باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2019 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانچىلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ستالىن دەۋرىدە بىئەجەل ئۆلگەن
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 279
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە279دانە
ئۆسۈش: 1250 %
مۇنبەر پۇلى: 3717 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-02-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 16:05

قانچىلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ستالىن دەۋرىدە بىئەجەل ئۆلگەن

دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ كۆپى ستالىننىڭ زالىملىقى، ئۇنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، بىز بۇ ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار  يەنىلا ئۇنى «ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئۇستازى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. 1963-يىلى «خەلق گېزىتى»، «قىزىل بايراق» ژۇرنىلىدا «سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى باھالاش ئاشكارا خېتى»، يەنى داڭلىق «توققۇز باھا» ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئىككى باھا» «ستالىن مەسىلىسى توغرىسىدا» مۇنداق دېيىلدى: «1-ئۆكتەبىر» ئىنقىلابى پارتلاپ تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلغانلىقىغا ھازىر 46 يىل بولدى. ستالىننىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغىنىغا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. مەيلى پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى تارىخىدىن ياكى خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ستالىن ھاياتىدىكى پائالىيەت ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ستالىننىڭ ھاياتى ئۇلۇغ ماركسىزم، لېنىنىزمچىلارنىڭ ھاياتى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسىنىڭ ھاياتى. كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار ئەينى ۋاقىتتا ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ يىللاردا بۇ باھاغا ئىشەنگەن. «ئىككى باھا» خرۇشېۋغا قارىتىلغانلىقتىن، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىكى خرۇشېۋنىڭ ستالىن توغرىسىدىكى «مەخپىي دوكلاتى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى سۆزلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەك، لېكىن «ئىككى باھا»دا ئاساسىي جەھەتتىن ستالىننىڭ تۆھپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خاتالىقلىرى نائىلاج ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇنى چۈشەندۈرۈپ: ستالىن ئۇلۇغ ماركسىزم، لېنىنىزىمچى ۋە ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، ھەقىقەتەن بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلدى. ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بەزىلىرى پىرىنسىپال خاتالىق، بەزىلىرى كونكرېت خىزمەتلەردىكى خاتالىق، بەزىلىرى ساقلانغىلى بولىدىغان، بەزىلىرى پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىدا ئۈلگە بولمىغان ئەھۋالدا ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتالىق. مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار خروشېۋنىڭ «مەخپىي دوكلاتى»نى ئوقۇمىغان بولۇشى، شۇنداقلا تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا «خەلق گېزىتى» ۋە «قىزل بايراق» ژۇرنىلىدا ئېيتقاندەك، بەزى خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىگە كەلگەندىلا بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى تەدرىجىي بىلدۇق، 1983-يىلى تۇنجى قېتىم سولژېنىتسىننىڭ چوڭ ئەسىرى «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغان كىتابىنى ئوقۇپ، ستالىن دەۋرىدىكى بىئەجەل ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە سولژېنىتسىن ئېيتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەجەلسىز ئۆلگەنلەرنىڭ توغرا سانىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. سولژېنىتسىن كۆپ يىل ئىلگىرى مۇنداق يازغان: بۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشلەر توغرىسىدا قايسى قانۇنشۇناس، قايسى جىنايى ئىشلار تارىخچىسى بىزگە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ستاتىستىكا قىلىنغان ساننى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ بۇ ئالاھىدە ئارخىپ ئامبىرى قەيەردە؟ بىز يوشۇرۇن كىرىپ بۇ سانلارنى ئوقۇپ باققان بولساق قانداق ياخشى بولاتتى. بۇ سانلار ھازىر يوق، كەلگۈسىدىمۇ بولمايدۇ.  1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، بىر ھاكىمىيەت، بىر تۈزۈلمىنىڭ تەلتۆكۈس گۇمران بولۇشى كىشىلەرنى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز.
