دەمىدە قىلىش
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
دەمىدە قىلىش: سۇ ۋە ياكى يېمەكلىككە ئوخشاش بىرەر نەرسىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ دەم سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دەمىدىدىن پايدىلانماقچى بولغان بىمار شەخس ئاشۇ نەرسىلەرنى شىپالىق دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ.
بۇ شەكىلدە دەمىدە قىلىش جائىز. تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتىمىز:
1-قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن دۇئالارنى ئوقۇپ قولىغا سۈفلەپ بەدىنىنى سىلاش سۈننەتتۇر.
ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشى چۈش ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ. يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. سىلەردىن بىرسى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، ئويغانغاندا ئۈچ قېتىم سۈفلىۋەتسۇن، ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھدىن پاناھلىق تىلىسۇن، شۇنداق قىلسا ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». ئەبۇ سەلەمە دەيدۇ: مەن بۇرۇن چۈش كۆرسەم (ئۇنىڭ يامانلىقىدىن) ماڭا تاغدىنمۇ ئېغىر كېلەتتى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن تارتىپ ئۇنداق چۈشلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم.(سەھىھەين: بۇخارى 5747-ھەدىس. مۇسلىم 2261-ھەدىس)
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى كۆرپىسىگە بېرىپ ياتقاندا ئىككى ئالقىنىغا (ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر) دېگەن سۈرىنى، يەنە (ئېيتقىنكى، سۈبھىنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن) دېگەن سۈرە بىلەن (ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن) دېگەن پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى ئوقۇپ سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى، جىسمىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنى سىلايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغاندا مېنى ئۇنىڭغا ئاشۇنداق قىلىپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى، يۇنۇس دېدى: مەن ئىبنى شىھابنىڭ كۆرپىسىگە بېرىپ ياتقاندا شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 5748-ھەدىس)
2- ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ قويغان كىشى قولى بىلەن باشقىلارنى سىلاپ قويسا بولىدۇ. لېكىن يات ئاياللار بىلەن يات ئەرلەر ئوتتۇرىدا بۇنداق داۋالاشقا بولمايدۇ.
مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي» دەپ ئوڭ قولى بىلەن سىلىغان ھالىتىدە بەزىلەرگە دەم سالاتتى. سۇفيان دەيدۇ: مەن بۇ ھەدىسنى مەنسۇرغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ ماڭا ئىبراھىمدىن مەسرۇق ئارقىلىق ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئاشۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلىپ بەردى.(سەھىھۇل بۇخارى 5750-ھەدىس)
زۇھرىي ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا پاناھلاندۇرغۇچى (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق) پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئۆزىگە ئۆزى سۈفلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا سۈفلەپ، بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلاپ قوياتتىم. مەئمەر دەيدۇ: زۇھرىيدىن: قانداق سۈفلەيتتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ئىككى قولىغا سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى، دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى 5751-ھەدىس. مۇسلىم 2192-ھەدىس)
ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە دەم سالغاندا سۈفلەشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە دەلىل بار، بارلىق ئالىملار بۇنىڭ جائىزلىقىغا ئىجمائ قىلغان. ساھابە-تابىئىينلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنى مۇستەھەب دەپ قارىغان".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/182)
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە يەنە قۇرئان ۋە زىكىرلار بىلەن دەم سېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە دەلىل بار. پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى ئوقۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ سۈرىلەر يامان كۆرۈلىدىغان بارلىق ئەزىيەتلەردىن ھەم ئومۇم قىلىپ ھەم تەپسىلىي قىلىپ پاناھلىق تىلەشنى جەملىگەندۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/183)
3-قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا مەزمۇنى توغرا دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلىسە بولىدۇ.
