جەننەت يولى ۋە بىر قىسىم ھەدىسلەر
ئەبۇ ھۈرەيرە، ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: سىلەر بۇلۇت يوق، ھاۋا ئۇچۇق چاغدا ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇن ئاينى ياكى قۇياشنى كۆرۈشدىن شەك قىلىپ، دە - تالاش، جىدەل - ماجرا قىلامسىلەر؟ياق! سىلەر ئەنە شۇنىڭدەك رەببىڭلارنى قېنىپ كۆرىسىلەر، رۇشەن، ئوچۇق كۆرىسىلەر، (لېكىن، ئاللاھنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر). ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى توپلاپ، تېرىلدۈرۈپ قوپارغاندا، كىم نېمىگە ئىبادەت قىلسا ئۇ شۇ نەرسىگە ئەگەشسۇن دەيدۇ، قۇياشقا چۇقۇنغانلار قۇياشقا، ئايغا ئىبادەت قىلىدىغانلار ئايغا ئەگىشىدۇ، ھەرخىل بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلار بۇتقا ئەگىشىدۇ، پەقەت مۇشۇ ئۈممەت قېلىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇناپىقلار باردۇر، ئاندىن، ئاللاھ ئۇلارغا، ئۇلار ئاللاھنى تۇنۇيدىغان سۈرەتتىن باشقا بىر سۈرەتتە كېلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار دېسە، ئۇلار، ئاللاھقا سېغىنىپ سەندىن پاناھ تىلەيمىز، بىز ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدۇر، رەببىمىز بىزگە كەلگەنگە قەدەر بىز مۇشۇ جايدا تۇرىمىز رەببىمىز كەلسە بىز ئۇنى ئوبدان تۇنۇيمىز، (چۈنكى ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق، ھەم ئالامەت بار دەيدۇ). ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار تۇنۇيدىغان ئۆز سۈرىتىدە كېلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولىمەن دەيدۇ، ئۇلار شۇنداق، سىلى بىزنىڭ رەببىمىز دەپ ئاللاھقا ئەگىشىدۇ، (بۇ ھەدىس، سۈرە فەجىرنىڭ 22 - ئايىتىدىكى«پەرۋەردىگارنىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بۇلۇپ كەلگەن چاغدا»دىگەن ئايەتكە تەپسىردۇر، ئاللاھنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر، ئۇ قادىردۇر). ئاندىن جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە سىرات كۆۋرۈكى قۇيۇلىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن ئۈممىتى بىلەن سىراتتىن ئۆتىدىغان كىشىنىڭ تۇنجىسى مەن بولىمەن، شۇ كۈنى پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچ كىشى سۆز قىلالمايدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزى بولسا، ئى ئاللاھ، سالامەت قىلسىلا، سالامەت قىلسىلا دېيىش بۇلىدۇ، جەھەننەم ئىچىدە سىرات كۆۋرۈكىدە سەئدان شوخا - تىكەنلىرىدەك شوخۇلۇق، تىكەنلىك ئىلمەك بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ چوڭلىقىنىڭ مىقدارىنى پەقەت بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئەمەللىرىگە قارىتا ئېلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن بەزىسى ئەمەللىرى سەۋەبلىك پۈتۈنلەي ھالاك بۇلىدۇ، ئۇلاردىن بەزىسى يىقىلىپ - قۇپۇپ، يارىدار بۇلۇپ ئاندىن نىجاد تېپىپ قۇتۇلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشدىن پارىغ بولغاندا، ئۆز رەھمەت - پەزلى بىلەن دوۋزاخدىن ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىلەرنى چىقىرىشنى ئىرادە قىلغاندا، پەرىشتىلەرنى لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ھەق ئىلاھ يوق دىگەن كىشىلەردىن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرنى دوۋزاختىن چىقىرىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇپ، دوۋزاخدىن چىقىرىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر سەجدە ئىزلىرىدىن تۇنۇپ، دوۋزاختىن چىقىرىدۇ. ئاللاھ دوۋزاخقا ئۇلارنىڭ سەجدە ئىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ يەۋىتىشنى ھارام قىلغان