  1999-يىلى ئالېكساندىر نىكولايېۋىچ ياكوۋلېۋنىڭ «بىر رومكا ئاچچىق ھاراق−رۇسىيەنىڭ بولشېۋىزمى ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى جۇڭگودا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «پەقەت مۇشۇ ئەسىردىلا (20-ئەسىر) رۇسىيەدە ئۇرۇش، ئاچلىق ۋە باستۇرۇش سەۋەبىدىن 60 مىليوندىن كۆپ كىشى ئۆلدى». ئۇ يەنە مۇنداق يازغان: «1954-يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى C . كرۇگلوۋ(بۇ كىشى باستۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان، شىمالىي كاۋكازدىكى مىللەتلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە تەشكىللىگۈچى) خرۇشېۋغا 1930-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە باستۇرۇلغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە 765 مىڭ كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، دەپ مەلۇم قىلغان. ياكوۋلېۋ گورباچېۋ دەۋرىدىكى سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى، گورباچېۋ بىلەن يېلتسىن دەۋرلىرىدە «سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشقا ئۇچرىغۇچىلارنى ئاقلاش كومىتېتى»نىڭ رەئىسى بولغانلىقتىن، ئۇ تەمىنلىگەن سانلار ئىشەنچلىك. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا يېرىم ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سان ھېسابلىنىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي ئارخىپلىرىنىڭ سىرى ئاشكارىلاندى، تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر بارغانسېرى روشەنلەشتى. بۇ ئارخىپلار دۇنيادىكى تەتقىقاتچىلار ۋە تارىخقا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، 2002-يىلى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي ئارخىپلىرىدىن تاللانما» (ئىجرائىيە باش مۇھەررىر شېن جىخۇا) نىڭ جەمئىي 34 تومى جۇڭگودا نەشر قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ تازىلاش توغرىسىدا» ۋە «تارىخىي دېلولارنى ئاقلاش توغرىسىدا» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا ستالىن دەۋرىدىكى سىياسىي زىيانكەشلىك ۋە بىئەجەل ئۆلگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بولۇپمۇ 30-تومىدا «سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسقىچە دوكلاتى(1988-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى)دا باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن چىقارغان رەسمىي سانى بار. دوكلاتتا مۇنداق يېزىلغان: دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ھۆججەت ماتېرىيالىدا 1930-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى دۆلەت سىياسىي قوغداش باش ئىدارىسى، ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەلق كومىسسارىياتى_دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئەيىبلىگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىدا 3 مىليون 778 مىڭ 234 كىشىنىڭ باستۇرۇلغانلىقى، بۇلار  ئارىسىدىكى 786 مىڭ 98 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى(ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش)غا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. باستۇرۇلغانلار ئارىسىدىكى 1 مىليون 299 مىڭ 828 كىشى(بۇلار ئارىسىدا 129 مىڭ 550 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن)نىڭ باستۇرۇلۇشىغا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى   ھۆكۈم قىلغان، 2 مىليون 478 مىڭ 406 كىشى(بۇلار ئارىسىدىكى 656 مىڭ 548 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن)نىڭ باستۇرۇلۇشىغا قانۇن ئىجرا قىلمايدىغان ئورگانلار ھۆكۈم قىلغان.
  دوكلاتتا ئارخىپنى كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مۇنداق ئەمەلىيەت ئېلان قىلىندى: ھۆججەتتىكى ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، ستالىن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە نازارەت قىلغان، ستالىن سوت مەھكىمىسىدىن ئۆتكۈزمەي ۋە تەھقىقلىمەيلا، كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىش ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە تەشكىللىگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئاپەتكە ئايلىنىشى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ تىزىملىك تۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي سوتى ياكى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ <ئالاھىدە يىغىنى> نىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشتا ئىپادىلەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جازالاش ئالدىن بېكىتىلگەن. بۇ تىزىملىكلەر ستالىنغا يوللىنىدۇ. دوكلاتتا مىسال كۆرسىتىپ مۇنداق دېيىلدى: 1937-يىلىدىن 1938-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى 383 نۇسخا تىزىملىكتە 44 مىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ۋە ئىقتىساد باشقۇرغۇچى جازالانغان، ئۇلار ئارىسىدىكى 39 مىڭ كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ تىزىملىكلەردە ستالىن ۋە سىياسىي بيۇرودىكى باشقا ئەزالارنىڭ تەستىقى بار. 383 نۇسخا تىزىملىك ئىچىدە ستالىن 362 نۇسخا تىزىملىككە، مولوتوۋ 373 نۇسخا تىزىملىككە، ۋوروشىلوۋ 195 نۇسخا تىزىملىككە، كاگانوۋىچ 191 نۇسخا تىزىملىككە، ژدانوۋ 177 نۇسخا تىزىملىككە ئىمزا قويغان. يەنە مىكويان، يېژوۋ ۋە ستانىسلاۋ كېشوۋنىڭ ئىمزاسىمۇ بار. سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان باستۇرۇش تەكلىپىگە قوشۇلۇپلا قالماي، يەنە تەستىق سېلىپ، ئىچكى ئىشلار خەلق كوممىسسارىياتى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ باستۇرۇشىغا ئىلھام بەردى، ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ ئۈستىگە <ئۆلتۈرۈلىدۇ-ئۆلتۈرۈلىدۇ> دەپ تەستىق يېزىلغان.
