رەسىم:
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،مىسىر زىيارىتىدىن كېيىن تۇنۇسقا يېتىپ كەلدى.
يۈزلەرچە تۇنۇسلۇق،سائەتلەرچە ساقلىغان ئايرۇدۇرۇمدا سۆيگۈ بىلەن كۈتىۋالدى.
ئەردوغان ۋە ھەمراھلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاخمەت داۋۇتئوغلى،ئېنرگىيە ۋە تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز،قاتناش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم قاتارلىقلارنى تۇنۇس باش مىنىستىرى ئەل باجى ئەل كائىد قارشى ئالدى.
ئەردوغان كېلىشتىن بۇرۇن بۈيۈك جۇشقۇنلىققا تولغان ئايرۇدۇرۇمدا،تۇنۇسلۇقلار قوللىرىدىكى تۈرك بايراقلىرى،پەلەستىن بايراقلىرى ۋە ئەردوغاننىڭ سۈرەتلىرى بىلەن سائەتلەرچە ساقلىدى، ئەردوغاننىڭ ئايرۇدۇرۇمدىن چىقىشى بىلەن جۇشقۇ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە چىقتى،ناخشىلار توۋلاندى،مىھمانسارايغا بېرىش يولىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇنۇس خەلقىگە سالام بەردى.。。。
ئۆزىنىڭ تۇنۇستا ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر تۈرك يۇرتداش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ساقلاۋاتاتتۇق، ئاخىرقى كېلىشمىلەردىن كېيىن ،تۈركىيەدىكىلەرنىڭ شىمالى ئاپرىقىغا كېلىدىۈانلىقىنى ،يېڭى بىر دەۋىرنى باشلىغان بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدۇق،بۇ تەخمىنلىرىمىز توغرا چىقتى.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
http://www.ensonhaber.com/erdogan-tunuslularin-sevgi-gosterileriyle-
karsilandi-2011-09-15.html