باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 449 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رەببىمىزنىڭ خۇرسەنلىكى
arslantikin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2011-10-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 00:07

رەببىمىزنىڭ خۇرسەنلىكى

رەببىمىزنىڭ خۇرسەنلىكى


ئاپتورى: دوكتور خالىد ئەبۇ شادى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى
ئۆتمۈشۈڭگە دىلخەستە، تەۋبە قىلساڭ ھەسەتتە،
ھەق يول تۇتساڭ مەقسەتتە، ئورنۇڭ بولار جەننەتتە.
كۆرگىن ئاللاھ كالامى، قانداق گۈزەل بايانى:
تاشلىغانغا گۇناھنى مەغپىرەت بار، ئەلۋەتتە!
قۇرئان كەرىم جىلۋىسىدىن:
{گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھدىن باشقا كىم بار؟}، (ئال ئىمران سۈرىسى، 135 - ئايەت)
گۇناھ قىلىپ، تەۋبە قىلمايدىغان؛ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مەغپىرەت تەلەپ قىلمايدىغانلار ئويغىنىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە بۇ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلايمەن.
 
                                                                                      دوكتور خالىد ئەبۇ شادى
 
كىتاپچىنىڭ تېمىلىرى:
 
نېمە ئۈچۈن تەۋبە قىلىسەن؟
مەقبۇل تەۋبىنىڭ شەرتلىرى
گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلغىن!
نادامەتنىڭ بەلگىلىرى
تەۋبەڭنى سىناپ كۆر
تەۋبە ئىشكىنىڭ تاقىلىشى
تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى
 
نېمە ئۈچۈن تەۋبە قىلىسەن؟
 
ـ چۈنكى ئاللاھ تائالا سېنى ۋە بارلىق مۆمىنلەرنى: {ئى مۆمىنلەر! نىجاتلىققا ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار!} دەپ بۇيرۇغان.
 
ئەگەردە تەۋبە قىلغۇچى مۆمىن نىجاتلىقنى ئۈمىد قىلسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىيالمىغان بولسا، گۇناھتىن قول ئۈزمىگەن ئاسىي بەندە قانداق قىلىشى كېرەك؟
 
ــ چۈنكى قىيامەت كۈنى سېنىڭ تارازۇ-مىزانىڭ كۆز ئالدىڭدا تۇرغۇزۇلۇپ، ساۋاب-ياخشىلىقلىرىڭ بىر تەرىپىگە، گۇناھ-يامانلىقلىرىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلۇپ ئۆلچىنىدۇ، ياخشىلىق تەرىپىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن پەقەت گۇناھلارنى ئۆچۈرىدىغان ھەقىقى تەۋبە يولىلا بار.
 
ــ چۈنكى تەۋبە قىلغۇچى ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسىدۇر، گۇناھتىن تەۋبە قىلغان ئادەم گۇناھسىز ئادەمگە ئوخشاشتۇر. گۇناھكار گۇناھلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن قەلبى غەش بولسا، گۇناھى دەپتەردىن ئۆچۈرۈلۈپ، پۈتۈكچى پەرىشتىلەرگە ئاللاھ ئۇنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
 
ــ چۈنكى بەندىلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەققى بەك كۆپ بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى تولۇق ئورۇنداپ بولالماس؛ ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى بەك جىق بولۇپ، ئۇنى ساناپ تۇرۇپ ھەر-بىرىگە شۈكرى ئېيتىپ بولغىلى بولماس؛ شۇڭا، ئاللاھنىڭ زىرەك بەندىلىرى ھەر دائىم تەۋبە قىلىش ئارقىلىق كەمچىلىكىنى تولدۇرۇپ، چالىسىنى پۈتۈنلەشكە تىرىشىدۇ.
 
ــ چۈنكى ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىلارنى سۆيىدۇ، ھەق يولغا ماڭغۇچىلارنى سۆيىدۇ، مەغپىرەت تىلىگۈچىلەرنى سۆيىدۇ، پاكلانغۇچىلارنى ۋە ئاللاھقا بېرىلگۈچىلەرنى سۆيىدۇ.
 
ــ چۈنكى ئىبلىس بىز ھاياتلا بولساق داۋاملىق بىزنى ئازدۇردىغانلىقىنى، نەپسىمىز توختاپ جان ئۈزگىچە چوقۇم زالالاتكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، بىز مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغانلا بولساق، ئاللاھقا يۈزلىنىدىغانلا بولساق، گۇناھىمىزغا ھەسرەت چېكىپ يىغلايدىغانلا  بولساق بىزگە تەۋبە ئىشكىنى ئوچۇق دەپ ئېلان قىلغان.
 