ئابدۇل ئەزىز رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن بىلەن سابىت ئىككىمىز، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىرىپ سابىت (ئەنەسكە): ئى ئەبا ھەمزە مەن كېسەل بولۇپ قالدىم، دېۋىدى، ئەنەس: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رۇقىيىسى بىلەن دەپ سېلىپ قويايمۇ؟ دېدى. ئۇ: شۇنداق قىلغىن، دېۋىدى، ئەنەس مۇنداق دېدى: «ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكۈچى، شىپالىق بەرگىن، سەنلا شىپالىق بەرگۈچىسەن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوقتۇر، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي».(سەھىھۇل بۇخارى 5742-ھەدىس)
مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىدىن بەزىسىنى پاناھلاندۇرۇپ دۇئا ئوقۇپ، ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەم سالاتتى: «ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي».(سەھىھۇل بۇخارى 5743-ھەدىس)
ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاغرىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن، ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! شىپالىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، ئۇنى سەندىن باشقا ساقايتقۇچى يوقتۇر» دەپ دەم سالاتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 5744-ھەدىس)
ئەمرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەلگە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، بۇ زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر، بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن، ئاغرىقجانلىرىمىز رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن شىپالىق تاپقاي!» دەپ دەم سالاتتى.(سەھىھەين: بۇخارى 5745-ھەدىس. مۇسلىم 2194-ھەدىس)
ئەمرە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەلگە: «بۇ زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر، بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكىدۇر، ئاغرىقجانلىرىمىز رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن شىپا تاپقاي!» دەپ دەم سالاتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 5746-ھەدىس)
مۇسلىم رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسان بىرەر يېرى ئاغرىپ قالسا ياكى ئۇنىڭدا بىرەر يارا ياكى جاراھەت بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارمىقىنى مۇنداق قويۇپ تۇرۇپ-بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان سۇفيان بىگىز بارمىقىنى زېمىنغا قويۇپ ئاندىن كۆتۈردى-مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، بۇ زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر، بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن، ئاغرىقجانلىرىمىز رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن شىپالىق تاپقاي!» دەپ دەم سالاتتى.(سەھىھى مۇسلىم 2194-ھەدىس)
ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە بارلىق ئاغرىقلاردىن دەم سېلىش جائىزلىقىغا، بۇ ئىشنىڭ ساھابىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ھەممىگە مەلۇم بىر ئىش ئىكەنلىكىگە دەلىل باردۇر".(فەتھۇل بارى 10/208)
بۇ ھەدىسلەردىكى تۈكۈرۈك بىلەن دەم سېلىپ سۈفلەش ئۇسۇلىنى ئىمام نەۋەۋى مۇنداق كۆرسەتكەن: "ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈكۈرۈكىدىن ئازراق بىر نەرسىنى بىگىز بارمىقىغا ئېلىپ ئاندىن ئۇنى توپىغا قويۇپ، مەزكۇر سۆزنى ئېيتقاچ ئۇنىڭغا چاپلاشقان توپا بىلەن ئاغرىق ياكى يارىلانغان يەرنى سىلاشتۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/184)
بەزى ئالىملار تىببىي جەھەتتىن توپىنىڭ يارىنى ساقايتىشتا، ئاغرىقنى پەسەيتىشتە رولى بار دەپمۇ قارىغان. ھاپىز ئىبنى ھەجەر نەقىل قىلىشىچە ئىمام بەيزاۋى مۇنداق دېگەن: "تىببىي تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، تۈكۈرۈكنىڭ يارىنى پىشۇرۇشتا، مىجەزنى مۆتىدىل قىلىشتا رولى باردۇر. ئانا ۋەتەن توپىسىنىڭمۇ مىجەزنى نورمال ساقلاشتا، زىياندىن مۇداپىئە قىلىشتا تەسىرى باردۇر. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە: مۇساپىر كىشى ئۆز ۋەتىنىنىڭ سۈيىنى بىللە ئېلىپ ماڭالمىغان تەقدىردە ئۆز ۋەتىنىنىڭ توپىسىنى بىللە ئېلىۋېلىشى كېرەك، باشقا تۈرلۈك سۇ بويلىرىدىن ئۆتكىنىدە سۇ تۇلۇمىغا ئاشۇ ئانا ۋەتەن توپىسىدىن ئازراق تاشلىۋەتسە، تۈرلۈك يات سۇلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەم سېلىش ۋە سۈفلەشلەرنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىرى بولۇپ، ئەقىللەر بۇنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ".(فەتھۇل بارى 10/208)
يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىسلەردە «بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن»«بۇ زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر» دەپ كەلگەن بولغاچقا بەزى ئالىملار بۇنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە توپىسىغا خاس دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى مەدىنە زېمىنىغا خاس ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق دەم سالغۇچى بىلەن ھەرقانداق زېمىنغا قارىتا ئومۇمەن ئوخشاش، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ شىپالىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرئان ۋە دۇئا بىلەن بىللە بولغان تۈكۈرۈك بىلەن توپىدۇر. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن مەدىنىنىڭ توپىسىدا ئالاھىدە بەرىكەت بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا ساھابىلارمۇ تۈكۈرۈكى بىلەن دەمىدە قىلغانلىقى ئېنىق بولغاچقا بۇ ئىش خاس ئەمەس.
