قىرغىز پىرزېدىنتتى ئا ق ش بازىسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان تۈزۈشكە بۇيرۇق قىلدى.
قىرغىستان پىرزىدېنتتى روزا ئوتتابايىۋا پايتەخت بىشكەكتىكى "ماناس" ئايىرپوتىغا جايلاشقان ئا ق ش ھاۋا بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

سابىق ھۆكىمەتنىڭ پارىخورلۇقى بىلەن چىتىشلىقى بار دەپ قارالغان مەزكۇر ھاۋا بازىسى پات يىقىندا تەكشۈرىلىدۇ.
"ماناس" ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئامېرىكا ئۆتكەن يىل 123.6 مىليون ئىجارە ھەققى تۆلىگەن ئىكەن."ماناس"بازىسى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەركەتنىڭ داۋاملىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان تىرانزىت مەركىزى ھىساپلىنىدۇ.
ئامېرىكا تاماننىڭ ھىساپ-كىتاپلىرىغا قارىغاندا ،"ماناس"ئايرۇدۇرىمىدىن كۈنىگە 3.5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە 6 مىڭ توننادىن ئارتوق ھەر خىل يۈكلەرنى تۇشىغىلى بولىدىكەن.

"ماناس"ئايرۇدۇرۇمى قىرغىستان ئۈچۈن ناھايىتى نازۇك مەسىلە بولۇپ،ئۇنى تاقاش ياكى داۋاملىق ئىجارىگە بىرىش نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ مەتپەتىگە بېرىپ تاقىشىدۇ.
ئامېرىكا ،ناتو ئافغانىستان خەۋىپسىزلىكىنى ئافغان كۈچلېرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن 2014 -يىلدىن كىيىنمۇ ،قىرغىستاندا ئۆز ھەربىي تەييارلىقىنى ساقلاپ قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى يۇشۇرمىدى.
"ماناس" ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەككە-يىگانە ھەربىي بازىسى ھىساپلىنىدۇ.