ـ چۈنكى تەۋبە قىلساق رەببىمىز خۇرسەن بولىدۇ، مالائىكىلەر بەخىتكە چۈمۈلىدۇ؛ شەيتان ئاچچىق يۇتىدۇ، دوستلار خوشال بولۇپ، دۈشمەنلەر نادامەت قىلىدۇ، نامە-ئەمەل دەپتىرىمىز ئاقىرىپ، دەرىجىمىز كۆتىرىلىدۇ، قەبرىمىز كەڭرىپ، قەدرىمىز ئۆسىدۇ.
 
ــ چۈنكى تەۋبە ئارقىلىق ياخشىلىق ئەگىيدۇ، غەم-قايغۇ يوقىلىدۇ، رىزقى كەڭرىيدۇ، قىينچىلىق ئاسانلىشىدۇ، بەرىكەتلەر ياغىدۇ، توسقۇنلۇقلار تۈگەيدۇ، كۆڭۈلگە خاتىرجەملىك، روھقا ئاراملىق، قەلبىگە جۇشقۇنلۇق ئورنايدۇ.
 
ـ چۈنكى رەببىمىز ئېيتىقان: {تەۋبە قىلمىغانلار زاالىملاردۇر}
 
شۇڭا كىشىلەر ئۈچىنچىسى بولمىغان ئىككى گورۇھقا بۆلۈنگەن: تەۋبە قىلغۇچى ياكى زاالىم. ئۇنداقتا سىز قايسى گورۇھتىن؟
 
تەۋبىنىڭ شەرتلىرى
 
1. تاشلاش ( قول ئۈزۈش)
 
مەقبۇل تەۋبىنىڭ بىرىنچى شەرتى گۇناھتىن قول ئۈزۈشتۇر.
 
چۈنكى ھاراق رومكىلىرىنى تۇتقان ھالدا ھاراق ئىچىشتىن تەۋبە قىلدىم دېيىشنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن؟ ياكى يالغانچىلىقنى ئۈزمەي قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ يالغانچىلىق قىلماسلىق قارارىغا كەلگەنمەن دېگىنى چوڭ يالغانچىلىق - دە! ياكى پادىشاھقا ئاشكارا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ھۆرمەت كۈتكەن بارمۇ؟
 
شۇنداق تەۋبە قىلدىم دېسە ئۇ تەۋبە بولدى، ئەمما يالغانچىلارنىڭ، ھەقىقى مۆمىنلەرنى چۈشەنمىگەنلەرنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسى بولدى...
 
«كەچۈرگىن ئاللاھ» تىن كەچۈرگىن ئاللاھ،
چىقسا سۆز بىئىخلاس، مەنىگە خىلاپ.
گۇناھلار ئىجابەت يولىنى ئەتكەن،
نە ئۈمىد كۈتەرمەن، تىلىكىم سوراپ؟!
 
ھەقىقى مۆمىن تەۋبە ئارقىلىق گۇناھتىن تامامەن قول ئۈزىدۇ، كۆز ياشلىرى بىلەن نادامەت چېكىدۇ، خاتالىقىغا ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىدۇ ۋە غەپلەتلىك ھاياتتىن قەلبىنى پاكلايدۇ.
 
 ئەسكەرتىش:
 
بىراق بۇنداق دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى گۇناھتىن يېنىپ، قايتا مەڭگۈ گۇناھ سادىر قىلمايدۇ دېسەك بولامدۇ؟
 
ياق! چۈنكى ھەدىس شەرىفتە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ئېنىق: «ھەرقانداق مۆمىن بەندىنىڭ بەزى-بەزىدە قىلىپ ئادەت بولۇپ قالغان گۇناھى بولىدۇ، ياكى دۇنيادىن كەتكىچە ئايرىلالمىغان مۇقىم گۇناھى بولىدۇ؛ مۆمىن ھەقىقەتەنمۇ گۇناھ-پىتنىلەرگە دۇچار قىلىنىپ، تەۋبە قىلغۇچى، ئۇنتۇلغاق قىلىنىپ يارىتىلغان، ئۇ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىسىلا دەرھال ھۇشىغا كېلىدۇ»
 
تەۋبە قىلغۇچى قېرىندىشىم! يۇقۇرقى ھەدىسنى قايتىلاپ ئوقۇغىن!
 
