ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى
1- ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىش.
2- ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە چىن ئىشىنىش.
3- ئاللاھ تائالانىڭ چۈشۈرگەن كىتابلىرىغا چىن ئىشىنىش.
4- ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە چىن ئىشىنىش.
5- قىيامەت كۈنىگە چىن ئىشىنىش.
6- ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ئەقىدىلەرنى بايان قىلىپ ۋە بىزلەرنى بۇلارغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
<< ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە اﷲ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ>> نىسا سۈرىسى 136 – ئايەت
تەقدىر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:
<< بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.>> قەمەر سۈرىسى 49- ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمان توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
<< ئىمان – ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش.>>مۇسلىم رىۋايىتى
مەنبە؛islamnuri.net/list.asp?unid=4