4-دەم سالغاندا تۈكۈرۈكسىز سۈفلىسىمۇ، تۈكۈرۈك بىلەن سۈفلىسىمۇ بولىدۇ.
بەزىلەر تۈكۈرۈكسىز دەم سالىدۇ، تۈكۈرۈك بىلەن دەم سالسا بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، سەھىھ ھەدىسلەردە تۈكۈرۈك بىلەن دەپ سالسا بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى كۆپ.
يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىسلەردە «بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن»«بەزىلىرىمىزنىڭ تۈكرۈكىدۇر» دەپ ئېنىق كەلگەن.
ئەبۇل مۇتەۋەككىل رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سەپەرگە چىقىپ ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلىگە چۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشنى سورىۋىدى. ئۇلار ساھابىلارنى مېھمان قىلىشقا ئۇنىمىدى. شۇ چاغدا ئاشۇ قەبىلىنىڭ باشلىقىنى چايان چېقىۋالدى. ئۇلار قىلغۇدەك بارچە ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئاۋۇ مۇساپىرلار گۇرۇھىغا بېرىپ بېقىڭلار. بىرەرسىنىڭ ئامالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېدى. ئاندىن ئۇلار كېلىپ: ئى جامائەت،! بىزنىڭ خوجىمىزنى چايان چېقىۋېلىپ، قىلغۇدەك ئاماللارنى قىلىپ بولدۇق، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى. بىرەرسىڭلارنىڭ ئامالى بارمۇ؟ دېۋىدى. ساھابىلارنىڭ بەزىسى: ھەئە بار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەن دەم سالغۇچىمەن، لېكىن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى بىزنى مېھمان قىلىڭلار دېسەك ئۇنىمىدىڭلار. ئوقۇغانغا بىر نەرسە بەرمىگۈچە ئوقۇمايمەن، دېدى. ئۇلار ئۆزئارا بىر پادا قويغا كېلىشتى، ھېلىقى كىشى: (ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين) نى ئوقۇپ تۈكۈرۈپ سۈفلەشكە باشلىدى، كېسەل كىشى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئاغرىق يوق ئىدى. ئۇلار بېرىشكە پۈتۈشكەن ھەقنى تولۇق بەرگەن ئىدى، بەزىلەر: قوينى تەقسىم قىلىڭلار دېدى. دەمىدە ئوقۇغان ئادەم: تەقسىم قىلماي تۇرۇڭلار، بىز رەسۇلۇللاھقا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتەيلى دېدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ دەمىدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ توغرا قىلىپسىلەر، تەقسىم قىلىڭلار، ماڭىمۇ بىر ئۈلۈش بېرىڭلار» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 5749-ھەدىس)
بۇ ھەدىستىمۇ "تۈكۈرۈپ سۈفلەشكە باشلىدى" دەپ ئېنىق كەلگەن.