ئىدى، ئۇلار دوۋزاخدىن چىققاندا قاتتىق كۆيۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نەھرۇلھاياتنىڭ سۈيى قۇيۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەد تەنلىرى خۇددى سەل كۆتۈرۈپ كەلگەن لايدا دان ئۈنگەندەك ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشىدىن پارىغ بۇلىدۇ، پەقەت دوۋزاخ بىلەن جەننەت ئوتتۇرىسدا دوۋزاخدىن چىقىدىغان جەننەتكە كىرىشتە ئەڭ ئاخىرى بولغان كىشى قېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ يۈزى دوۋزاخ تەرەپكە ئالدىنى قىلدۇرۇلغان ھالدا ئوت ئۇچقۇندىسىدا كۆيۈپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھ، ھەقىقەتەن دوۋزاخنىڭ پۇراقلىرى ماڭا قاتتىق ئازار بېرىپ، مېنى بەك قىينىۋەتتى، يالقۇن ئۇچقۇنلىرى يۈزۈمنى كۆيدۈردى، مېنىڭ يۈزۈمنى دوۋزاخدىن باشقا تەرەپكە چۆرىۋەتسەڭ دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئەگەر ساڭا ئۇ قىلىپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى سورىشىڭ مۇمكىن دەيدۇ، ئۇ بەندە، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن باشقىنى ھەرگىز سورىمايمەن دەپ نۇرغۇن ئەھدە، مىيساق، توختام بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى دوۋزاخدىن چۆرىۋېتىدۇ، ئۇ جەننەتكە ئالدىنى قىلىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇنىڭدىكى نىئمەتلەرنى كۆرۈپ، ئاللاھ خالىغان مۇددەتتە تۇرۇپ ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: ئى رەببىم، مېنى جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاپىرىپ قويساڭ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: سەن ئاۋۋال سورىغىنىڭدىن باشقىنى سورىماسلىققا ئەھدى، توختام بەرمىگەنمۇ دېسە، ئۇ: ئى رەببىم مەن بەندىلىرىڭنىڭ شەقى، جاپاكەشلىرى بولمىسام دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئەگەر شۇنى ساڭا بەرسەم سەن ئۇنىڭدىن باشقىنى يەنە سورايسەن دەيدۇ. ئۇ: ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن باشقىنى ھەرگىز سورىمايمەن دەپ نۇرغۇن ئەھدە، توختاملارنى قەسەملەرنى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاپىرىپ قۇيىدۇ. ئۇ، جەننەت ئىشىكىنىڭ ئالدىغا يەتكەندە، بەختنى كۆرگەندە، ئاللاھ خالىغان ۋاقىتقىچە ئەھدىدىن خىجىل بۇلۇپ چىداپ تۇرېۋېرىپ، ئاندىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى رەببىم. مېنى جەننەت ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئى ئادەم بالىسى! ۋاي ساڭا، سەن نېمىدىگەن خىيانەتچى، تولا ئەھدىنى بۇزغۇچى ھە!، سەن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىماسلىققا ئەھدە، توختام بەرگەنغۇ؟ دەيدۇ. بەندە: ئى رەببىم، مېنى مەخلۇقلىرىڭنىڭ شەقىيسى، جاپاكەش ئازابلىنىدىغىنى قىلمىساڭ دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن كۈلۈپ كېتىپ، جەننەتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. ۋە خالىغىنىڭنى ئارزۇ قىل، سورا دەيدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرى ئىنتىھاسىغا يېتىپ، تۈگىگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا زىيادە قىل، ئانى سورىغىن، مانى سورىغىن دەپ بىر - بىرلەپ دەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئەسلىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا: ساڭا شۇ ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىدەك ئون ھەسسە بېرىلىدۇ دەيدۇ. بەيھەقى، ئەھمەدلەر توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ سەئىد، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلىگە بىر جاكارچى مۇنداق نىدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ ساق - سالامەت تۇرىسىلەر، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر، مەڭگۈ ياش، گۈزەل تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، مەڭگۈ نىئمەتتە لەززەتلىنىسىلەر، ھەرگىز ئازابلانمايسىلەر، غەم - قايغۇ قىلمايسىلەر، يوقسىز بولمايسىلەر، ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىم بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ ئوخشىشىدەك ئون ياخشىلىق بېرىلىپ، نىيتىگە، ئىخلاسىغا قارىتا مەن يەنە زىيادە قىلىپ بېرىمەن، كىم بىر يامانلىق قىلسا، ئۇنىڭ جازاسى شۇ بىر يامانلىققىلا بۇلۇپ، تۆۋبە قىلسا، مەغپىرەت قىلىۋېتىمەن، كىم زىمىن تولغىدەك خاتالىقنى قىلىپ ئاندىن ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۇچراشسا، مەن ئۇ كىشىگە زېمىن تولغىدەك مەغپىرەتنى قىلىپ بېرىمەن، (يەنى مەغپىرەت قىلىپ كەچۈرىۋېتىمەن، شەرتى، ئىمان، شېرىك كەلتۈرمەسلىك،) كىم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇ كىشىگە بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇ كىشىگە يۈگىرەپ بارىمەن. ئەھمەد، مۇسلىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن مۆئمىن بەندەمنىڭ دۇنيا ئەھلىدىن ئەڭ يېقىن تاللانغان مەھبۇبىنى ئېلىپ كەتسەم، ئاتا - ئانىسىنى، بالىسىنى يا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان جۈپتىنى ئېلىپ كەتسەم، ئاندىن ئۇ سەۋرە قىلىپ، ساۋاب ئۈمىد قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەت مېنىڭ دەرگاھىمدا جەننەتلا مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ، جەننەتتىن باشقىسى يوق. ئەھمەد، بۇخارى توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قۇرئان ئەھلى بولغان قارىيغا ئۇ جەننەتكە كىرگەندە مۇنداق دىيىلىدۇ، ئۇقۇ! يۇقىرى ئۆرلە! ئۇ ئۇقۇپ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ، ھەر بىر ئايەتنىڭ بارابىرىگە بىر دەرىجە باردۇر، ھەتتا ئۇ ئۆزى بىلەن بار بولغان ئۆزى بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئۇقۇپ، ئاشۇ دەرجىگە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، (ئەگەر ئۇ پۈتۈن قۇرئاننى يادا بىلسە، ۋە ئەمەل قىلسا، 6000دىن ئارتۇق دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ، قارىيلار پۈچەك زەللىگە ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ دەرىجىگە قۇرئان ئۇقۇسۇن. ئىككى دەرىجە ئارىلىقى، ئاسمان - زىمىنچە كېلىدۇ). ئەھمەد، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىر مۆئمىنگە جەننەتتە، ئاياللىرى ھەققىدە 100 ئەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى بېرىلىدۇ، (چۈنكى، ئۇنىڭ شۇنداق كۆپ ئاياللىرى باردۇر). تىرمىزى، ئىبنى ھەببان توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ دەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈپ، شېھىد بولغان كىشى، ئۆي ئەھلىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلالايدۇ، يەنى جەننەتكە ئەكىرەلەيدۇ. ئەبۇ داۋۇد توپلىغان،سەھىھ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتائالا جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە، دوۋزاخ ئەھلىنى دوۋزاخقا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بىر جاكارچى مۇئەززىن ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق نىدا قىلىپ توۋلايدۇ، ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئى دوۋزاخ ئەھلى، ئەمدى ئۆلۈش يوق، ھەر ئىككىلى پىرقە ئۆزى تۇرىۋاتقان ئورۇندا مەڭگۈ قالىدۇ. بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە، بەدەن، جەسەدلىرىدە تۈك يوق، ئىڭەكلىرىدىمۇ تۈك يوق، گۈزەل