ھەيرانمەن تۈركىيەدە كېچە كۈندۈز <ئاھ ياۋروپا> دەپ ئۇخلاپ يەنە <ئاھ ياۋروپا > دەپ قوپىدىغان ئادەم خېلى كۆپ ئوخشايدۇ، ھېلىمۇ شۇ ياۋروپا دەپ بەزى خەلىقلەر خېلىلا ياۋروپالىق بوپ قاپتۇ.
بىز مۇسۇلمانلار تەرەققىيات ،گۈللىنىش ،ئىلغارلىقتا ئەمدى كىملەردىن ياردەم سورايدىغان بوپ قالدۇق -ھە؟؟؟؟؟
ئەلۋەتتە مەن خەلىقئارا ھەمكارلىقنى چەتكە قاقماقچى ئەمەس ،لىكن ھەمىشە ئۈزىنڭ كۈچىنى سەل چاغلاپ باشقىلاردىن ياردەم كۈتۈشمۇ ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس .
ئۇنداقتا شۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى نىمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ شۇ ئىتىپاققا كىرىشىنى شۇنچە خالىمايدۇ؟؟؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ مىنىڭچە ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئۇنچە مەۋھۇم ئەمەس.