كوچا خەۋەرلىرى گېزىتى بۈگۈن دوزاخنىڭ رايونىمىزدىكى ئەڭ يېڭى بېلەت
باھا جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى، قاتتىق ئورۇندۇق، يۇمشاق كارىۋات،
ئايرىمخانا دىگەندەك ئوخشاشمىغان مۇلازىمەتلەرگە ئاساسەن بېلەت باھاسىمۇ ئوخشىمايدىكەن.
ھەقسىز دوزاخ
بارلىق تەقۋادارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن. ھەق تۆلەش ھاجەتسىز. بېكارغىلا بىر ئۆمۈر قالىسىز.
شەرتى توشىدىغانلار : خۇداغا ئىشەنمەي، پەرھىزلەرنى ئادا قىلماي يۈرىۋېرىڭ.
1 يۈەنلىك دوزاخ
پوپورتاڭ دىگەندەك چوشقا (ھارام) نەرسىلەرنىڭ مېيىدا ئىشلەنگەن يىمەكلىكنى يەپ قويۇڭ. ئاسانلا كىرىسىز. باھاسى ئەرزان.
5 يۈەنلىك دوزاخ
تاماكا چېكىش. قانچە كۆپ چەكسىڭىز شۇنچە تېز بارىسىز. مىقدارىنى كۆپەيتىش، ۋاقتىنى ئۇزارتىش بولسا بالدۇر چېكىش، 6 ياش، 3 ياشتىن باشلاپ چېكىش ئارقىلىق نىشانغا بالدۇر يەتكىلى بولىدۇ.
20 يۈەنلىك دوزاخ
ھەرقايسى ناھىيە بازارلىرىنىڭ بېكەت ئەتراپلىرىغا ئېچىلغان سەتراچخانا نامىدىكى جـالاپ بازارلىرىدا كۆڭۈل خوشى قىلىش.
500 يۈەنلىك دوزاخ
كۇلۇب ۋە ئىشرەتخانىلاردا قىزلار بىلەن قۇلاق مىدىرىغىچە ئىچىش ۋە ئۇلارنى ياتاققا باشلاش.
ئۇنىڭدىن يۇقىرى سوممىلىق دوزاخ ۋاقتىنچە تونۇشتۇرۇلمىدى. سەۋەبى رايونىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى سەل تۆۋەن. ئىستىمال سەۋىيىسى چەكلىك بولغاچقا كۆپلىگەن كىشىلەر يۇقىرى باھالىق بېلەت
باھاسىغا چىقىش قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى بېلەت ئالغۇچىلار دوزاخقا كىرىش ئۈچۈن پاسپورت - ۋىزا دىگەندەك رەسىميەتلەرنى بېجىرىشى ۋە بىر قاتار سۇئال سوراقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك.
ئۇنداقتا ھىچقانداق رەسىمىيەت ئۆتىمەي كىرىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ بار!
تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەردىن ھىچقانداق ھەق، پاسپورت ۋە ۋىزا ئېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ۋە ھەرقانداق سۇئال سوراقسىز ئۇدۇللا كىرسە بولىدۇ.
ئاخىرەتتە ھەرقانداق ساۋابلىق ئىش قىلىشىدىن قەتئىنەزەر سۇئال سورالمايلا دوزاخقا كىرىشكە ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلىدۇ.
1. خوتۇنى بار تۇرۇپ سىرىتتا پاھىشە قىلغان ئەرلەر. ئېرى بار تۇرۇپ سىرىتتا پاھىشە قىلغان ئاياللار. بولۇپمۇ بالىسى بارلار.
2. نامرات تۇرۇپ، ھالىغا باقمايدىغانلار. باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلار.
3. يالغان سۆزلەيدىغان ئەمەلدارلار.