باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 502 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ ھۆكمى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 838
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە838دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10717 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-17 00:59

بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ ھۆكمى





بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ ھۆكمى

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



  

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.



ھەدىستە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ماۋۇ بارمىقىمغا ياكى ماۋۇنىڭغا ئۈزۈك سېلىشىمدىن توسقان، دەپ ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارماققا ئىشارەت قىلغان.(سەھىھى مۇسلىم 2078-ھەدىس)



بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى قاسسىي دۇردۇنى، يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىشتىن، ۋە يەنە ئۈزۈكىمنى ماۋۇنىڭغا ۋە ماۋۇنىڭغا سېلىشتىن توسقان، دەپ ئورتا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا ئىشارەت قىلغان.(تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكروھلىقى توغرىسىدا دېگەن بابتا 1786-نومۇر بىلەن رىۋايەت قىلىپ: ھەسەن، سەھىھ، دەپ باھالىغان)



دېمەك سەھىھى مۇسلىم رىۋايىتىدىكى: "ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارماق" تىن مەقسەت: ئورتا بارماق بىلەن بىگىز بارماق ئىكەنلىكىنى تىرمىزى رىۋايىتى ئېنىق ئىپادىلىگەن.



ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈكنى ئورتا بارماق بىلەن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا سېلىشى مەكروھ بولىدۇ. بۇ مەكروھلۇق تەنزىيھىي مەكروھلۇقتۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/71)



  بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام نەۋەۋى شۇنداقلا ئۇندىن بۇرۇن ئىمام تىرمىزى ئەرلەرنىڭ بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمىنى مەكروھ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋى بۇ مەكروھلۇقنى تەنزىيھىي دەپ يەڭگىل قىلغان.



ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ چەكلىمىنى ھاراملىققا ئېلىپ بارغان.(ئەلمۇھەللا 4/50)



بۇ ھەدىستىكى چەكلەشنى ھاراملىققا ئاپارماي مەكروھلۇققا ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، قايسى بارماققا ئۈزۈك سېلىش ياكى سالماسلىق ئەدەب-يوسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە: ئىبادەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەب-يوسۇن كۆزلەنگەن ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى ئەمەس، يول كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى ئەمەس مەكروھلۇقنى بىلدۈرىدۇ. پەقەتلا ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدىغان بىرەر دەلىل بولسا ئاندىن ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ.



قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇسۇل ئالىملىرى ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىبادەت بىلەن ئەدەپنى ئايرىش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.



ئەمدى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۈزۈكنى ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا سېلىش مەكروھ بولىدۇ، دەپ قارىساق، بۇ ھۆكۈم ئاياللارغىمۇ ئوخشاشمۇ ياكى ئاياللار پەرقلىنەمدۇ؟



بەزى ئالىملار: بۇنىڭدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، پەرق بار، ئاياللارنىڭ ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا ئۈزۈك سېلىشى چەكلەنمەيدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى چەكلىگەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسىدە: " ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى توسقان" دېگەن. مېنى دېگەچكە بۇ ئەرلەرگىلا قارىتىلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك، چۈنكى ئاياللار ئادەتتە زىننەتلىنىشكە ئېھتىياجى بولغاچقا، ئۇلارغا بۇ جەھەتتىن كەڭچىلىك بار، بۇ تەرەپتىن ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرمىزى رىۋايىتىدە ئۈزۈكنى ئاشۇ ئىككى بارماققا سېلىش دۇردۇن، يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىر قاتاردا توسقان. يىپەك، دۇردۇنلار بولسا ئاياللارغا چەكلەنمەيدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكروھلىقى ئەرلەرگە خاس دېيىشكە بولىدۇ.



ئىمام نەۋەۋى: "ئەمما ئايال كىشى ھەممە بارماقلىرىغا ئۈزۈك سالسا بولىدۇ" دېگەن. (شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/71)



كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 11/27-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۈچلۈك قاراشتا ئۈزۈكنى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىش ھاراملىق ياكى مەكروھلۇقنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىل كەلمىگەچكە ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قېلىپ مەكروھ بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت گەپ-سۆز قىلمىغان ئىشلار مۇباھ دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر".



بۇ يەردىكى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىشنىڭ مەكروھ بولماسلىقى ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش.



ئەمما ئەرلەر ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈكنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالغاندەك ئوڭ ياكى سول قولىنىڭ چىمچىلاق ياكى نامسىز بارمىقىغا سالىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىن ئۈزۈك سېلىشى ھارام بولىدۇ.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.





پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

مەنبە؛http://www.sajiye.net/
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 2609 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2011-10-22

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن جاۋاب بىرىپتۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 249
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 12:14

ئاياللار ئالتۇندىن،،،،،،،،،،،ئەرلەر  كۈمۈشتىن ئۈزۈك تاقاش  توغرىمۇ...........؟