باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1499 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟ ( 2)
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-03 00:08

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟ ( 2)

غەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچى قىلىنىپ ئەۋەتىلىشى ۋە ۋەھيىنىڭ باشلىنىشى

  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  40 ياشقا كىرگەندە 
 پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدى، ۋەھيى نازىل قىلىنغان ھالدا مەككىدە 13 يىل تۇردى، ئاندىن ھىجرەت قلىشقا بۇيرۇلۇپ،
  مەدىينىگە ھىجرەت قىلىپ، ئۇ جايدا 10 يىل تۇردى، 63 يېشىدا ۋاپات بولدى.(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،
 بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
ۋەھيىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشىشى 23 يىل داۋاملاشقان. ئىشەنچىلىك تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى مىلادىيە 610-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 21-كۈنى، يەنى دۈشەنبە كۈنىدىن تارتىپ
 كېلىشكە باشلىغان. بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىل-پاراسەت، چۈشەنچە جەھەتتە ئەڭ يېتىلگەن، قىرانلىق دەۋرى
 بولغان 40 ياشقا توشقان مەزگىلى ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ۋەھيى دەسلەپتە راسىت چۈشلەردىن باشلانغان. 
 ۋەھيى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا   بىرلا قېتىمدا نازىل بولغان ئەمەس  ھەم بۈگۈنكىدەك  پارىلەرگە ، تەرتىپلىك
 مۇندەرىجىلەرگە ئايرىلغان كىتاب شەكىلدە ئەمەس ، بەلكى تەدرىجىي ھالدا پارچە-پارچە نازىل قىلىنغان.ۋەھيى ھەزرىتى
ئوسمان زىننۇرەين  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك  دەۋرىدە  رەسمى كىتاب قىلىنىپ تۈپلەنگەن.  مانا شۇنىڭدىن تارتىپ
 تا ھازىرغىچە قۇرئان شۇ نۇسخىدا  نەشىر قىلىنغان. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ گېپىمىزنىڭ دەلىلىى.


      سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە –پارچە نازىل قىلدۇق. ئۇنى ئايرىم – ئايرىم نازىل قىلدۇق.
( سۈرە فۇرقان،32-ئايەت)