  ياكوۋلېۋ «بىر رومكا ئاچچىق ھاراق» دېگەن كىتابىدا: يۇقىرىقى باستۇرۇلغان 3 مىليون 700 مىڭدىن كۆپ كىشىدىن باشقا يەنە كولخوزلاشتۇرۇش مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 3 مىليون 400 مىڭ كىشى، شۇنىڭدەك باستۇرۇلغان 3 مىليون 330 مىڭ ئازسانلىق مىللەتنى قوشقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 10 مىليون كىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېيىلدى.
  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپى ئاشكارىلانغاندا، «بىر رومكا ئاچچىق ھاراق» نەشر قىلىنغاندا سولژېنىتسىن ھايات ئىدى، ئۇنىڭ بۇ سانلارغا قانداق قارايدىغانلىقى، بۇ ئەجەلسىز ئۆلگۈچىلەرگە ئىشىنىدىغان-ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
  «سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسقىچە دوكلاتى»دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئادالەتنى ياقلاش مەسىلىسى ھازىر ئالاھىدە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. جامائەت پىكرى ۋە بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى ئۇلارنىڭ نام-ئابرۇيىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنى مەڭگۈ خاتىرىلەشنى كۈتمەكتە. باستۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەشكە كېتىدىغان بارلىق خىراجەتنى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتى بۇ خىزمەتلەرگە كېرەكلىك مەبلەغنى توپلاشقا بۇيرۇش كېرەك.
   لېنىن «مۇستەبىت» دەپ ئاتىغان چار پادىشاھ ۋە چار رۇسىيە دەۋرىنى «تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، ھەقىقەتەن بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن» ستالىن دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار.
    ئۇنداقتا چار پادىشاھ ۋە چاررۇسىيە دەۋرىدە قانچىلىك كىشى ئۆلتۈرۈلگەن؟ سولژېنىتسىن ئەپەندى «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى» دېگەن كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنى مۇتەخەسسىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قاراپ باقايلى: 1876-يىلىدىن 1905-يىلىغىچە بولغان 30 يىلدا، جەمئىي 486 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، يەنى مەملىكەت بويىچە بىر يىلدا 17 گە يېقىن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. سولژېنىتسىن: تۇنجى ئىنقىلاب ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بىرنەچچە يىلدا، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر بىردىنلا كۆپىيىپ رۇسىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇردى، تولستوي بۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكتى، كورولېنكو ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىنىڭ غەزىپى تاشتى. 1905-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە 2200گە يېقىن كىشى ئۆلتۈرۈلدى(بىر ئايدا 45 كىشى!). ئالدىنقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1930-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە ستالىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار چار پادىشاھ 30 يىلدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلارنىڭ 1600دىن كۆپرەك ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ كېيىنكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ستالىن ھەر ئايدا ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سانى چار رۇسىيەنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك يىللىرىنىڭ 60 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، دەپ يازغان.
  ئىنسانلار تارىخىدا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بۇنداق مۇستەبىتلىك ۋە جىنايەتكە قارىتا، «ستالىننىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا» مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ پارتىيە ئىچى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كۈرەشتە بەزى مەسىلىلەردە دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭ زىددىيىتى ۋە خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەت ۋە بۇ ئىككى تۈرلۈك زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئەكسىنئىنقىلابىچىلارنى يوقىتىش خىزمىتىدە جازالاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەكسىنئىنقىلابچىنى توغرا جازالىدى، لېكىن بەزى ياخشى كىشىلەرنىمۇ خاتا جازالىدى. 1937-يىلى ۋە 1938-يىلى ئەكسىنئىنقىلابچىلارنى يوقىتىشنى كېڭەيتىۋېتىش خاتالىقى ئۆتكۈزگەن. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت تەشكىلىدە پىرولېتارىياتنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تولۇق ئىجرا قىلمىغان ياكى ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان. ئۇ قېرىنداش پارتىيە ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىمۇ بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن. خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتىدىمۇ ئۇ بەزى خاتا ئەقىلنى كۆرسەتكەن، بۇ خاتالىقلار سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە بەلگىلىك زىيان سالغان.
