ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.مەن يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان<<پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى>>دىگەن ئەسەرنى ئوقۇمىغان،بىراق يۇقىرىقى ئەسەردىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاز-تولا بىلدىم.بىراق شۇ ئەسەردە
تەسۋىرلەنگىنى تۇرمىشىمىزدا ھەقىقەتەن بار دەپ ئويلايمەن.ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق چۈشىنىشى ئۆزلىرىگە باغلىق،ئەلۋەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك نۇقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس.
ئەمدى پاھىشىنى ئالامسىز دىگەن سۇئالغا كەلسەك،بۇ سۇئال ئۇنچىلىك مۇنداقلا جاۋاب بېرىدىغان سۇئالمۇ ئەمەس.
چىن سۆيگۈ ھەقىقەتەن ئىنسانغا باقمايدۇ،ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز،ئويلىمايمەن دېسەكمۇ ئىختىيارسىز ئويلاپ قالىمىز،نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېئمىتى.ھەقىقىي سۆيگۈ پەقەت ئاللاھ تەرەپتىن كېلىدۇ،شۇڭا ئۇنى ئادەمنىڭ كونتىرول قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.مۇنداق دېسەم بەزىلەر كۆڭۈل دىگەن ئېشەككە چۈشسىمۇ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ دەيدۇ.بىز پەقەت ئاللاھ يول قويغان دائىرىدە بولساقلا ئاللاھ بىزگە بېرىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بىر ئايال:
-ئى رەسۇلۇللاھ مەن زىنا قىلدىم،ماڭا جازا بېرىڭ-،دېدى.
رەسۇلۇللاھ دېدى:
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟سىز ئۇنداق ئىشنى قىلىپ سالمىغانسىز.
-ياق رەسۇلۇللاھ مەن راس شۇنداق ئىشنى قىلدىم،ماڭا جازا بېرىڭ-،گىپىدە چىڭ تۇردى ئايال.
بىراق ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدا بار ئىدى،شۇڭا رەسۇلۇللاھ بالىدا گۇناھ يوق يەڭگىپ بولۇپ كېلىشنى بۇيرىدى.ئۇ ئايال يەڭگىپ بولۇپ يەنە كەلدى.شۇندا رەسۇلۇللاھ بالىنى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىشنى بۇيرۇپ،ئۇ ئايالنى چالما كېسەك قىلىشقا بۇيرىدى.چالما كېسەك قىلىنىۋاتقاندا ئۇ ئايالدىن چاچرىغان قان،بىر ساھابىنىڭ يۈزىگە چاچرىۋېدى ساھابە:
-ئەجەپ بۇنىڭ مەينەت قېنى چاچراپ كەتتى-،دەپ كايىدى.شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ دېدىكى:
-ئۇنى ھاقارەتلىمە،ئەگەر پۈتۈن مەككە ئەرلىرىنىڭ تەۋبىسىنى يىغسىمۇ،بۇ ئايالنىڭ تەۋبىسى ئۇلارنىڭكىنى بېسىپ چۈشىدۇ-،دېدى.
مانا بۇ ھەقىقىي تەۋبە.ھەقىقىي ياماندىن قول ئۈزۈش مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي تەۋبە بىلەن،رەسۇلۇللاھنىڭ يولى بىلەن بولىدۇ.
بىراق بىز بۇ يولدىن يىراقلاپ كەتتۇق.
ئاللاھ بىزلەرنى ھەق يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن.ئامىن!!!
[ بۇ يازمىنىئەلى 2011-09-25 20:07قايتا تەھرىرلىدى ]