باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 435 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىلىنلىك مەسئۇلىيتى
دوستلىشىش
مۇھسنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8277
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2011-10-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 13:45

كىلىنلىك مەسئۇلىيتى

بىر شەرقلىق ئانىنىڭ قىزىنى تۇرمۇشقا چىقىرىش ئالدىدا قىلغان نەسىھەتلىرى:
«جېنىم بالام، بىر ئادەمنى ياخشىلىققا ئۈندەش ئۈچۈن نەسىھەتلەر بېرىلىدۇ، ئەدەب-ئەخلاقلىق ياكى باي كىشىنىڭ پەرزەنتى بولۇش ياكى بارچىغا مەقبۇل خىسلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن كۇپايە قىلغىنىدا ئىدى، ساڭا نەسىھەت قىلىپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز ئىدى. ئەسلىدە نەسىھەت ئۇنتۇلغانلارنى ئەسلىتىدۇ، بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا نەسىھەتلەر بەكمۇ پايدىلىقتۇر.
سۆيۈملۈك قىزىم، ئەگەر بىرەر قىز ئاتىسى باي بولغىنى سەۋەبلىك تۇرمۇشقا چىقىشقا موھتاج بولمىسىدى سېنىڭ ھېچقاچان بۇنىڭغا موھتاجلىقىڭ بولمايتتى، ئەمما بۇ ھايات قانۇنى، ئەرلەر بىز ئۈچۈن، بىز ئەرلەر ئۈچۈن يارىتىلغانمىز، ئۆزۈڭ تۇغۇلغان ئۆيدىن چىقىپ مۇتلەق ناتونۇش بىر ئۆيگە بارىسەن، ھېچقاچان كۆرۈشۈپ، گەپلەشمىگەن، خۇلق، مىجەزىنى بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ ئۆمۈر يولدىشى بولىسەن، سەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغىنكى ئۇمۇ سېنىڭ ياردەمچىڭ بولسۇن.
بالام! كەل، ئەمدى ساڭا بەزى نەسىھەتلەرنى بېرەي، ئۇلارنى ئۆگىنىپ چىرايلىق ئەمەل قىلساڭ ئۆمۈر بويى راھەتتە ياشايسەن، ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچقاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ، بۇ دۇنيادا بەختلىك ھايات كەچۈرگىنىڭ كەبى ئاخىرەتتىمۇ ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىسەن، ئىنشائاللاھ!
1. قانائەتلىك بول، ئۆمۈر يولدىشىڭ ئېلىپ كەلگەن ئۇزۇق-تۈلۈك ۋە كېيىم-كېچەكنىڭ ھەممىسىنى دائىما مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىل، چۈنكى قانائەت قەلبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
2. ئېرىڭ ئېيتىۋاتقان گەپلەرنى دائىم دىققەت بىلەن ئاڭلا ھەمىشە ئىتائەتتە بول، ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمە، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرداش بولۇشقا ھەرىكەت قىل.
3. ئۆمۈر يولدىشىڭنىڭ كۆزى چۈشىدىغان ھەممە جايغا ئېتىبارلىق بول، شۇنداق قىلغىنكى ئۇنىڭ كۆى ھېچقاچان نالايىق ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.
4. يامان ھىد چىقىشى مۇمكىن بولغان نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل، ئۇلارنى تېپىپ تازىلا، ئۆيۈڭدىن ھەر دائىم خۇشبۇراق تارقىلىپ تۇرسۇن.
5. شۇنى ياخشى بىلگىنكى تازىلىق بىلەن لاتاپەت سۇغا باشلىق، ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بولىدۇ، ئۆيدە سۇنىڭ ئۈزۈلمەي تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بەر.
6. ئېرىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل، تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلا، ۋاقتىدا ئۇخلىشى ئۈچۈن ئىشلىرىڭنى ۋاقتىدا تاماملا، چۈنكى ئاچلىق كىشىنى تېرىككەك قىلىپ قويىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق بولسا خەستىلىككە سەۋەب بولىدۇ.
7. ئۆيۈڭدىكى مال-مۈلۈك ۋە سايمانلىرىڭنى ئېھتىيات بىلەن ئاسرا، بۇ سېنىڭ ئىش بىلەرمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
8. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىغا دائىما يېقىن مۇئامىلىدە بول، بۇ سېنىڭ ياخشى ئۆي ئايالى ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.
9. ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيتما، ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ سەندىن رەنجىيدۇ، بىۋاپالىق يولىغىمۇ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
10. ئېرىڭنى ھۆرمەت قىل، بۇيرۇقلىرىنى بېجىر، گەپ ياندۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى چىقما، ئەگەر قارشى چىقساڭ جەھلى قېتىپ رەنجىشكە، ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەرىكەت قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ، ئېرىڭ خاپا بولسا ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتما، ئەگەر ئېرىڭ خۇشال بولسا سەنمۇ ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتۇشقا ھەرىكەت قىل.
ھەربىر ئايال ئېرىگە قانچە ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلسا شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بولىدۇ، قانچىلىك رازى قىلسا شۇنچىلىك مۇھەببەت كۆرىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ھەربىر ئايال بۇلارغا پەقەت ئۇنىڭ ئىستەكلىرىنى ئۆز ھاۋايۇ ھەۋەسلىرىدىن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۆز ئارزۇلىرىدىن ئۈستۈن قويۇش بىلەن ئادا قىلالايدۇ، تەڭرىم بىزگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتقان مەخلۇقاتنى دۇنيادا كۆپەيتىپ قويدى، شۇ سەۋەبتىن ئەر بىلەن ئايالنى بىر-بىرلىرىگە مۇھتاج قىلدى، ئىنسانلار بىرلىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئايال ۋە ئەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى نىكاھ بىلەن باغلاندى، ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىرلىكتىكى تۇرمۇشى شەرئىي نىكاھقا ئاساسلىنىدۇ، بۇ ئەمىر ئالىمىنىڭ نىزامى، ئىنسانلانىڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى ۋە ساغلام جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. شەرئىي نىكاھ سۆيگۈگە، مۇرەسسە بىلەن ياشاشقا ۋە ياخشى ھايات كەچۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان يىگانە باغدۇر، نىكاھتا كارامەت باردۇر دېگەن ئىباردىمۇ شۇ تەجىربىلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئۆز-ئارا چىرايلىق مۇناسىۋەتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر، دۇنيا ھاياتىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە--قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 462
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە462دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 4668 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2011-10-19

  ئىبرەت !!!
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!