كىسىۋەتسە ئۇيغۇر قىزى ئۆرۈم چېچىنى ،
سەتلەشتۈرسە ئەخلاقىنى ھەمدە سۈزىنى ،
مەدىنىيەت بىلەر .ىكەن شۇنى مىلللىتىم
ۋەيران قىلىپ ئۇزىنىڭ ياشلىق گۈلىنى .
* * * * *
تىنىمدە تۇرغىنى ئۇيغۇرنىڭ جېنى ،
مەندىكى قانمۇ ھەم ئۇيغۇر نىڭ قېنى ،
يللىرىم راۋاندۇر <مەنزىل>نى كۆزلەپ
مەن ماڭغان بۇ يوللار <سۈتۇق>نىڭ ئىزى .
* * * * *
قورقىمەن كۈزۈڭگە بېقىشتىن زىلۋا ،
قورقىمەن ھاياتتا يۈرسە بىپەرۋا ،
قورقۇپلا تۇرىمەن مەھەللەمدىن ھەم
چۈنكى مەن قورقىمەن سىنىڭدىن ئىغۋا .
* * * * *
يۇمشاق گۆش، سۇيۇق قان، قاتتىق ئۇستىخان ،
ئادەم ئەتتى قۇشۇپ تىرە بىلەن جان ،
ھەممىگە تەڭ نەپەس بەرگەن رەببىڭگە
شۈكرى قىل ئىمان ئېيت ئەقىللىق ئىنسان .
_ خاتىرەمدىن (دەرۋىش)