ستالىننىڭ ھاياتىدىكى تۆھپە ۋە خاتالىقلار تارىختا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت. ستالىننىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ خاتالىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆھپىسى ئەلۋەتتە چوڭ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرى توغرا، خاتالىقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇرۇس بولغان، تارىخنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسى ستالىننىڭ بارلىق ئىدىيەسى ۋە خىزمىتىنى خۇلاسىلىگەندە چوقۇم ئالدى بىلەن ستالىننىڭ ئاساسلىق تەرىپىگە قارايدۇ. شۇڭا، ستالىننىڭ خاتالىقىنى توغرا تونۇش، ئۇنى تەنقىدلەش ۋە خاتالىقىنى يېڭىش بىلەن بىللە، ستالىننىڭ ھاياتىدىكى ئاساسلىق تەرەپلەرنى، ئۇ قوغدىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ماركسىزم، لېنىنىزمنى قوغدىشىمىز كېرەك.
  ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىلەرنى يازغان، كۆرگەن ھەم ئېلان قىلدۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپى خرۇشېۋنىڭ «مەخپىي دوكلاتى»نى كۆر‎گەن، ئۇلار ھەقىقىي تارىخقا قانداق قارايدۇ؟ دېڭ شياۋپىڭ 1989-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگوغا زىيارەتتە كەلگەن گورباچېۋغا مۇنداق دېگەن: 1957-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق موسكۋا سۆھبىتىدىن تارتىپ، 60-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيەلىرى كەسكىن مۇنازىرىنى قانات يايدۇرغان. مەن ئاشۇ قېتىمقى مۇنازىرىنىڭ شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇھىم رول ئوينىغان ئىدىم. 20 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن قۇرۇق گەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ستالىنغا بولغان قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟
  ستالىن دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئاننا لېۋېس سترونگ ئۆزىنىڭ مەشھۇر «ستالىن دەۋرى» دېگەن كىتابىدا: خرۇشېۋ ئاشكارىلىغان تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزم قۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن مىڭلىغان رەھىمسىز ناھەق دېلولار ۋە قوپاللىق بىلەن باستۇرۇش قىلمىشلىرى دەل ئاشۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى. ئىشىنىمەنكى، رۇسىيەلىكلەر بۇ مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشى ستالىن دەۋرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈندۇر، دەپ يازغان. «ستالىننىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا» دېگەن كىتابتا مۇنداق يېزىلغانىدى: «لېنىن رۇسىيەنىڭ بىر تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ رېۋىزىئونىزمچىلارنى مەسخىرە قىلىپ: <بۈركۈت بەزىدە توخۇدىنمۇ پەس ئۇچىدۇ، لېكىن توخۇ ھەرگىزمۇ بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچالمايدۇ> دېگەن. بېبېل، ليۇكسېمبورگ <ئۇلۇغ كوممۇنىست>، ئۇلار گەرچە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باشتىن-ئاخىرغىچە <بۈركۈت>، رېۋىزىئونىزمچىلار <ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى گەندە دۆۋىسى> ئىچىدىكى <توخۇ>. ماقالىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان: بېبېل، ليۇكسېمبورگ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىنى ستالىن بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ستالىن بىر تارىخىي دەۋردىكى پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىيەسى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرى، ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز ستالىننىڭ ئېگىز ئۇچىدىغان «بۈركۈت»، خرۇشېۋنىڭ «توخۇ» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
  سولژېنىتسىن ئۈچ چوڭ توملۇق «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى» دېگەن كىتابىنى ئاياغلاشتۇرغاندا مۇنداق دەپ يازغان: پولات چەمبەر بىلەن چىڭ قىلىپ چىڭىتىلغان غايەت زور دۆلەتنىڭ دۇنيادا قەد كۆتۈرگىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، بار بولغىنى پەقەت پولات چەمبەر، لېكىن قانۇن يوق. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باستۇرۇش تۈزۈمى ۋە «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى» ئۈستىدە توختالغاندا سولژېنىتسىن مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب، بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ئۇنىڭدىن ئايرىلسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىنى يوقاتقاندا، بۇ دۆلەتمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. تارىخ شەپقەتسىز، ئىنسان تەبىئىتىنى يوقاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈم خەلق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ، تارىخ تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ، ئىلگىرىكى شۇنچىۋالا قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە شۇ دۆلەتنىڭ شەپقەتسىز تۈزۈمى بۈگۈنكى كۈندە يوقالدى.
