باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 814 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كورىيەلىك
مەزكۇر ئەزا تېخى شەرەپ مىدالىغا ئېرىشمىگەن
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 254
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە254دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 3147 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 16:10

دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كورىيەلىك

كورېيەلىك بان كىمون 6-ئىيۇن ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۆتەش  سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئالدىنقى ئايدا دۇنيا بويىچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرىلىق ئورۇننى تالىشىش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەت بولغانغا ئوخشىمايدىغىنى، ب د ت باش كاتىپى سايلىمى بەكلا جىمجىت بولدى،بان كىمونغا ھەتتا بىرەر رىقابەتچىمۇ چىقمىدى.
   پاكىستان «مىللەتلەر خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە يەنە بىر ئىنتوناتسىيەدە: 192 ئەزا دۆلەتكە ئىگە بۇ تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىشنى خالايدىغانلار يوقتەك قىلىدۇ، ئاجايىپ قابىل دىپلوماتلار كۆپ بولسىمۇ، ھازىرقى رىقابەت بۇرۇنقى بىرنەچچە كىشى رىقابەتلىشىدىغان ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ، رىقابەتلىشىشنى خالايدىغان باشقا ئادەم يوق، دېيىلدى. خەۋەردە يەنە: 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى دىپلوماتلار بان كىموننى «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كاتىپى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ  گېنېرالى»، چوڭ دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا زوراۋانلىق قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغاندا، ئۇ ئاساسەن زۇۋان سۈرمەيدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەر خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلچەملىك ئىنكاس قايتۇرۇپ: ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، دەيدۇ، دېيىلدى. ياپونچە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» قوشۇمچە سانىنىڭ ماقالىسىدا: بان كىمون ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك سەۋىيەسى تۆۋەن باش كاتىپلار ئارىسىدىمۇ كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ، ھەرقايسى جايلار بەرگەن پەخرىي نام ۋە ئۈنۋانلارغا ئېرىشتى ھەم قارىماقتا ناھايىتى قالتىس، لېكىن كىشىدە قىلچە تەسىر قالدۇرالمايدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلىدى؛ ئۇ ب د ت نىڭ باش كاتىپى سۈپىتىدە چوڭ ئىشلاردا نۇرغۇن پۇرسەتنى كەينى-كەينىدىن كەتكۈزۈپ قويدى، ئۇ خۇددى يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغۇچىغا ئوخشاپ قالدى، دېيىلدى. خەۋەردە: بان كىمون يەنە ب د ت دىكى ئىشخانىسىغا كورېيەدە ئىشلەنگەن «SAMSUNG» ماركىلىق ئالاھىدە نېپىز سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزور ئېسىۋالغان، كورېيەلىك يېقىنلىرىنى  ئۆزىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن، دېيىلدى. ياپونىيەنىڭ «2CH» تور بېكىتىدە بەزى تور ئەھلىلىرى: ئىقتىدارسىز بان كىموننىڭ بالدۇرراق ئىستېپا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بان كىمون كورېيە ئۈچۈنلا تەشۋىق قىلىدۇ، ئۇنىڭدا دۇنياۋى نەزەر ۋە سەۋىيە يوق، دېدى.  
  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا: 2007-يىلى بان كىمون ۋەزىپە ئۆتەشنى تىنچ باشلىدى، بەزى ۋەكىللەر ئۇنى «ئۇنىڭ تۆۋەن ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ئۇنىڭ ئوبرازىغا پايدىسىز» دېگەن ئىدى، كېيىن ئۇ دۇنيا بۇيىچە يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە رەھبەرلىك قىلغان بولسىمۇ، 2009-يىللىق كوپېنھاگېن كېلىمات مەسىلىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى ئۇنىڭغا يەنە زەربە بولدى؛ بان كىمون ئىلگىرى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ كوتېدىۋوئىر كرىزىسىدىكى مەيدانى ۋە غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى داۋالغۇشتا كۈچ كۆرسەتكۈچىلەر تەرەپتە تۇرۇشى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ يېقىنقى بىر ئايدا بان كىمون لىۋىيە رەھبىرى كازافى، سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ۋە يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ بىلەن قايتا-قايتا تېلېفونلىشىپ، ئۇلارنىڭ خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، دېيىلدى. خەۋەردە: بان كىموننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى رەنجىتىپ قويدى، بۇ ئىككى دۆلەت ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا يولسىز ئارىلاشقانلىقىغا قارشى تۇردى، دېيىلدى. خەۋەردە يەنە ب د ت نىڭ بىر دىپلوماتىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: بان كىمون بىر خىل سۆز-ھەرىكەتنى قوللىنىشقا ماھىر، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايدۇ، دېيىلدى.
           بان كىمون ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرامدۇ؟