   ۋەھيىنىڭ نازىل بولۇشى توغرىسىكى ھەدىسلەر: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە كېلىدىغان ۋەھيى دەسلەپتە راست چۈشلەردىن باشلانغان، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى.
كېيىن ئۇ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ ھىرا غارىدا  ئۆيىگە قايتماي قانچىلىغان كېچىلەردە يالغۇز ئىستىقامەت قىلاتتى،
ئىستىقامەتكە چىققاندا ئوزۇقلۇق ئېلىۋالاتتى، ئىستىقامەتتىن بوشىغاندا ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا قايتىپ
 كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرەتتى.، بۇ ئىش ھىرا غارىدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىككە ۋەھيى كەلگەنگە
قەدەر داۋام قىلدى.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا پەرىشتە كېلىپ  ‹‹ئوقۇغىن!››دېدى،  پەيغەمبەر
 ئەلەيھىسسالام ‹‹ ئوقۇشنى بىلمەيمەن!›› دېدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداى دېگەن:‹‹پەرىشتە مېنى قاتتىق سىقىپ
قويىۋېتىپ ‹ئوقۇ!› دېدى، مەن ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن!› دېدىم، پەرىشتە مېنى ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ، قاتتىق سىقىپ
 قويىۋېتىپ ‹ئوقۇ!› دېدى، مەن ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن!› دېدىم،پەرىشتە مېنى ئۈچىنچى قېتىم يەنە تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ
قويىۋەتكەندىن كېيىن:‹‹ ياراتقان پەردىگارىڭنىڭ ئىمسى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن،
پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.››
(سۈرە ئەلەق 1-2-3-4-5-ئايەتلەر) دېدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرىشتە بىلەن تۇنجى ئۇچراشقاندا پەيدا بولغان
قورقۇنچ بىلەن ئايالى خەدىيچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ ، قورقۇنچىسىنى بېسىش ئۈچۈن:
‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، يۆگەپ قويۇڭلار›دېدى، ئۇنىڭ قورقۇنچىسى تۈگىگىچە ئۇلار ئۇنى يۆگەپ قويدى. پەيغەمبەر
 ئەلەيھىسسالام ئايالى خەدىيچەگە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ: ئۆزۈم توغرىسىدا قورقۇپ قالدىم› دېدى. خەدىيچە :
‹ ئۇنداق ئەمەس، اللە بىلەن قەسەمكى، اللە سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سىلى ئاجز-بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا،
خش-ئەقرىبالارغا رھىم-شەپقەت قىلىلا، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىلا، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىۋالىدىلا،  بېشىغا كۈن
 چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىدىلا.› دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەدىيچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا  ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى
 نەۋفەلنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ:‹ ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال!› دېدى. ۋەرەقە پەيغەمبەر
 ئەلەيھىسسالامدىن:‹ ئى قېرىندشىمنىڭ ئوغلى! نىمە بولدۇڭ؟ نېمىنى كۆردۈڭ؟› دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ كۆرگەنلىرىنى
 ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى. ۋەرەقە ئۇنىڭغا :‹ اللە تەئەلا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن شەرىئەت مۇشۇ شۇدۇر، ئېسىت!
مەن سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان ۋاقىتلىرىڭدا ياش يىگىت بولغان بولسامچۇ؟ ئېسىت! مەن خەلقىڭنىڭ سېنى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋاقتىدا ھايات بولغان بولسامچۇ؟› دېدى. رەسۇلۇللاھ  ئەجەپلىنىپ سورىدى:‹ ئۇلار تېخى مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ
 چىقىرارمۇ؟›،  ۋەرەقە:‹ ھەئە، ھەيدەپ چىقىرىدۇ، پەيغەمبەر بولغان ئادەم دۈشمەنلىك بولىدۇ.  سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان چاغلىرىڭدا ھايات بولغان بولسام، ساڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بولاتتىم.› دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەرەقە ۋاپات بولۇپ كەتتى، ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالدى.(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)


جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ بۇ مۇبارەك ھەدىس،  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  ۋەھيىنىڭ
ئۈزۈلۈپ قېلىشى توغرىسىدا  سۆزلەپ  مۇنداق دېگەن: ۋەھيى مەندىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى،  بىر چاغدا  مەن كېتىۋېتىپ
 ئاسمان تەرەپتىن بىر ئاۋازنى  ئاڭلىدىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسام  ناگاھان  ھىرا غارىدا ماڭا  كەلگەن پەرىشتە 
ئاسمان بىلەن زېمىن  ئوتتۇرىسىدا كۇرسى، تەختىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ قاچتىم، قاچىمەن دەپ
 زېمىنغا يىقىلىپ چۈشتۈم. مەن ئايالىم خەدىيچەنىڭ يېنىغا  كېلىپ ،‹ مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، مېنى يۆگەپ  قويۇڭلار!› دېدىم. ئاندىن جىبرىئىل كېلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ئى ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى  پەيغەمبەر! تۇر، ئىنسانلارنى اللەنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا،  كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازاپتىن يەنى ئازاپقا قالدۇرىدىغان
 ئىشلاردىن يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە››. (سۈرە مۇددەسىر1-2-3-4-5-6-ئايەتلەر)  ئاندىن ۋەھيى
كەينى-كەينىدىن نازىل بولۇشقا باشلىدى. (بۇخارى، مۇسلىم،ئەھمەد،تەيالىسى توپلىغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)


   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۈممىتىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى،  ئۇ  ئۈممەتلىرىننىڭ  سانىنى ۋە ئىناۋىتىنى ئىلگىرى ئۆتكەن
تامام پەيغە،بەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇشىنى اللە دىن تىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈممەتلرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى
 تۆۋەندىكى ھەدىستىن چىقىپ تۇرىدۇ:


      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى اللەنىڭ ئەلچىسى! سىلىگە ئوھۇد
كۈنىدىنمۇ  ئېغىر قاتتىقراق بىرەر كۈن كېلىپ باققانمۇ؟ دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مەن قەۋمىڭدىن كۆپلىگەن ئەزىيەتلەرگە يولۇقتۇم، مەن ئۇلاردىن  يولۇققان ئەزىيەتلەرنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەقبە
كۈنىدىكى بولدى. ئۆز ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى ئابدۇيالىلىنىڭ ئوغلىغا تەڭلىدىم، يەنى ئۇلارنى ئىسلامغا دەئۋەت قىلدىم. 
 ئۇ مەن ئىرادە قىلغان نەرسىگە  جاۋاب بەرمىدى، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىدى. مەن غەمگە پېتىپ يۈزۈمنى يەرگە قىلىپ
كېتىۋاتاتتىم، مەن پەقەت(نەجىد ئەھلىنىڭ ئېھرام باغلاش ئورنى بولغان) مەنزىللەرنىڭ يېنىدىكى كىچىك بىر تاغنىڭ قېشىدا
 ھوشۇمغا كەلدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام  بىر پارچە بۇلۇت ماڭا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ، قارىسام ئۇ جايدا جىبرىئىل بار
 ئىكەن، ئۇماڭا نىدا قىلىپ:  ھەقىقەتەن اللە تەئەلا قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى، ساڭا قايتۇرغان جاۋابلىرىنى ئاڭلىدى، ھەقىقەتتەن ساڭا تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى  ئەۋەتتى.  سەن ئۇلار توغرىىسىدا بۇ پەرىشتىنى خالىغان ئىشقا بۇيرىغىن  دېدى.
 تاغ پەرىشتىسى ماڭا  سالام قىلدى، ئاندىن ماڭا نىدا قىلىپ :  ئى مۇھەممەد  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ! جىبرىئىل
يۇقىرىقى سۆزلەرنى دەپ ئۆتتى، نېمىنى خالايسەن؟ ئەگەر خالىساڭ، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئوخشۇپ دىگەن ئىككى
 تاغنى تاشلاپ باستۇرىۋېتەي  دېدى. مەن ئۇلارغا: ياق ئۇنداق قىلماڭلار، بەلكى مەن  اللە تەئەلانىڭ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن
يەككە-يىگانە بىر اللەقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدىم. 
(بۇخارى، ئەھمەد، بەيھەقى توپلىغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)


    ئى ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك سۆزى. بۇ ئۇلۇغ كىشى دىنغا دەئۋەت قىلىش يولىدا  يەتكەن ئەزىيەتلەرگە ھېچقاچان ۋايساپ باقمىغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن
ئۆز ئۈممىتىگە، جۈملىدىن سىز بىزلەرگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بىزنى خۇددى ئۆز بالىلىرىدەكلا كۆرىدىغادنلىقىنى، 
 بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئازابقا قېلىشىمىزنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالايمىز. ئۇ 1400 يىل ئىلگىرىلا بىزگە سالام يوللىغان. 
 قېنى ئېيتىڭلارچۇ قېرىنداشلىرىم،  بىز  بۇ  بەختىمىزنى  تىلەپ  اللەدىن گۇناھىمىزنى تىلىگەن بۇ يول باشلىغۇچىمىزنى،
 شاپائەتچىمىزنى  قانچىلىك ياد ئەتتۇق؟  ئۇنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى قانچىلىك بىلىمىز؟


  مەنبە :  ھەدىس شەرىف


             كەڭ ساي تورداشلار ئەسەرلىرى                                            داۋامى بار........
كەلگەن جايى: 新疆 چوققا
مۇنبەردە ئازارلاشماڭلار قېرىنداشلار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 118
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 9 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2010-10-08

BAHIT-ISLAM     قېرىندىشىم  ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز  . سىزگە ۋە kangsay  غا كۆپ رەخمەت!
اللە ئەجرىڭىلارغا ئىككى ئالەملىكىڭلارنى بەرسۇن !
مۇنبەردە ئازارلاشماڭلار قېرىنداشلار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 118
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 9 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2010-10-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-03 09:46

BAHIT-ISLAM     قېرىندىشىم  ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز  . سىزگە ۋە kangsay  غا كۆپ رەخمەت!
اللە ئەجرىڭىلارغا ئىككى ئالەملىكىڭلارنى بەرسۇن !