8-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى 9- چېسلا دۆلەت تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى ،ج ك پ مەركىزى كومېتىتى سىياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى لىيۇ يۈنشەن ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى .
خەلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئالدىنقى ھەپتە ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە سىچۇۋەن ، سەنشى ، خېنەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچىرغان . 57 ئادەم قازا قىلغان ،29 ئادەم يوقاپ كەتكەن .
.
8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ باھا كۆرسەتكۈچ 0،2% ئۆسكەن .بۇ كۆرسەتكۈچ ئۇدا ئۈچ ئايدىن بۇيان تۆۋەنلەپ كەلگەن .(5- ئايدىن 7- ئايغىچە ) باھا كۆرسەتكۈچى 0.5% 0.4% 0،3% بولغان .
.

23 ياشلىق زاڭزۇ قىزى شىلۇجۇما شۇ يەر ۋاقتى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تۈركىيە ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق چېلىشىش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابېقىسى ئاياللار ئەركىن چېلىشىش مۇسابېقىسىنىڭ 67 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابېقىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن ، بۇ شىزاڭ تىنىچ ئازاد بولغان 60 يىلدىن بۇيان شىزاڭ قولغا كەلتۈرگەن ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى تۇنجى دۇنيا چىمپىيۇنى شىلۇجۇما ھەل قىلغۇچ مۇسابېقىدە ،مۇڭغۇلىيە ماھېرىنى يېڭىپ دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان .
.
پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى تىزگىنلەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە ،پاكىستاننىڭ جەنۇبىدا يېقىندا پەسىللىك شامال خارەكتىرلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 300 دەك كىشى قازا قىلغان ، ئاپەتكە ئۇچىرغانلار مىلىيۇندىن ئېشىپ كەتكەن .
.
ئىران ئەدىليە تارماقلىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ؛ ئىران ئەنگىليە رادىئو شېركىتىنىڭ bbc پارىس تىلى قانىلىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىران تەۋەلىكىدىكى 6 ياللانما خىزمەتچىنى قولغا ئالغان ، ئۇلار ئىراننىڭ سەلبى ئوبرازىغا چېتىشلىق كۆرۈلمە چاستوتا ھەم سۈرەتلەرنى تارقاتقان دەپ گۇمان قىلىنغان .
.
نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ يىغىنى 9-ئاينىڭ 18 -كۈنى مادوڭشېڭنىڭ نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىىلىق ، سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان ، مادوڭشېڭ جەمىي 2 مىلىيۇن 290مىڭ يۈۋەن پارا ئالغان .
.
نىيۇيۇرىك تاۋار سودا بېرىژىسىدا ئالتۇننىڭ باھاسى بۈگۈن 1800 دوللارلىق ئۆتكەلدىن يەنە بىر قېتىم بۆسۈپ چۈشۈپ ھەر ئۇنىسسىيەسى 1778.9 دوللارغا چۈشكەن . ئالدىنقى كۈنگە سىلىشتۇرغاندا 35.8 دوللار چۈشۈپ 2% تۆۋەنلىگەن .