بۇ مۆمىن بەندىنىڭ سۈپەتلىرىگە دىققەت قىلغىن، شۇنداق، مۈدۈرمەيدىغان تۇلپار يوق بولغاندەك، ھەر بىر مۆمىننىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويىدىغىنى بولىدۇ، ھەر قانداق مۆمىننىڭ شەيتان غىپپىدە كىرىۋالىدىغان ئاجىزلىق نوقتىسى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەيۋە، جەڭ ئەمەس، ھۇجۇم لېكىن قاقشاتقۇچ زەربە ئەمەس.. مۆمىنگە پايدىلىق پەند-نەسىھەت، ھەق سۆز ۋە توغرا مەسلىھەت بېرىلگەن ھامان دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىپ گۇناھتىن قول ئۈزىدۇ، خۇددى ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولمىغاندەك، خاتالىق ئۆتۈلمىگەندەكلا، تەۋبە ئارقىلىق ئۆز يولىنى تېپىۋالىدۇ.
 
بىخەتەرلىك كلاپانى
 
* مۆمىن ھۇشىنى تاپىدۇ: گۇناھىنى داۋراڭ قىلمايدۇ، خاتالىقىدا ئەزۋەيلىمەيدۇ، نەسىھەتنى رەت قىلمايدۇ، دوزاخقا يىغلاپ كىرمەسلىك ئۈچۈن، گۇناھنى كۈلۈپ قىلمايدۇ...
 
* مۆمىن ئۇيقۇسىنى ئاچىدۇ: گۇناھتىن قول ئۈزىدۇ، گۇناھ شېرىكلىرى، گۇناھ ئورنى ۋە گۇناھقا چېتىلدىغان بارلىق نەرسىلەردىن قول ئۈزىدۇ.
 
* مۆمىن ئەقلىنى تاپىدۇ: ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان پەيتىدە، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قىممىتى چۈشەنلىكىنى، قەدرى تۆۋەنلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھ سادىر قىلىشىغا يول بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، ئەگەر ئۆزى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئېزىز ۋە قەدىر-قىممەتلىك بولغىنىدا، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئۇنى گۇناھتىن ساقلاپ، قۇتۇلدۇرۇپ، ھەق يولدىن ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ.
 
* مانا ئەمدى سەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنسىنى بىلىسەن:
 
{تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئۇچرىسا ئاللاھ ئۇنى ئەسلەيدۇ-دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن) خالاس تاپىدۇ}، (ئەئراف سۈرىسى، 201 - ئايەت)
 
يەنى ئۇلاردىن گۇناھ سادىر بولغان ۋە خاتالىق كۆرۈلگەن ھامانلا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ.
 
شەيتان باشلىرىدا غەلبە تۇغلىرىنى كۆتىرىشتىن بۇرۇن ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار! شەيتان غادىيىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى رەسۋا قىلىڭلار! ئۇ پەخىرلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن جاجىسىنى بېرىڭلار! ئۇنى يۈكسەكلەردىن ئاھانەت ئازگاللىرىغا غۇلىتىڭلار! بۇنىڭ ھەممىسى-ئۇلارنىڭ تەۋبىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشماقتا...
 
ئالدىڭدا ئالتە سائەتلىك پۇرسىتىڭ بار
 
رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ) مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھ پۈتكۈچى پەرىشتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن مۇسۇلماننىڭ گۇناھىنى پۈتمەي ئالتە سائەت كتىدۇ، ئەگەر بۇ مۆھلەتتە پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ گۇناھنى بىكار قىلىدۇ، بولمىسا بىرگە بىر گۇناھ پۈتىلىدۇ».
 
بۇ نېمە دېگەن كەڭ قورساقلىق!
 
«ئاللاھ ئۈچەيلەننىڭ ئۈچىنچىىسى» ۋە «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئاللاھدۇر» دېگەنلەرگە قارىتا ئاللاھ ئۇلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: {ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟}، (مائىدە سۈرىسى، 74 - ئايەت)
 
ھېكمەت
 
مەيمۇن ئىبنى مەھران ئېيتقان: «ئاللاھنى زىكرى قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئاللاھنى تىلى ئارقىلىق زىكرى قىلىش، بۇنىڭدىنمۇ ئەپزىلى شۇكى، گۇناھ سادىر قىلىشقا يېقىن بېرىپ قالغان چاغدا، گۇناھ ئالدىدا ئاللاھنى ئەسلەش».
 
