باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 171 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەخلاق -پەزىلەت تۇغرىسىدىكى ھەدىسلەر
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 838
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە838دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10717 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-15 00:08

ئەخلاق -پەزىلەت تۇغرىسىدىكى ھەدىسلەر



ئەخلاق -پەزىلەت تۇغرىسىدىكى ھەدىسلەر



  
( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « مېنى چىرايلىق ياراتقاندەك خۇلقۇمنىمۇ چىرايلىق قىلغىن » . ( ئەھمەد رىۋايىتى )

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ « ھايا ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر ،ئىمان جەننەتكە مەنسۇپتۇر ، ئەدەپسىز سۇز قوپاللىقتۇر ،قوپاللىق دوزاخقا مەنسۇپتۇر .» ( تىرمىزى رىۋايىتى )

ئەبىد دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « مۇمىننىڭ ( قىيامەت كۇنى نامە ئەماللار تارتىلىدىغان ) تارازىسىدا چىرايلىق خۇلۇقتىن ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوق » .( ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى )

ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ « پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ناچار سۇز ،ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى ،ئۇ مۇنداق دەيىتتى ،ئىچىڭلارددىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۇزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر .» ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « مۇمىن ئادەم كىشىلەرگە تىل تەگكۇزمەيدۇ ،كىشىلەرنى تىللىمايدۇ ،يامان سۇز قىلمايدۇ ۋە سۇرەن سالمايدۇ .» ( مۇسلىم رىۋايىتى )

ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛« ئەگەر ئۇيالمايدىغان بولساڭ نېمىنى خالىساڭ شۇنى قىلغىن دىگەن سۇز ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتىپ قالدۇرغان سۇزلىرىدىندۇر .» ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ؛ « پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يۇزى ئىچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى .» ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئىبنى ئەبباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « كىچىكلىرىمىزگە رەھمى قىلمىغان ،چوڭلىرىمىزنى ھۇرمەتلىمىگەن ،ياخشى ئىشلارغا بۇيرىمىغان ،يامان ئىشلاردىن توسمىغان ئادەملەر بىزگە مەنسۇپ ئەمەس .» ( تىرمىزى رىۋايىتى )

ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ « سۇزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق موسۇلمانلارغا زىيان زەخمەت يەتكۇزمىگەن ئادەم كامىل موسۇلمان ھېسابلىنىدۇ ،ئاللا مەنى قىلغان ئىشلارنى تەركى ئەتكەن ئادەم ھەقىيقى مۇھاجىر ھېسابلىنىدۇ .» ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن،ئۇ نەرسىنى سەتلەشتۇرىدۇ ،ھەرقانداق نەرسىدە ھايالا بولىدىكەن ئۇ نەرسىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ .» ( تىرمىزى رىۋايىتى )




  مەنبەسى : قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانمىلار






--------------------------------------------------------------------------