ھەزرىتى نەۋائىغا بىر غەزەل
(غەزەل)
يېتىپ كەلدى ئەسىر ھالقىپ،شېئىر-داستانلىرىڭ ھەزرەت،
<<خەمىسە>>گە قارار ھەيران تۈمەن ۋەزخانلىرىڭ ھەزرەت.
ئاشالمايدۇ داۋانىدىن<<خەزائىنۇل مەئانى>>نىڭ،
ئۆمۈر خەجلەپ ئۆگەنسىمۇ،بۈگۈن گەپدانلىرىڭ ھەزرەت.
ئېنىق تۇرسا تالاي ئىسپات،سېنى ئۇيغۇر قېنىدىن دەپ،
يۈرەر ئىككى ئېغىز ھەقنى دېمەي ئوغلانلىرىڭ ھەزرەت.
ئېگىز ياستۇق قىلىپ، شىرىن لېۋىدىن مەي ئىچەرمىز دەپ،
قارا چۈشلەر ئارا قالدى،نادان نىمجانلىرىڭ ھەزرەت.
زەبۇنلۇققا قاراپ ماڭدۇق،قەلىبلەر كور بولۇپ كەتكەچ،
<<ھەقىقەت>>نى يورۇتسىمۇ سېنىڭ گۈلخانلىرىڭ ھەزرەت.
يۈدۈپ <<ئۇيغۇر>>دېگەن ئاتنى،ياشايمىز تەمتىرەپ چۆلدە،
خاراب بولدى جۇدۇنلاردا گۈزەل بوستانلىرىڭ ھەزرەت.
مۇھەممەد ئەنسىرەپ قالدى،كۆرۈپ ھالىنى مىللەتنىڭ،
ئاشارمىكىن ئەمەلگە تاڭ،بۈيۈك ئارمانلىرىڭ ھەزرەت.
مەنبە:تاش