ئوڭ تاناسىپ قائىدە
 
ئىمان بىلەن گۇناھنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، يەنى، ئىمان قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، گۇناھمۇ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىپ، ۋىجدانغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ؛ ئەگەر ئىمان ھالسىز بولسا، بەندە قىلغان گۇناھىنى شۇ ماكاندىن ئايرىلىش بىلەنلا يادىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ، ئۆزىنى مالامەت قىلماستىن ياكى ۋىجدانى پۇچۇلانماستىن، گۇناھقا يەنە گۇناھ، خاتالىققا خاتالىق قوشۇپ قىلىدۇ.
 
* مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن ئىماننىڭ پەزلى ئارقىلىق گۇناھىنى قىرىق يىلغىچە يادىدا تۇتقان، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىر قېتىم قەرزدار بولۇپ قالدىم، شۇڭا قىرىق يىل ئىلگىرى قىلغان بىر گۇناھىم تۈپەيلىدىن قەرزدارلىققا پاتتىم، دېدىم. بىر كىشىگە: ‹ھەي گاداي!› دەپ تاشلىغانىدىم...»
 
* مەكھۇل بىر يىلغىچە گۇناھىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يىغلاپ تۇرۇپ سەجدە قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇ رىيا قىلىۋاتىدۇ، دېگەنىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن بىر يىلغىچە ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاشتىن مەھرۇم قىلىندىم».
 
* فۇزەيل بەش يىل گۇناھىنى ئەسلەيدۇ ۋە قىلغان بىر گۇناھى سەۋەبىدىن بەش ئايغىچە كېچىسى ئويغىنىشتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
 
سەن بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆز قەلبىڭدىكى ئىماننىڭ دەرىجىسنى پەرەز قىلىپ باقساڭ ۋە قىلغان گۇناھىڭغا پۇشايمان قىلىپ ئۇنى قانچە كۈنلەرگىچە، بەلكى قانچە سائەتلەرگىچە ئەسلەپ كەلگەنلىكىڭنى ئۆزۈڭدىن سوراپ كۆرسەڭ بولىدۇ.
 
يامانلىق ئىچىدىكى ياخشىلىق
 
رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ) مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم قىلغان گۇناھى سەۋەبىدىن رىزقىدىن مەھرۇم قالىدۇ».
 
ئاللاھ سەندىن ئۆزىگە مۇھتاج بولۇشۇڭ ۋە ئۇنىڭغا بىچارىلىكىڭنى بىلدۈرۈشۈڭ ئۈچۈن رىزىقنى مەھرۇم قىلىدۇ، بۇ مۇھتاجلىق ئارقىلىق ساڭا بايلىقنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق بىچارىلىك ئارقىلىق ئىززەت ئارتۇقلايدۇ؛ ئاللاھ نېمە دېگەن مەرت، نېمە دېگەن كۆيۈمچان! نېمە دېگەن مېھرىبان! ئۇ بىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئېلىۋاالىدۇ، بىزگە ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مەھرۇم قىلىشى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدىن ئىبارەت.
 
ئۇ ئۇخلاپ قالغانلارنى ئويغىتىدۇ، غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۆمىن بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلگەچكە، پەقەت گۇناھ تۈپەيلىدىنلا يامانلىققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، بىر قۇشنىڭ ئوۋلىنىشى، بىر دەرەخنىڭ كېسىلىشىمۇ تەسبىھنى تەرك قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقنى، خاتالىق ئۆتكۈزۈلمەي يادلىغان بىرەر سۈرىنىڭ يادىدىن كۆتىرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ. {سىلەرگە (يەنى جېنىڭلارغا ۋە مېلىڭلارغا) ھەر قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلالماس ئىدىڭلار)}، (شۇرا سۈرىسى، 30 - ئايەت)

مەنبە ياشلار تورى
arslantikin
قارا بۇلۇتتىن كېيىن پارلاق قۇياش.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2812
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-09
ئاخىرقى: 2011-10-16

مۇشۇنداق تېمىدىن بىرسىگە بەكمۇ موھتاج بولۇپ تۇراتتىم. ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.
مەن مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال مۇسۇلماندۇرمەن
دوستلىشىش
مۇھسنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8277
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2011-10-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 19:43

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشم                           
Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 247
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2706 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 20:13

ياخشى تېمىكەن ،اللە رەھمەت قىلسۇن!
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.