  
  سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىنى ئەسلەيدىغان ياشلار ناھايىتى ئاز
                    جياڭ لى
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى 1990-يىلى 7-ئايدا داچىڭ شەھەرلىك تاشقى سودا تارمىقىغا ۋاكالىتەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۆمېن شەھىرىدە زىيارەتتە بولدۇم. مېڭىش ئالدىدا دوستۇمنىڭ تەكلىپى بويىچە داچىڭدىكى توپ سېتىش بازىرىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئون نەچچە مەرۋايىت مارجان، بىر بولاق سېغىز، ئون قۇتا ھەسەل سېتىۋالدىم (باھاسى ئانچە قىممەت ئەمەس). تۆمېن شەھىرىگە بېرىپ مېھمانسارايغا ئەمدىلا چۈشۈشۈمگە، ئايال مۇلازىمەتچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەندىن ساتىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرى بارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئەكەلگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلار بىردەمدىلا تالىشىپ سېتىۋالدى.
   پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈمىدە بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بارغىنىغا ئاران ئون نەچچە يىل بولغان جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بۇنچىۋالا كۈچلۈك ئىنتىلىشى ماڭا «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت» دېگەن نامنىڭ پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدىغان ئىنتايىن ئاجىز تەرىپىنى ھېس قىلدۇردى. شۇ قېتىمقى زىيارەت بىزگە دەرىجىدىن تاشقىرى «قىزىل ئىمپېرىيە»نىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىزلىكى، سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ھەممە نەرسىنىڭ قاتمال ۋە جانسىز كۆرۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. 70 يىلدىن كۆپرەك ماڭغان بۇ غايەت زور ھارۋا يۆنىلىشىنى يوقىتىپ، ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى.
  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى. خەلق ئۈچۈن يېمەكلىك ھەممىدىن مۇھىم، ھازىر ئويلىغىنىمىزدا، تۇخۇم ۋە چىش پاستىسى بولمىغان كۈن قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگى ئەڭ تېز ئۆڭىدىغان كۈنلەر ئىكەن.
   بىر ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشىگە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىناۋەت تىكلىشىگە بولسا ئۇزاق جەريان كېتىدۇ.
   يېقىنقى يىللاردا رۇسىيەدە يەنە زىيارەتتە بولغىنىمدا، بۇ دۆلەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىدىم. دۇكانلاردا قىممەت باھالىق بۇيۇملار مول بولۇپ، توكيو، شياڭگاڭدىن قېلىشمايتتى. كوچىلاردا ياشلار شاڭخەي، شېنجېندىكى ياشلاردىنمۇ مودا كىيىنەتتى. ئاددىي پۇقرالار باھا سەۋەبىدىن يەنىلا جۇڭگو ماللىرىنى ياخشى كۆرەتتى، بىراق ئۇلار جۇڭگودا ئىشلەنگەن ماللاردىن بەكرەك قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولدى، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ رۇسىيەدە تىجارەت قىلىشى بارغانسېرى تەسلەشتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مائاشى پات-پات بېرىلمەي، نامراتلىشىپ كەتكەن رۇسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسورلار بۈگۈنكى كۈندە سالاپەتلىك ۋە مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى. زىيالىيلارنىڭ جىسمىدىن بىر دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ھەممىدىن بەك ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
   بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەدە يەنىلا بەزى كىشىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپى چوڭ دۆلەتكە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، كوللېكتىپ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئەسلىشىدۇ. كۆپ ساندىكى ئامما، بولۇپمۇ ياشلار ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىشنى خالىمايدۇ. بۈگۈنكى رۇسىيەدە نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى زور بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكىدىن كۆپ ياخشى. بۇ دەل پۇتىن ۋە «مېدۋېدېۋ-پۇتىن بىرىكمىسى»نىڭ رۇسىيەدىكى ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.
  ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى تويغىچە تارتقان كىشىلەرلا تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدە ئۇزاق ياتقان كىشىلەرلا ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئۆزگىرىش ئازابى ۋە رۇسىيە مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى داۋالغۇش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن رۇسىيە ئاممىسى تارىخ پاجىئەسىنى قايتىلاتمايدۇ. ھازىر، رۇسىيە رەھبەرلىرى ۋە ئامما دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى ئالدىنقى ئورۇندىكى چوڭ ئىش دەپ قارىماقتا. تارىخ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە ھالاك بولۇشىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى سانسىز قېتىم ئىسپاتلىدى. خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى
قىلغان مېدۋېدېۋ، پۇتىن ھاكىمىيىتى رۇسىيە خەلقىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەنبە:ئۇلنىش تورى
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1234
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1234دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 17:06

روسلار بىزنىڭ قىيامەتلىك دۈشمىنىمىز