ھالەتتە كىرىدۇ، ئۇلار خۇددى سۈرمە تارتىپ قويغاندەك گۈزەل، 33 ياشلىق ھالەتتە كىرىدۇ، (جىسمى ئادەم ئاتىنىڭ جىسمىدا شۇنداق گۈزەل كىرىدۇ، چۈنكى، ئادەمنى ئاللاھ ئۆز قۇلى بىلەن ياراتقان، جەننەت ئەھلىنىڭ ياشلىقى تۈگىمەيدۇ، ھەتتا، كىيىم - كېچەكلىرىمۇ كونىرىمايدۇ، خۇلاسە سۆز شۇكى، ئۇلارغا جەننەتتە خالىغىنى باردۇر، مانا بۇ بىردىنبىر قەلىب خاتىرجەملىكىدۇر). ئەھمەد 8168 -ھەدىس، تىرمىزى 2468 -ھەدىس، دارمى 2705- ھەدىس، سەھىھ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى جەننەت ئەھلىدىن بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئى ئادەم بالىسى! ئورنىڭنى قانداقراق تاپتىڭ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى، ئى رەببىم، ئۇ ئەڭ ياخشى ئۇرۇن ئىكەن دەيدۇ، ئاللاھ: سورىغىن ئارزۇ قىلغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى، شېھىدلىقنىڭ پەزىلىتىنى كۆرگەنلىكدىن، ئى رەببىم! مەن پەقەت مېنى دۇنياغا قايتۇرشۇڭنى سورايمەن، شۇنىلا ئارزۇ قىلىمەن، سېنىڭ يۇلۇڭدا ئون قېتىم ئۆلتۈرۈلسەم دەيمەن دەيدۇ، دوۋزاخ ئەھلىدىن بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا، ئى ئادەم بالىسى! ئورنۇڭنى قانداق تاپتىڭ دەيدۇ، ئۇ: ئى رەببىم، ئۇ ئەڭ يامان ئازابلىق ئۇرۇن ئىكەن دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: سەن ئۇ جايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زىمىن تولغىدەك ئالتۇننى پىدىيە بېرەمتىڭ؟ دېسە، ئۇ ھەئە يا رەببىم، زىمىن تولغىدەك ئالتۇنۇم بولسىمۇ ئۇنى پىدىيە بىرەتتىم دەيدۇ، ئاللاھ: سەن يالغان سۆزلىدىڭ، ھەقىقەتەن مەن سەندىن ئۇنىڭدىنمۇ ئاز، ئاسان ئىشنى سورىسام سەن قىلمىدىڭ دەيدۇ. ئاندىن ئۇ دوۋزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. (باشقا خاتىرىدە سورىغان ئاسان ئىشى ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئىدى دىگەن بار). ئەھمەد، مۇسلىم، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئى پېقىرلار جامائىتى! مەن سىلەرگە خۇش بىشارەت بەرمەيمۇ؟ ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرنىڭ پېقىر، نامراتلىرى بايلىرىدىن يېرىم كۈن، ئۇ بولسىمۇ 500 يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ. (بايلار ھېساب بېرىشكە تۇتۇلىدۇ). ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ سەئىدىلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئى ئەبۇ سەئىد! كىم ئاللاھقا رەب جەھەتتىن رازى بولسا، ئىسلامغا دىن جەھەتتىن رازى بولسا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەيغەمبەر جەھەتتىن رازى بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بۇلىدۇ، ئۇ جەننەتكە ھەقلىق بۇلىدۇ، لېكىن، يەنە بىر ئىش بۇلۇپ، بەندە ئۇ ئىش سەۋەبلىك جەننەتتە 100 دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىلىقى خۇددى ئاسمان - زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك چوڭدۇر، ئۇ ئىش بولسا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر! ئەھمەد، مۇسلىم، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: بالىلىرىدىن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان كىشى دوۋزاخقا كىرمەيدۇ، پەقەت سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىچە ئازلا ۋاقىتتا دوۋزاخنى كۆرىدۇ، (سىلەردىن ھەر بىر كىشى دوۋزاخقا بارماي قالمايدۇ دىگەن ئايەت ئەنە شۇدۇر). بەيھەقى، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھتائالا ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دوۋزاخدىكى ئورنىغا يەھۇدىينى ياكى ناسارانى كىرگۈزىدۇ. مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ.
سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىشى جۈمئە كۈنى غۇسلى قىلىپ يۇيۇنۇپ، قادىر بولىشىچە پاكلىنىپ، ئاندىن خۇشپۇراق ياغلىرىدىن ياكى ئۆيدىكى ئەتىرلەردىن ئسىتېمال قىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ جۈمئەگە كەلسە، ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتسە، كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتمەي، ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان نامازلارنى ئۇقۇپ، ئاندىن ئىمام سۆز قىلغاندا سۆز قىلماي جىم ئولتۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ جۈمئە بىلەن يەنە جۈمئە ئارىلىقىدىكى گۇناھلىرى پۈتۈنلەي مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەھمەد، بۇخارى توپلىغان، سەھىھ.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قەلبىدە قىچىنىڭ بىر تال دىنى چاغلىق ئىمان بار كىشى دوۋزاخقا كىرمەيدۇ، قەلبىدە قىچىنىڭ بىر تال دىنى مىقدارىچىلىك كىبىر بار كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ. مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمانى، ياخشىلىقى بار كىشى دوۋزاختىن چىقىپ، جەننەتكە كىرگەن ھەدىسلەر كۆپ ئۆتتى، كىبىر بولسا، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، كىشىلەرنى ھاقارەتلەپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتۇر. شەيتانمۇ كىبىر سەۋەبلىك كاپىر بولدى.
ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: گەپ تۇشۇغۇچى سۇخەنچى، ئاتا - ئانىسىغا ۋاقىراپ گەردەن قاققۇچى، دائىم ھاراق ئىچكۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. نەسەئى توپلىغان سەھىھ.
ئەبۇ دەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: دائىم ھاراق ئىچكۈچى زاباي، جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلار سىلەرنىڭچە قەيەرگە كىرەر؟!
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەردىن بىرەر كىشىنى ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى جەننەتكە ئەكىرەلمەيدۇ، دوۋزاخدىنمۇ قۇتقۇزالمايدۇ، مەنمۇ شۇنداق، لېكىن، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ رەھمەت پەزلى بىلەن دوۋزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىمىز، (ياخشى ئەمەللەرمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى). مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ.
ئابدۇللاھ ئىبنى جەبىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەر پەقەت ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىلا شېھىد دەپ سانامسىلەر؟ ئۇنداقتا شېھىد بولىدىغان كىشىڭلار بەكلا ئاز بۇلۇپ قالمامدۇ؟ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش شېھىدلىق، قورساق ئاغىرىقىدا ئۆلۈش، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈش، سۇدا غەرىق بۇلۇپ ئۆلۈش، تام، قۇرلۇش بېسىۋىلىپ ئۆلۈش شېھىدلىق، ۋە ئىچكى كېسەللىك، ئۆپكە كېسىلى، قۇرساق ئىچىگە چىققان جاراھەت يارىسىدا ئۆلۈش، ۋابادا ئۆلۈش، قورسىقىدا بالىسى بار ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆلۈشى، نىپاسىدا، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى شېھىدلىق بۇلىدۇ. ئىبنى ماجە 2793 -ھەدس، ئەھمەد 9318- ھەدىس، نەسەئى 3143 -ھەدىس، سەھىھ.
مەنبە: جەننەت يولى
داۋامى بار