يەنە بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىم رىۋايىتىدە: "شۇنداق قىلىپ ئۇ قۇرئاننىڭ ئانىسىنى (فاتىھەنى) ئوقۇپ تۈكۈرۈكىنى يىغىپ تۈكۈرگىلى تۇرۇۋىدى، ھېلىقى ئادەم ساقىيىپ كەتتى" دەپ كەلگەن.(سەھىھى مۇسلىم 2201-ھەدىس)
يۇقىرىقى ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابە كىراملارنىڭ دەم سالغاندا تۈكۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تۈكۈرۈشنى ئىنكار قىلىش ئورۇنسىز. بۇنىڭغا ئاساسەن توغرا قاراشتا تۈكۈرمەي سۈفلىسىمۇ بولىدۇ، تۈكۈرۈپ سۈفلىسىمۇ بولىدۇ.
يەنە تېخى سۈفلىمەي، تۈكۈرمەي، دۇئا قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى: ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».(سەھىھۇل بۇخارى 3371-ھەدىس)
ھەدىسلەردە كەلگەن نەفەسە دېگەن سۆزنى ئىبنۇل ئەسىير مۇنداق ئىزاھلىغان: "ئەننەفسۇ: ئازراق تۈكۈرۈك بىلەن بوش پۈۋلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۈكۈرۈشتىن ئازراقتۇر. ئاجىز قاراشتا: تۈكۈرۈكسىز پۈۋلەشمۇ دېيىلگەن".(ئەننىھايە في غەرىيبىل ھەدىيس 5/88)
يەنە ھەدىسلەردە كەلگەن تەفەلە دېگەن سۆزنى ئىبنۇل ئەسىير مۇنداق ئىزاھلىغان: "ئەتتەفەلۇ: تۈكۈرۈشكە ئوخشاش، ئۇنىڭدىن سەل ئازراقتۇر".(ئەننىھايە في غەرىيبىل ھەدىيس 1/192)
تۈكۈرۈش ئوقۇشتىن كېيىن بولىدۇ.
ئىمام سەۋكانى مۇنداق نەقىل قىلغان: "ئىبنى ئەبى جەمرە: دەم سالغاندا تۈكۈرىدىغان ئورۇن قۇرئان ئۆتكەن ئەزالارغا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ بەرىكىتى يېتىشى ئۈچۈن ئوقۇشتىن كېيىن بولىدۇ، دېگەن".(نەيلۇل ئەۋتار 3/290)
5-سۇغا ياكى باشقا بىر نەرسىگە دەم سېلىپ سۈفلەپ دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
فاتىھە ۋە باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ سۇ ۋە باشقا نەرسىلەرگە سۈفلەپ دەمىدە قىلىپ ئىچسە، بەدىنىگە قۇيسا، يۇيۇنسا، تاھارەت ئالسا بولىدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا چايان چېقىۋالغان ئىدى. نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن: «ئاللاھ چايانغا لەنەت قىلسۇن! ناماز ئوقۇغاننىمۇ، باشقىنىمۇ ساق قويمايدۇ» دېدى. ئاندىن سۇ بىلەن تۇز ئەكەلدۈرۈپ (قۇل يا ئەييۇھەل كافىرۇن)، (قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەق) ۋە (قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناس) نى ئوقۇپ ئۇ يەرنى سىلاشقا باشلىدى.(بۇنى بەزىلەر ئاجىز سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ھەيسەمىي تابارانى رىۋايىتىگە قارىتا: ئىسنادى ھەسەن، دەپ باھالىغان. شەيخ ئالبانى سىلسىلە سەھىھەدە: سەھىھ، دەپ باھالىغان)
يۇقىرىدا ئۆتكەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەل ياتقان سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىرىپ: «ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن» دېدى. ئاندىن بۇتھاندىن توپا ئېلىپ ئۇنى بىر قاچىغا سالدى، ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ قاچىغا ئاغزىدىكى سۇ بىلەن سۈفلەپ سۇ بىلەن ئارىلاشقان توپىنى ئۇنىڭغا (بىمارغا) تۆكتى.(ئەبۇ داۋۇد 3885-ھەدىس. نەسائى 10856-ھەدىس)
بۇتھان دېگەن مەدىينىدىكى بىر ۋادىنىڭ نامى.