   كىشىلەر بان كىموننى «يوشۇرۇن ئادەم»، «ئاسان تۇتقىلى بولمايدىغان سېرىق يىلانبېلىق»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كورېيەلىك» دپم ئاتىشىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇيس ئىلگىرى: ب د ت دىكى ۋەكىللەردىن بان كىموننى كەمسىتىدىغان بىرەر كىشىنى تاپماق تەس، بەلكى «بان كىمون ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئاننانغا ئوخشاش سېھرىي كۈچگە ئىگە» دەپ قارايدىغانلارنى تاپماق تېخىمۇ تەس، دېگەن. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دىپلوماتى بان كىمونغا: ئۇ بوتۇلكىدا چېقىلغان چاقماققا ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلالايمىز، دەپ باھا بەرگەن.
  غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بان كىمونغا قارىتىلغان تەنقىد ئاساسەن ئىككى تەرەپكە مەركەزلەشكەن: بىرى، ئۇنىڭ مۆتىدىل ئىش قىلىش ئۇسۇلى؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە «تازا قاتتىق قول بولماسلىقى». 2010-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا بان كىمون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئۇنىڭ باياناتچىسى مارتىن: بان كىمون بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتى كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى، جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، دېگەن. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە شۇ يىلى 2-نويابىر باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بان كىموننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «نۇمۇسسىزلارچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى» تەنقىد قىلىنىپ، ئامېرىكىغا بان كىموننىڭ قايتا سايلىنىشىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش مۇراجىئەت قىلىنغان. ئامېرىكا «خرىستىئان دىنى ئىلمىي رىسالىسى گېزىتى»دە: بان كىمون ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ھامىيسى سالاھىتىدە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگولۇقلارغا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالمىسا، بۇنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؟ دېيىلدى.
  شياڭگاڭ «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى»دە: ب د ت باش كاتىپىنى سايلاشتا ھەممىگە مەلۇم بولغان بىر ئەنئەنە بار، ئۇ بولسىمۇ−چوقۇم ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن بۇ ئورۇنغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دېيىلدى. خەۋەردە: قىزىق يېرى شۇكى، بان كىمون ئاقساراينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە جۇڭگونىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى، دېيىلدى. كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا: بوش ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار دەسلەپتە بان كىمونغا نىسبەتەن ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالغان، چۈنكى ئۇلار بان كىموننى «جۇڭگوپەرەس» دەپ قارىغان، جۇڭگو بان كىموننىڭ سايلانغانلىقىنى ئەڭ بالدۇر ئالقىشلىغان، دېيىلدى. جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ھەتتا: بان كىموننىڭ ئەجدادلىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بىر كەنتىدىن بولۇشى مۇمكىن، دېيىلدى. خەۋەردە يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى كېننېدىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: بان كىمونغا نىسبەتەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۇنىڭ سايلىنىشىغا پايدىلىق، دېيىلدى. خەۋەردە يەنە: كىم ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرماقچى بولسا، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ قىسمەن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى، دراماتىك كىشى بولماسلىقى كېرەك، دېيىلدى.
  بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسېتېتى ب د ت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لى يوڭخۈي: بان كىمون ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشتا رىقابەتچىگە ئۇچرىمدى، لېكىن، بۇ، ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىق ئورنىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكى ياكى رىقابەتنىڭ كەسكىن ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتا سەۋەب بولغان: بىرى، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىغان، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ئۇنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن؛ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بان كىموننى «رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە سېھرىي كۈچى كەمچىل» دەپ تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە خېلى ئۇتۇق قازاندى، بۇنداق نامزاتنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇ جۇڭگو قوبۇل قىلالايدىغان نامزات، دېدى.
مەنبە :ئۇلىنىش تورى.
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17

ئۇ ،ئادەم  مىنىڭچە ئورۇننى بىكار قىلسا بولىدۇ . بۇمۇ بىر نەپسانىيەتچى ئەبلەخ .   
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
مەنزىرە
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 399
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە399دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4147 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-09-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 17:05

مەن تېخى رەسىملىك ياكى سۈرەتلىك خەۋەر ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......