نۆۋەت ساڭا
ئۆلۈم دېگەن پادىشاھ بىر كۈن ئىشىك قاقار ،
خۇدا بىلەر ئۇ كىملەرگە خۇشخۇي باقار.
بۇ ھەقىقەت كىمگە ياقماس كىمگە ياقار،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
كىچىكىڭدە ئاتا -ئاناڭ تۈگكەن تۈگۈن ،
ئېچىلىشقا تەييارلىق كۆرەر بۈگۈن .
ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىقىڭ يوقتۇر نىچۈن،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
پەيغەمبەرلەر كەتتىلەرۇ ئىبرەت يوقتۇر،
تابۇت تۇرار ساڭا لايىق كۆڭلۈڭ توقتۇر.
ھەممىگە بىر -بىر ئېتىلغان ئېنىق ئوقتۇر،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
ئاسمان سۆيگىدەك بىنالارمۇ دەز كەتتى ،
ئەڭ چىرايلىق سەنەملەرمۇ قەرز كەتتى.
ۋە ھەممىسى بىر مەنزىلنى ئۆي ئەتتى،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
بالاڭ يىغلار ساۋاق ئىزدەپ نان تۇتىسەن،
جاھىل ئۆتسە يىغلاپ ھەسرەت قان يۇتىسەن.
ئېيت بۇنچىلا نېمىنى زار -زار كۈتىسەن ،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
نادان ئەسلى كىبىر بىلەن كۆكرەك كېرۇر ،
ئىمانىنى پۈچەك دۇنياغا سېتىپ بېرۇر .
ئۆلمەيسەن دەپ ئالداۋاتقان شەيتان ئېرۇر.
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
خاراپ ئەيلەپ گۈل بوستاننى گۈل ھاياتنى،
ئاللاھ تۇرۇپ دوست تۇتمىغىن ئۆزگە ياتنى.
ئۇنۇتمىغىن ئەڭ ئەزەلىي تەرتىباتنى،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت ساڭا.
-ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلىندى .