باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 214 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇنتۇلماس ئىنسان
arslantikin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2011-10-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-15 17:21

ئۇنتۇلماس ئىنسان

ئۇنتۇلماس ئىنسان
ئىگىلمەس ئىنسان دۇنيادا مەۋجۈتمۇ ؟ سىزدىن ئىھتىمال بۇنىڭدىن جاۋاب  چىقماسلىقى مۇمكىن ، سۇنماس بىر ئىنسان ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇشۇ قەدىردان دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن . ئۇ ئۆز ھاياتىدا سانسىز بورانلارغا دۈچ كەلگەن ، ئۆز ئەقىدىسى يولىدا تەسۋىرلىگۈسىز ھاقارەت قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۆز ئىرادىسىدىن قايتمىغان . ئۇنىڭ شان __- شۆھرىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنوپ - شىمالىدا كەڭرى تارالغاندا ، ئۇنىڭ دوست ۋە دۈشمەنلىرى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ھەققىدە تالاش - تارتىشقا چۈشكەن چېغىدا بىز كىم كەمپۈت بەرسە شۇنىڭدىن سۈيىنىدىغان ، شۇنىڭغا ئەركىلەيدىغان ساددا بالىلار ئىدۇق . ئۇ ئۆز قارىشىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا باشلىغان . نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەق-ناھەق ئۈستىدە توغرا قاراشقا ئىگە قىلغان ۋاقتى، ئۇنىڭ قامىتى مۆكچەيگەن ، ئۆمۈر باغلىرى كۈزنىڭ شاماللىق مەنزىلىگە ئولاشقان چاغلارغا توغرا كەلگەن ئىدى .
بىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك پەسلدىن ياشلىق ئۆتكىلى دەرۋازىسىغا كەلگەن يۈرەك - قانلىرىمىز چايقىلىپ، تىزگىنسىز ئېقىندەك شىددەتلىك ئاقىدىغان ئەقىل - پاراسەت تامچىلىرىنى بىلىم گۆھەرلىرى بىلەن زىننەتلەيدىغان مۇشۇ مەزگىل ، بىز ئۇنىڭ ئالدىدا تەربىيە ئېلىۋاتقان مەزگىلگە دۇچ كەلگەن بۇلۇپ قەدىرلىك چاغلار ئىدى .  
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ قەدىرلىشىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن نادانلارنىڭ ھەسەت بىلەن قارغىشىغا مۇيەسسەر بولغان، بۇ زات بىز بىر نەچچە تالىپنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئۇستازى ئىدى . ئەرەب ، پارس تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ، زاڭزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىنى پىششىق بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا جەمىيەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرى مۇھتاج ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ تىرەن بىلىملىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشنى خالىغان كىشىنى نا ئۈمىد قالدۇرماي يولغا سالاتتى .دوختۇر - تىۋىپلەر ئۇنىڭدىن دورا ئاتالغۇلىرى ھەققىدە سورىسا ، دىھقانلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلار ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالاتتى.  ئۇنىڭ  [دىۋان لوغەتىتتۈرك ] نىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەش خىزمىتىدىكى تۆھپىسىلا ئۇنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى قابىلىيىتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ جەمىيەتنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى .
   ئۇنىڭ 73 يىللىق ھاياتى خەلق مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، دىنى ئىسلاھاتنى قانات يايدۇرۇپ ،دىننى ئاللاھ بويرىغان ئىزىغا سېلىش ، دىنغا قىلىنغان بۆھتانلارغا قارشى كۆرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن ۋە خەلق قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .
   خەلق ئۈچۈن قەدىرلىك بۇ ئىنسان ۋاپات بولغان كۈن- ئاللاھ ئۇلۇغلىغان جۈمە كۈنىدە پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتى ئۈنسىز ياش تۆكۈشتى . ناھىيەگە يىراق يېزىدىكى سانسىزلىغان ئىخلاسمەنلەر قىسمەن سەۋەپلەر تۈپەيلى نامازغا ھازىر بولالمىغان بولسىمۇ ، ھېيتگاھ جامائەسىدە ئونمىڭلىغان جامائەت كەلكۈندەك يامراپ كەتكەن ئىدى. 
    ناماز چۈشۈرۈلۈپ [ ھەر قانداق جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر ] دىگەن خەت كەشتە قىلىنغان زەرلىك يوپۇق يېپىلغان تاۋۇت ئورنىدىن قوزغالغان چاغدا [ ئاللاھۇ ئەكبەر ] دىگەن جاراڭلىق نىدا قىززىق تۇمۇز ئاسمىنىدا گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ كەتتى . كىشىلەرنىڭ سۈكۈت بىلەن ھەسرەتلىك قەدەم بېسشلىرى،كىملەرنىڭدۇر ھەسرەتلىك تىنىشلىرى، ياشلارنىڭ  [ ئاللاھ ] دەپ توۋلاشلىرى قېرى كىشىلەرنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى، بۈگۈنكى مۇسىبەتنىڭ ئادەتتىكى مۇسىبەت ئەمەس، بەلكى ، خەلق ئۈچۈن، مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن ئۇرنىنى تولدۇرۇپ ئالغۇسىز يوقىتىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىدۇراتتى . قەشقەرنىڭ غەربىنى ئۇزۇنسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ھەزرەت يولىدا كىتىۋاتقان ماتەمدارلار قوشۇنى تۆت كىلومېتىر دائىرىسىگە سوزۇلغان بۇلۇپ ، يول بۇيى نۇرغۇن ئىخلاسمەنلەرنىڭ مۇزدەك سۇ دوغلىرى بىلەن سۇغىرىلىپ تۇراتتى ، ياشلار تاۋۇت ئەتىراپىدا ئايلىنىپ تاۋۇتنى ئۆز مۈرىلىرىدە بىر - ئىككى قەدەم كۆتۈرۈپ مېڭىشى بىلەن ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرسە ، يېقىن بارالمىغانلار تاۋۇتقا باغلانغان ھەر بىرىسى ئون بەش مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى ئارغامچىغا ئېسىلىپ مېڭىش ئارقىلىق ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيتتى .
    ئاھ!... ھەسرەتلىك مىنۇتلار ، كىشىنى ئارامسىزلاندۇرىدىغان ۋىدالىشىش پەيتى ، مارجاندەك تۆكۈلۈپ تۇرغان ياشلار ......
    جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن قەبرىستانلىق ئاسمىنىدا ياڭرىغان قىرائەت ئاۋازىنى ئەتراپتىكىلەرگە مېيىتنىڭ لەھەتكە قۇيۇلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچ - ئىچىدىن ئىسەدەپ يىغلىغان ئاۋازلار ئەتراپتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى .  
  -  جامائەت!...  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتقان بۇ ئاۋاز ئابلىمىت داموللىنىڭ ئاۋازى ئىدى :
-قېرىنداشلار! بۈگۈن بىز قەدىردان ئۇستازىمىزدىن ئايرىلدۇق ، مىھرىبان يول باشچىمىزدىن ئايرىلدۇق، بىرئۆمۈر  دىننىڭ خزمىتىنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزۈش ۋە دىننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئالغان خۇراپات بدئەتلەرنى يۇقىتىپ تاشلاشتا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانىمزدىن ئايرىلدۇق .ئابلىمىت داموللام  ئېغىر سۈكۈتتدىن كىين سۆزىنى داۋام قىلدى:-  ئۇستازىمىز ئابدۇرىشىت قارىھاجى ،بىرمىڭ توققۇزيۈز يىگرمە ئۈچۈنچى يىلى قەشقەرنىڭ شەرقىگە ئالتە  كىلومىتىر كىلىدىغان، سەمەن كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتىسى سابىت داموللام ئۇقمۇشلۇق ئالىم كىشى بولۇپ، ئۆز دەۋرىنڭ كاتتا ئلىم بۇلىغى بولغان، قەشقەر خانلىق مەدرسە ۋە ساجىيە مەدرسلىرىدە باش مۇدەررىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئابدۇرىشىت قارىھاجىم دەسلەپكى دىنى ساۋادىنى ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر قارى مۇھەممەتئىمىن قارىھاجىمدا چىقارغان ئدى، قالغان دىنى بىلىملىرىنى ئاتىسىدا ۋە سادىق ئاخۇن خەلپىتىم ۋە ھىندىستاندا ئوقۇپ كەلگەن ئىمىن مەۋلىۋى قاتارلىق دىنى ئالىملاردىن ئالغان.    قېرىنداشلار!  ئۇستازىمىز دىنى ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن ،ئىلمى پارائىز ،مۈشكىلات قاتارلىق ئىلىملەرگە كامىل بولۇپ ، دەۋرىمىزگە نىسبەتەن  كاتتا مەرىپەت ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ تەۋھىد ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ئسلام دۆلەتلىرىدەكىتاپ قىلىپ چىقىرىلغان .خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئالىم ئىدى. ئون ئۈچ يېشىدا <قۇرئان كەرىم  >نى يادقا ئالغان .ھاياتىدا نۇرغۇن قارىيلارنى يىتشتۈرگەن، نۇرغۇن دىنى ئزباسارلارنى تەربىيلىگەن . قېرىنداشلار!  بۈگۈن بىز بۇ زاتنڭ تەزىيىسى ئۈستىدە تۇرۇپتىمىز ،قېرىنداشلار، ھەممىمىز ئامىن دەيلى!  ئاللاھ ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن!  ئامىن ! ئامىن !  ئامىن !
كۆككە ياڭرىغان سادالار ئۇزۇنغىچە بىسىلمىدى ،جامائەت تارقاشقا باشلىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى خۇددى يۈرىگى بىر يەردە قالغاندەك ھىسىياتتا قەبرە ئەتراپىدا ئايلىنىپ قىلىشتى. توپىلىق يولدا ئېغىر قەدەملىرىمىزنى ئاستا ئېلىپ كىتىپ بارىمىز،قايسىبىر كىشىلەرنىڭ ئچ -ئچىدىن قايناپ سۆزلىگەنلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ . ...ھەي، كۈسپۇرۇچلار   مانا بۈگۈن ئارام تاپتى ،قارىھاجىم ئۈلۈپ كەتتى ،ھامان ئۆلۈپ كىتەتتى، بۇنچىلا زەھەرلىك قىلىشمىسىمۇ، كۈندە بىر پارچە گۆشنى كىسىپ يىيىشمىسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىگىگە نەشتەرلىرىنى سانجىپ زىدە قىلىشمىسىمۇ بۇدۇنيادا مىڭ يىل ياشىماس ئدى.   شۇنداق، ئۇنىڭ ئون تۆت يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئىزىلمىگەن يۈرىگىنى ئغۋاگەرلەرنىڭ ئىغىۋالىرى ئىزىپ تاشلىدى . قىشلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگىنىمدە، زىيارەت ئۈچۈن تۇپراق بىشىغا چىقتىم . قىلچە ھەشەمەتسىز بىر دۆۋە توپا خۇددى ئۇستازىمىزنىڭ ئاددى سادا ھاياتىنڭ تىمسالىدەك سۈكىتتە تۇراتتى. ئەتىراپىغا تېرىلغان گۈللەرنىڭ ئىزى ۋە قەبرىنڭ ئەتراپىنڭ پاكىزە سۈپۈرىلگەنلىكى ۋە سۇچىچىلغانلىقى زىيارەتچىلەرنىڭ قەدەم ئىزلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى خالىس ئادەملەرنىڭ جاۋابىدەك كۆرنەتتى.  قەبرىگە قاراپ تەگسىز سوئاللار كاللامدا جاراڭلىدى...  ھېيتگاھ جامەسى ئۈزىنىڭ تارىختىن بۇيانقى  سۆلىتىنى يوقاتماي ،خۇددى ئۈزئەتراپىدىكى سۆرۈن تەلەت ئىگىز ئىمارەتلەرنىڭ ھەۋىسىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغاندەك ،ئۆز ئىچىدە ئىزگو خىياللارغا پېتىپ ئولتۇرۇپتۇ . كىشىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن قەدىرلىك ئوغلانىنى ئېلىپ چىققاندا ئۇ ھەسرەتلەنگەنمىدۇ ؟ توپلانغان خەلقنىڭ شۇنچە كۆپلىگىدىن ھەيران قالغانمىدۇ ؟ ئاللاھنىڭ شان-شۆھرىتىگە ھەيران بولۇپ، بىر بۇلۇڭدا قاراپتۇرۇشقان ئەبگالارغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ كەتكەنمىدۇ ؟... ئالىمنىڭ ئۈلۈمى ئالەمنىڭ ئۈلۈمى. پۈتكۈل كائىنات كۆزلىرىدە ياش ئۇنى ئۇزىتىپ قىلىشتى، نۇرغۇن ئائلىلەر ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ قەدىرلىك خاتىرىسىگە بىرمىڭ توققۇز يۈز توقسان ئالتىنچى يىلى يەتتىنچى ئاي ئون ئككىنچى شەنبە مەرھۇم ئابدۇرىشىت قارىھاجىم ئالەمدىن كەتتى، دەپ يېزىشتى.
    ئۇنىڭ  ئۈلۈمى نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەسرەت خاتىرىلىرىنى قالدۇردى ،لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بىخەۋەر قالدى، ئون يۋەنلىك خىزمەت كىنشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئۇنى خەۋەر قىلىدىغان شىنجاڭ گىزىتى  مىللەتكە كەلگەن بۇ يوقىتىشتىن ئاممىنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنتىپ قالدى . ئشەك ئۈلۈپ قالسا مەرسىيە يېزىپ نەشرىياتقا سۇنىدىغان شائىرلارنىڭ ئىلھام قوشى ئالىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى، بىرنەچچە تەڭگە ئۈچۈن ئالماس ماتالارغا ئاغىزىنڭ تىرىسى ئۇپۇراپ كەتكىچە ئېلان بىرىدىغان تېلىۋىزىيە ئستانسىلىرى ئون مىڭلىغان كىشىلەر قاتناشقان داغدۇغۇلۇق بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئەتەي كۆرمەسكە سالدى .چۈنكى مىلىيونلىغان مۇسۇلمان ئاممىسىغا كەلگەن بۇ مۇسىبەت، ئۇلار ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيەتسىز ئىدى.

مەنبە ساقىيە تورى 
arslantikin