باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 746 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7487
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1812 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2011-09-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 19:10

ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى

ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى پۈتۈن يەرشارىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يېڭى قورالغا ئايلىنىۋاتىدۇ


ئامېرىكا 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن ئالىي پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم يېڭىلىقلارنىڭ بىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھازىر بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا جاسۇسلۇققا سېلىنىشقا باشلىدي بازا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ بولدى. 

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى، ئامېرىكا 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قولغان كەلتۈرگەن ئالىي پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم بىر يېڭىلىق. ئامېرىكا 10 يىلدىن بۇيان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا ئاللىقاچان جاسۇسلۇققا سېلىشقا باشلاپ، ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھازىرقى تەرەققىياتتىن قارىغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئۇرۇشتا قوللىنىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالغۇسى. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي كورىيىدە ئامېرىكىنىڭ 28 مىڭ 500 نەپەر ئەسكىرى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەربىي قىسىم ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، شىمالىي كورىيىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار شىمالىي كورىيىنى كۆزىتىشتە سۈنئىي ھەمراھلارغا ۋە ئۇ-2 بەلگىلىك جاسۇسلۇق ئايروپىلانلارغا تايىنىدۇ. ئامېرىكا يېقىندا جەنۇبىي كورىيىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان «ئالەم لاچىنى» بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارى ئۇنىڭدىن يۇقىرى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئالەم لاچىنلىرى 20 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە 40 سائەتكىچە بىر جايدا تۇرۇپ، 500 كىلومېتىر يېراقلىقتىكى نىشانلارنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئۇ، پۈتۈن شىمالىي كورىيىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا يالۇ دەرياسىنىڭ شىمال تەرىپىنىمۇ تەپسىلىي كۆزىتىپ، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئىنچىكىلەپ خاتىرىلىيەلەيدۇ. 2006‏-يىلىدىن 2009‏-يىلىغىچە ئاتوم قوراللىرى ياسىغان، 2010-يىلى جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىنى سۇ مىناسى ئېتىپ چۆكتۈرۈۋەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە جەنۇبىي كورېيە مەھەللىلىرىگە توپ ئېتىپ خەلقنى ئۆلتۈرگەن شىمالىي كورېيە ئەمدى يەنە جىنايەت ئۆتكۈزسە تېنىۋېلىپ ئۆكتەملىك قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى توپلىغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇيىل 6‏-ئايدىن باشلاپ F-16 ، F-18 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى سەپلەشكە باشلىغان. ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىلىرىمۇ ئۇرۇشچى ئايروپىلان تۈركۈمىنى X-47b بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئالماشتۇرۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بەش بۇرجەك بىنانىڭ ھەربىي خىراجەتلەرنى قىسقارتىشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولماقتا. 

«پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىقتىدارى ھازىر F-35 بەلگىلىك ئەڭ ئىلغار ئۇرۇشچى ئايروپىلانلاردىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، ئوت ئۆچۈرۈش، داۋالاش، گۈرۆگە ئېلىۋېلىنغان ئادەملەرنى قۇتقۇزۇش، ھاۋا بوشلۇقىدا يېقىلغۇ قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك قوللانغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سىستېمىسى ئورنىدا قوللانغىلىمۇ، ئۇنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۈكلەپ بەلگىلىگەن نىشانلارغا ئاتقىلى، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشلاردا ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەن نىشانلىرىنى قوزغىتىلغان نۇر توپچىلىرى بىلەن پاچاقلىغىلى بولىدۇ.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئىشلىنىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچارلارنىڭ ئاڭلاش، رەسىمگە ئېلىش، قوغلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇنى قوللىنىپ، مەھەللىلەردە، ئائىلىلەردە يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلارنى ئېنىقلاش، جىنايەتچىلەرگە زەربەر بېرىش ئومۇملاشماقتا. ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئافغانىستان-پاكىستان چېگرىلىرىدا ئەلقائىدىچىلەرنى ئېنىقلاش، تۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوللانغان ئىدى. ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كونكرېت نىشانلارنى پەرق ئېتىش، ئۇچۇرلارنى رەتلەش ئىقتىدارى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانماقتا.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8965
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 211 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-17

ئامرىكا دۇنياغا بولغان خوجولوق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكىسز تىرشىۋاتىدۇ. جۇڭگۇ يېقىندا ئامرىكىدىن ئۆتۆپ كېتىمىز دەۋاتقان،بۇلار نىمىلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقاندۇ؟
دوستلىشىش
guzal~atux
گۈزەل يۇرتۇم : ئاتۇش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 704
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 893 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-17 00:35

دۇلىتىمىزمۇ ئۆكتەبىر تىراكتۇر زاۋۇتىنىڭ ماتۇرلىرىنى سەپلەپ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قىرغۇچى 29 نى ئىشلەپ چىقىرىشقا كۇچەۋاتقانمىش .<< مىشمىش خەۋەرلەر ئاگىنتلىقنىڭ ئۇگەي مۇخبىرى شۇنداق دىگەن >>
[ بۇ يازمىنىguzal~atux 2011-09-17 00:44قايتا تەھرىرل ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4755
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 571 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2011-09-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-17 01:03

دۇلىتىمىزمۇ ئۆكتەبىر تىراكتۇر زاۋۇتىنىڭ ماتۇرلىرىنى سەپلەپ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قىرغۇچى 29 نى ئىشلەپ چىقىرىشقا كۇچەۋاتقانمىش .<< مىشمىش خەۋەرلەر ئاگىنتلىقنىڭ ئۇگەي مۇخبىرى شۇنداق دىگەن >>

ئالامەت ئىنكاس
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 561
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە561دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7299 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-17 01:28

ئۇ قىرغۇچى 29 تىپلىق قىچىش ئايرۇپىلانىنىڭ سىرتقى قىپىنى ماۋۇ غۇلجىدىكى مەشچى كارخانىنىڭ  تومۇرچى ئۇستاملىرى  كىچىنى كىچە دىمەي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ جىددى ياساۋاتقانمىش،دولەت بايرىمىغا جىددى ئۇلگەرمىسە بولماسمىش.تەشلەپكە ئاگىنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-17 23:17

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-09-17 01:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئۇ قىرغۇچى 29 تىپلىق قىچىش ئايرۇپىلانىنىڭ سىرتقى قىپىنى ماۋۇ غۇلجىدىكى مەشچى كارخانىنىڭ  تومۇرچى ئۇستاملىرى  كىچىنى كىچە دىمەي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ جىددى ياساۋاتقانمىش،دولەت بايرىمىغا جىددى ئۇلگەرمىسە بولماسمىش.تەشلەپكە ئاگىنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى

توغرا،،يەنە بۇ لارمۇ بار-
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.