بۇ ھەدىسلەردە سۇغا ياكى باشقا نەرسىگە دەم سېلىپ سۈفلەپ دەمىدە قىلسا، بىمار ئۇنى ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، لېكىن بۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەل ئاجىزلىق بولغاچقا ئالىملار بۇ ھەدىسكە يانداشتۇرۇپ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ئەسەرگە تايىنىپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى جائىز دەپ قارايدۇ.
ئەبۇ مەئشەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سوغا پاناھلىق تىلەش ئايەت ۋە دۇئالىرىنى ئوقۇپ دەم سېلىپ ئاندىن ئۇنى بىمارغا تۆكسە بولىدۇ، دەپ قارايتتى.(مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 5/40-بەت 23509-نومۇر. سەھىھ)
دېمەك بۇ ئىش بىر سەھىھ ھەدىس، بىر ئاجىزراق ھەدىس بىلەن بىللە ساھابە كىراملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن جائىز بولغان.
6-قۇرئان ئايەتلىرىنى قاچىغا ياكى قەغەزگە ياكى تاختىغا يېزىپ ئۇنى سۇ بىلەن چايقاپ ئىچىش مەسىلىسى سەلەپلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا كېيىنكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان مەسىلە. سەلەپلىرىمىزدىن بەزىلىرى بۇنى جائىز دەپ قارىغان، بەزىلىرى يامان كۆرگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن تۇغۇتتا قىينىلىپ قالغان ئايالغا بەزى ئايەتلەرنى يېزىپ چايقاپ ئىچكۈزۈش رىۋايەت قىلىنغان. مۇجاھىدتىنمۇ شۇنداق قاراش كەلگەن. نەخائىيدىن يامان كۆرگەنلىكى كەلگەن. (مۇساننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 5/40-بەت. 23508-23510-نومۇرلار.)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئاننى بىر قاچىغا يېزىپ ئاندىن ئۇنى يۇيۇپ بىمارغا ئىچكۈزسە، ھەسەن بەسرى، مۇجاھىد، ئەبى قىلابە ۋە ئەۋزائىي قاتارلىقلار: ھېچ گەپ بولمايدۇ، دېگەن. نەخائى بۇنداق قىلىشنى يامان كۆرگەن. بىزنىڭ مەزھىبىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بۇنداق قىلسا ھېچ گەپ بولمايدۇ".(ئەلمەجمۇئ 2/194)
ئىمام ئىبنى قاييىم مۇنداق دېگەن: "سەلەپلەردىن بىر گۇرۇپ قۇرئاننى يېزىپ ئاندىن ئۇنى ئىچسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراش مۇجاھىد بىلەن ئەبى قىلابەدىن كەلگەن".(زادۇل مەئاد 4/356)
ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "بىمارلارغا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە زىكرىنى ھالال سىيا بىلەن يېزىپ يۇيۇپ ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەن".(مەجمۇئۇل فەتاۋا 19/64)
ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى مۇفلىھ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى سالىھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەزىدە ئاغرىپ قالغىنىمدا ئاتام بىر قاچىغا سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ ماڭا: بۇنىڭدىن ئىچكىن، يۈز-قوللىرىڭنى يۇغىن، دەيتتى. يەنە ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ سۇغا ئوقۇپ سۈفلەپ ئۇنى ئىچىپ، ئۆزىگە قۇيغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. يۈسۈف ئىبنى مۇسا دەيدۇ: بىز مەسجىدتىكى چاغلىرىمىزدا مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ (ئىمام ئەھمەد) نىڭ بىر كوزا كەلتۈرۈلسە ئۇنىڭغا ئوقۇپ پاناھلىق تىلەپ دەمىدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن.
ئۇستاز ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇرنى قاناپ كەتكەن كىشىنىڭ پېشانىسىگە ھۇد سۈرىسى 44-ئايەتنى يازاتتى.(ئەلئادابۇششەرئىييە-ئىبنى مۇفلىھ 2/441)
يەنە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ئەھمەد قۇرئاننى بىر نەرسىگە يېزىپ ئاندىن ئۇنى يۇيۇپ بىمارغا ئىچكۈزگەن كىشى ھەققىدە سورالغاندا مەن ئۇنىڭ مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ھېچ گەپ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.(مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد-ئەبۇ داۋۇد 260-بەت)
لېكىن يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئىماملىرى قىلغاندەك يېزىلىدىغان مەلۇم سۈرىلەرنى ياكى مەلۇم ئايەتلەرنى ياكى مەلۇم زىكىرلەرنى بىكىتىۋېلىشتا سەھىھ بىر دەلىل يوق. يۇقىرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن رىۋايەتمۇ ئاجىز.
بۇنداق قىلىشنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھازىرقى زامان سەلەپى ئېقىم مەنسۇپلىرى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەردەك ھەنبەلىي مەزھەب ئىماملىرى شۇنداقلا ئەسرىمىزدىكى سەلەپى ئېقىمغا مەنسۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىننى باز، بىننى جىبرىين، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيخ، شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن، شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان قاتارلىق ئالىملار بىر نەرسىگە سۈفلەپ ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقىنى جائىز دەپ قارىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق مېنىڭ بىلىشىمچە دىيارىمىزدا بۇلارغا ئەگىشىدىغانلار بۇ ئىشنى توغرا تاپماي، بۇ مەسىلىدە ئۇلارغا ئەگەشمەيدۇ.
مەسىلەن: شەيخ ئىبنى جىبرىن مۇنداق دەيدۇ: "دەسلەپكى دەۋر پىشقەدەملىرىمىزنىڭ سۇدەك بىر نەرسىگە ئوقۇپ ئاندىن ئۇنى ئىچىپ ياكى يۇيۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ياكى ساقايتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ: ((ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەت ۋە شىفادۇر)) فۇسسىلەت سۈرىسى 44-ئايەت. شۇنداقلا ماي ياكى ياغقا ئوقۇپ ياغلانسا، يېمەكلىككە ئوقۇپ ئىستېمال قىلسا، ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت مۇباھ ئىشتۇر".((ئەلفەتاۋا زەھەبىييە 40-بەت)
شەيخ بىن جىبرىين رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "مەنمۇ ئازراق سۇغا ئوقۇغاچ سۈفلەيتتىم. بىمار ئۇنى ئىچسە ئېنىق پايدىسىنى كۆرەتتى. ۋەللاھۇ ئەئلەم".(شەيخنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان قول يازما 138-بەت.)
شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "سۇغا ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ بەرسە، ئۇنى ئىچسە ھەم بولىدۇ".(ئەلمۇنتەقا 1/72-بەت 131-نومۇر)
سېھىرگە قارىتا دەمىدە قىلىش مەسىلىسىدە شەيخ بىننى باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سىدىر دەرىخىنىڭ يەتتە تال يوپۇرمىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈچ قېتىم ئىچىپ قالغىنى بىلەن غۇسلى قىلسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ كېسەل يوقاپ كېتىدۇ، كېرەك بولسا ساقايغىچە بىر نەچچە قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، دېگەن.(مۇسلىمۇن گېزىتى 9-سان 16-بەت 1985-4-6-كۈن) بۇنداق قىلىشنى ئىمام ئىبنى كەسىير تەپسىرىدە ئىبنى ۋەھبتىن نەقىل قىلغان. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ۋاھھابنىڭ "كىتابۇتتەۋھىد" نىڭ شەرھى "فەتھۇل مەجىد" تىمۇ ئاشۇنداق نەقىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا يا سەھىھ يا ئاجىز ھەدىستىن، يا بىرەر ساھابىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن دەلىل يوقتۇر.
