ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى مەركىزى رايون بۇلۇپ ،غەرىپتە كاسپى دېڭىزىدىن شەرىقتە جوڭگوغىچە،
جەنۇپتا ئافغانىستاندىن شىمالدا روسىيەگىچە بولغان كەڭرى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئادەتتە ئېغىز تىلىدا
مەركىزى ئاسىيا ياكى "ئسىتانلار"(بەش جۇمھۇريەتنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرسىدا ...+ئىستان قۇشۇمچىسى بولغانلىقى
ئۈچۈن) دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىپ ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەر بولسىمۇ ،ھازىرغىچە ھەممە قۇبۇل قىلغان
ئۇنۋىرسال ئېنىقلىما يوق.گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىگرىسى ئېنىقسىز بولسىمۇ ،ئۇ يەنىلا ئومۇمى جەھەتتىن
بەزى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بىرىنچىدىن ،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىختىن بۇيان بۇ رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان
چارۋىچى خەلق ۋە يىپەك يولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئۇ ياۋروپا،غەربى ئاسىيا ،جەنۇبى ئاسىيا ۋە
شەرقى ئاسىيا ئارىسىدىكى ئادەم ،مال ۋە ھەرخىل ئىدىيەلەرنىڭ ئالمىشىدىكى مۇھىم دوقمۇش بولغان.
ھازىرقى مۇھىتتا ھەممە ئېنقلىمىلار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بەش جۇمھۇريىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئوتتۇرا
ئاسىيا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان رايونلاردىن يەنە موڭغۇلىيە،ئافغانىستان ،شىمالى ۋە غەربى پاكىستان ،شەرقى
شىمالى ئىران،كەشمىر ،جوڭگۇنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ۋە روسىيەدىكى سىبرىيە قاتارلىقلار بار.ئىسلامنىڭ
دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا پارىسلار ئاساسى ئورۇندا تۇرغان رايون بۇلۇپ ،بۇ يەردە مۇقىم
ئولتۇراقلاشقان سوغدى،چوراسمىلار ۋە يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىسىيان ، ئەلەنلەر بار ئىدى.
قەدىمكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان.تۈركى قەۋىملەرنىڭ
كېڭىيىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا قازاق ،ئۆزبىك ،ئۇيغۇر ،تۈركمەن ،قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى
مىلەتلەرنىڭ ئانا ماكانىغا ئايلانغان.ئوتتۇرا ئاسىيا بەزى ۋاقىتلاردا تۈركىستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رايون سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دىگەن بۇ ئۇقۇم 1843-يىلى جۇغراپىيەچى ئالىكساندىر
ۋان خۇمبولد تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىگرىلىرى ئۈستىدە ھەرخىل ھەر ياڭزا
چۈشەندۈرۈشلەر بار.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ كىچىك ئېنقلىمىسى سوۋىت دەۋرىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولۇپ ،مەركىزى ئاسىيا پەقەت ئۆزبىكىستان ،تۈركمەنىستان ،تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.بۇ دەۋىردە بۇ ئېنىقلىما سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدىمۇ ئىشلىتىلەتتى.
ئەمما روسلارنىڭ مەدەنىيتىدە ئىككى ئوخشىمىغان ئاتالغۇ بار. "مەركىزى ئاسىيا " تار دائىردىكى ئېنىقلىمىغا
تەۋە بۇلۇپ پەقەت ئەنئەنىۋى سىلاۋىيانلار بولمىغان ،تارىختىكى روسلار بىلەن چىگرىداش بولغان ئوتتۇرا
ئاسىيا تۇپراقلىرىنى كۆرسىتەتتى."ئوتتۇرا ئاسىيا "كەڭ دائىردىكى ئېنىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ ،تارىختا روسلارغا
تەۋە بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆرسىتەتتى.
سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ئىلگىرىكى تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا
رىپابىلىكىسنىڭ رەھبەرلىرى تاشكەنىتتتە كۆرۈشۈپ ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىقلىمىسىنىڭ قازاقىستاننى ۋە ئىلگىرىكى
تۆت رىپابىلىكنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.شۇندىن بۇيان بۇ ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان
ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىقلىمىسىغا ئايلاندى.
سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرلىشتىن ئازراق بۇرۇن يېزىلغان ،ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئادەتتىكى تارىخىدا،كېلىماتقا ئاساسەن كەڭ رايونلار ئۈستىدە دائىرە بىكىتكەن.ئۇنىڭغا
ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا موڭغۇلىيە،تىبەت،شەرقى شىمالى ئىران(گۇلىستان،شىمالى خوراسان ۋە رازاۋى
ۋىلايەتلىرى)،ئافغانىستان،پاكىستاننىڭ گىلگىت –بالتىستان،ئازاد كەشمىر،پەنجاپ ئۆلكىلىرى ۋە شىمالى
رايونلىرى ،ھىندىستاننىڭ پەنجاپ،كەشمىر ،لەدەخ ئۆلكىلىرى،ئوتتۇرا –شەرقى روسىيە ،ۋە سابىق بەش
جۇمھۇرىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل شۇكى ،بۇ رايونغا ئېنىقلىما بەرگەندە مىللى تەركىبكە قاراش ،يەنى
شەرقى تۈركلەر،شەرقى ئىرانلىقلار ۋە موڭغۇللارنى ئايرىش.بۇنداق ئايرىغاندا بۇ رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم
رايونى،جەنۇبى سىبرىيەدىكى تۈركى رايونلار ،بەش جۇمھۇرىيەت،ئافغان تۈركىستانى ،ئافغانىستان ،شىمالى
پاكىستان ۋە كەشمىر جىلغىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تىبەتلەر ۋە لەدەخلەرمۇ شۇنڭغا تەۋە.بۇ دائىردىكى
ئۈستىدە تىلغا ئالغان خەلىقلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا"تۇغۇلۇپ ئۆسكەن".
ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزى دەپ ئېلان قىلىنغان يەرلەردىن بىر نەچچىسى بار.مەسلەن:روسىيە
فىدراتسىيەسىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىزىل ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى
ئۈرۈمچىنىڭ 320كىلومىتىر شىمالىغا جايلاشقان يېزا.
ئوتتۇرا ئاسىيا ھەقىقەتەنمۇ ھەرخىل يەر شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى رايون ،بۇ يەردە ئېگىز
داۋن ۋە چوققىلار(تەڭرى تېغى)،پايانسىز كەتكەن قۇملۇقلار(قاراقۇم ،قىزىلقۇم،تەكلىماكان)،دەل دەرەخسىز
قۇرۇق يايلاقلار بار.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم يېرى قۇرۇق بولغانلىقتىن تېرىقچىلىق قىلشقا ماس
كەلمەيدۇ.گوبى چۆللۈكلىرى پامىر ئىتەكلىرىدىن باشلىنىپ ،چوڭ ھىنگان تاغلىرىغىچە سوزۇلىدۇ.
دۆلەت يەر كۆلىمى نوپۇسى نوپۇس زىچلىقى ج د پ(مىليون) پايتەختى
| 2,724,900
| 16,004,800
| 6
| 109,273
| $6,823
| |
|
| 199,900
| 5,482,000
| 27
| 4,570
| $850
| | |
| 143,100
| 7,349,145
| 51
| 4,982
| $766
| | |
| 488,100
| 5,110,000
| 10
| 16,197
| $3,242
| | |
| 447,400
| 27,606,000
| 62
| 32,816
| $1,175
| | |
ئاساسلىق مەدەنىيەت ۋە ئىقدىساد مەركەزلىرى
ئاستانە،ئالمۇتا،بىشكەك،ئوش،دۈشەنبە،ئاشىخئاباد،بۇخارا،سەمەرقەند،تاشكەنىت،
كابۇل،مازارشىرىف،خوخخوت،لەنجو،ئۈرۈمچى، يىنچۈەن،مەشھەد،نىشاپۇر،تۇس،
ئۇلانباتۇر،پىشاۋۇر،نوۋوسبىرىك،ئومسىك،
ئوتتۇرا ئاسىيا
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوخشىمىغان ئېنىقلىمىلىرى
ئۈرۈمچىدىكى ئاسىيا كىندىكى مۇنارى
بۇ مۇنارنىڭ تىكلەنگىنى تازا بىر يۇمۇر بوپتىغۇ!!؟؟
ئىنگىلىزچە ۋىكى ئىنسىكولپىدىيەسىدىن تەرجىمە قىلىندى
[ بۇ يازمىنىمۇئەتتەر 2011-09-15 22:55قايتا تەھرىرلىد ]