ئايىغىڭنى تاغدەك مەزموت تىرەپ تۇرالىساڭ،بىشىڭ كۆككە يېتىدۇ.
ئەي كۆپ بىلىملىك ئىنسان،تىلىڭنى تۇت!ئەتە تىلسىزلارغا سۇئال-سوراق يوق.
ئىچىدە ھەقىقەت جەۋھىرى بولغانلار مەرۋايىت قۇلۇلىسىدەك ئاغزىنى ئاچسا ئۈنچە-مەرۋايىت چاچىدۇ.
تولا گەپ قىلىدىغاننىڭ قۇلىقى ئېتىپ قۇيۇلغان بۇلۇپ،نەسىھەت پەقەت سۈكۈت قىلىدىغانغا تەسىر قىلىدۇ.
ئاغزىڭ بىسىلماي گەپ قىلساڭ ،ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا خۇشياقمايدۇ،ئۆزۈڭمۇ ئۇ سۆزلىرىڭنىڭ لەززىتىدىن پايدا ئالالمايسەن.
رەختنى ئۆلچىمەي پىچقىلى بولمىغاندەك،قائىدىسىز سۆزنىمۇ سۆزلىگىلى بولمايدۇ.
خاتا،ئەمما ئويلاپ قىلىنغان سۆز ئويلىماي قىلىنغان تۇغرا سۆزدىن ياخشىدۇر.
سۆز ئىنسان ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن يىتىشىدىغان كامالەت ئىكەن،ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى كىچىك چاغلىما.
ئون ئادەمگە گەپ بەرمىگۈدەك تولا گەپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلە.ئالىمدەك بىر سۆزلىسەڭمۇ بىردەك سۆزلە.
جايىغا تەگمىگەن يۈز ئوق ئاتقاننىڭ ئورنىغا بىر ئوق ئاتساڭمۇ نىشانغا تەگكۈز.
كىشى ئاڭلىنىپ قالسا يۈزى قىزىرىدىغان سۆزنى نىمىشقا مەخپىي سۆزلىسۇن؟
تام تۈۋىدە بىرىنىڭ كەينىدىن گەپ قىلما،چۈنكى تامنىڭ كەينىدە بىرى بولسا ئاڭلاپ قالىدۇ.
يۈرەك سىرلارنىڭ زىندانىدۇر،دىققەت قىل،ئىشىكى ئۇچۇق قالمىسۇن.
شامنىڭ تىلىدىن كۆيگىنىنى كۆرگەچكە ،ئالىم ئاغزىنى تىكىۋالىدۇ.
"گۈلىستان"ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.