< تۈركىيە <ئىتپاققا كىرسەك دىنىمزغا ھىچ قانداق زىيىنى يوق> دەپ ئىشەنچ قىلالايدىكەن. ياۋروپالىقلار< تۈركىيەنى ئىتپاققا كىرگۈزسەك ئىسلاملىشىپ كىتىمىز> دەپ ئەنسىرەيدىكەن.>
بۇنداق ئەھۋالنىڭ بۇلىشى يىقىن كەلگۈسىدە تۇلىمۇ يىراق چۈنكى تۈركىيە جەمىيتىنىڭ ھازىرقى رىئاللىقى بۇنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ ، چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئۆز جەمىيتىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەقىقى ئىسلامى جەمىيەت قىلىشى ئۈچۈن باسىدىغان مۇساپىسى قىسقا ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ياۋرۇپادىن تۈۋەن ھالەتتە بەزى مەنپەئەتلەر ئۈچۈن كىرمەكچى ، ماددى جەھەتلەردە تۈۋەن بولغان تۈركىيەنىڭ يۇقىرى تۇرىدىغان ياۋرۇپاغا بىز كۈرىۋاتقاندەك ئىمان -ئىتقاددىن ، ئەخلاق -دىيانەتتىن ئايرىلغان ھالىتىدە تەسىر قىلىپ ئىسلاملاشتۇرىشىمۇ تەس .
تۈركىيە تارىختا ئېمپىرىيە ئارقا كۆرۈنىشى بار دۆلەت ،ئۇ ياۋرۇپانى،ئەرەپلەرنى نەچچە ئەسىر كونتۇرول قىلغان ،تەھدىت سالغان ،،،،نەچچە ئەۋلات ئېسىدىن چىقمۇغۇدەك قوررققاق سېلىۋەتكەن ،،،بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئەمدى بىلىۋاتقان بىلەن ،،،،،ياۋرۇپالىقلار تولۇق بىلىدۇ .تۈركىيىنىڭ بۇ «ئىتىپاق» قا كىرىشى ئەلۋەتتە «قوي قوتۇنىغا بۆرە كىرگەندەك» بىر ئىش ،،،،1683-يىلى ئوسمان تۈرۈك قوشۇنى ۋىنانى قورشىۋالغان ،دەل بۈگۈنكى تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى ئەنە شۇنداق قورشىۋالدى ،،،
بۇ تەھلىل دىنى ( ئىتتىپاققا كىرسە دىنىغا تەسىر يىتەمدۇ ياقمۇ دىگەن )نوقتىدا تۇرۇپ قىلىنغان تەھلىل ئەمەس بەلكى سىياسەت ( ئەگەر تۈركىيەنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىپ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە پۇرسەت ، شارائىت بەرسەك ، خۇددى فىرئەۋىن مۇسانى بىقىپ چوڭ قىلغاندەك ئىش بۇلىدۇ )نوقتىسىدا تۇرۇپ قىلىنغان تەھلىل .
ئىككى تەھلىلدىن ئىككى كىشىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ .
يىراق كەلگۈسىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا ئىككى تەھلىل ئوخشاش . يەنى تۈۋەندىكى تەھلىل ئۈستىدىكى تەھلىلنىڭ يەشمىسى ، لىكىن يىقىن كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىساق يۇقىرقى تەھلىل بۇيىچە بۇلىشى تۇلىمۇ تەس .
بۇ مىنىڭ پەرزىم خالاس .
نىمىلا بولمىسۇن ئۇمۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئىيىتقاندا تۈركىيە يەنىلا پەرۋاردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن توغرا يولىنى تاپقان بۇلىشىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس . لىكىن جەمىيەتنىڭ ھەقىقى ئىسلامى جەمىيەت بۇلىشى ئۈچۈن باسىدىغان قەدىمى ئازئەمەس ، قالغان ئىشلارنى ئاللا ئىگەم ئۈزى بىلىدۇ . ئۇنىڭ يىقىندىن بىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئۇينىغان رۇلىنى بىر ئەسىردىن بۇيان باشقا دۆلەتلەر ئوينىغان ئەمەس .
ئاللا ئىگەم ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن ! ئۇنى ئۈممەتنىڭ ئەھۋالىغا كۈڭۈل بۇلىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن ! ئۇنىڭغا ئۈزى مەدەت بەرسۇن .
خاتالىقلىرىمنى تۈزىتىپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
[ بۇ يازمىنىئىزھار1 2011-10-02 13:15قايتا تەھرىرلىدى ]