى تەتقىق قىلىپ توردىن ئىقتىسادى قىممەت ياراتساق بولارمۇ؟؟؟؟؟؟؟
مەنبە؛ ئىبراھىمجان ئىرپانى
ئەگەر سېز توردا ئىلىپ بىرىلدىغان قەرەللىك مال سودېسى ، تور ئالتۇن سودىسى قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز بۇ توپقا كىرىڭ .
توپ نۇمۇرى ؛168271228
بۇ سودىغا قىزىققان ھەر قانداق بىر دوستېمېز بۇ سودېغا ئالدېراپ كىرىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن . ئۇزۇن مەزگىل بازار كۈزىتىپ ئىقتىسات بىلىملرىنى ياخشى ئىگەللەپ 5-6 ئاي تەقلىدى ئويناپ كۆرۈڭ .