يەنە بەزى ئالىملار يۇقىرىقىدەك قۇرئان ئايەتلىرىنى قاچىغا ياكى قەغەزگە ياكى تاختىغا يېزىپ ئۇنى سۇ بىلەن چايقاپ ئىچىشنى بىدئەت دەپ قارىغان. مەسىلەن: ئىمام ئىبنى ئەرەبى: "بۇ شەيتاندىن كەلگەن بىدئەتتۇر" دېگەن. (ئارىزەتۇل ئەھۋەزى 8/222)
دېمەك بۇ مەسىلىدە جائىز دەپ قارىغان بىر قىسىم تابىئى سەلەپ، ھەنبەلىي ۋە باشقا مەزھەب ئالىملىرى شۇنداقلا ئەسرىمىزدىكى سەلەپى ئېقىمغا مەنسۇپ ئالىملار بار. مەكروھ دەپ قارىغان تابىئىي سەلەپ، بىدئەت دەپ قارىغان ئالىملار بار.
توغرىسى بۇ شەكىلدە دەمىدە قىلىشتا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياكى ساھابىلاردىن سەھىھ يول ئارقىلىق بىرەر ئىش-ئىز كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق قىلماي، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە ئىش قىلغان تۈزۈك. لېكىن سەلەپى ئېقىمدىكى ۋە باشقا مەزھەب ئالىملىرى جائىز دەپ قارىغان ئىختىلاپى مەسىلە بولغاچقا، بۇنداق شەكىلدە دەمىدە قىلغانلارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەنقىتلىمەسلىك لازىم.
7-دەم سالغاندا ئوقۇغان دۇئا مەزمۇن جەھەتتىن توغرا بولۇشى كېرەك.
مەنىسى چۈشىنىلمەيدىغان، ياكى شېرىك ئېتىقاد ياكى قالايمىقان ئىبارىلەر بىلەن دەم سېلىشقا، يېزىشقا بولمايدۇ.
ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز جاھىلىيەتتە دەم سالاتتۇق، شۇڭا رەسۇلۇللاھقا: يا رەسۇلەللاھ! بۇ ئىشقا قانداق قارايلا؟ دېسەك، رەسۇلۇللاھ: «ماڭا دەم سالغاندا ئوقۇيدىغان ئەپسۇنلىرىڭلارنى كۆرسىتىڭلار! شىرىك بولمىسىلا دەم سالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ» دېدى.(سەھىھى مۇسلىم 2200-ھەدىس)
ئىمام شەۋكانى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ياكى سۆزلىرى بىلەن بولمىسىمۇ زىيان بولمىغان ۋە شەرىئەت تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن دۇئالار بىلەن دەم سېلىپ داۋالاشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل باردۇر. لېكىن چۈشىنىلىدىغان بولسا شۇنداق، چۈنكى چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆزدە شېرىك بولۇپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ".(نەيلۇل ئەۋتار 9/105)
8-دەم سېلىپ سۈفلەپ قويغۇچى ياكى تۈكۈرۈك بىلەن سۈفلىگۈچى زۇكام ياكى باشقا كېسەللىكلەردىن خالىي، ساغلام بولۇشى كېرەك.
بەزى ئالىملار دەمىدە قىلغاندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارىدا مۇنداق بايان قىلغان: زۇكام تەگكەنلىكتىن ياكى باشقا تۈرلۈك كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن تۈكرۈكىدە كېسەللىك بولسا دەمىدە قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى ئېغىزدىكى كېسەللىك سۈفلىگەندە تۈكۈرۈك بىلەن بىللە چىقىپ باشقىلارغا يۇقۇپ زىيان ئۇرىدۇ. بۇ تىبابەت ئەھلى ئارىسىدا مەلۇم ئىشتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە؛
http://www.sajiye.net/viewsj.php?id=586