باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 526 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈرك ئاياللىرى - 05
دوستلىشىش
ozturkler
Benim Için Yazilmiş Bir Şarkisin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 4540 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 23:59

تۈرك ئاياللىرى - 05

رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى:
ئىتالىيەلىك مەشھۇر تۈركىئولوگ ۋە شەرقشۇناس روسسى، ئۆز تەتقىقاتىدا دەدە قورقۇتنىڭ كىتابىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنىغا كۆرە ئەر - خوتۇنلۇق ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇلاردا ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى بىر خوتۇنلۇق بولۇش ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچ بولمىغاندا بىرىنچى خوتۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى ساقلىغان بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرك يازما ئەسەرلىرىگە ئوخشاش چەت ئەللىكلەرمۇ "خاتۇن" (يەنى خانىش) ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ قانداقلارچە خۇددى خاقانغا ئوخشاشلا تەختتە ئولتۇرغۇزىلىدىغانلىقىنى ئۇزۇن ئۇزۇن چۈشەندۈرىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، سىياسەتنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە بىرلا چاغدا ياكى باشقا - باشقا چاغدا بىرىنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرىنى ئېلىش يولى بىلەن كۆپ خوتۇنلۇق بولغان بەزى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەقدىردىمۇ، بىراق بىرلا چاغدا بىر قانچىلىغان "خانىش"نىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ تەڭ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى پات - پات "نىكاھسىز ئاياللىرى" دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. شەھزادىنىڭ ئۆز ئانىسىدىن باشقا خانىشلار بىلەن ئۆيلۈنۈشى ھەققىدىكى قانۇندىمۇ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا قارشى سۆزلەر بار ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نۇقتا، مەلۇم بىر تۈركىي خەلق توپى ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولغان بارلىق قائىدىلەرنىڭ باشقا خەلق توپى يەنى، چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە  كۈچكە    ئىگە ھېسابلانمايدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئەر ئەگەر خالىسا ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۈشمەننىڭ پۈتۈن قىزلىرىنى ئالالايتتى. ھەتتا دۈشمەن تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان نىكاھسىز خوتۇنمۇ ئومۇملاشقان بىرەر قائىدە يوقلۇقىغا قارىماي، ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ ئۆيىدە سابىق ئورنىغا ئىگە بولالايتتى. دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، قەدىمقى تۈركلەردە ئائىلە بۇزۇلمايتتى ۋە ۋاز كېچىشكىمۇ بولمايتتى.
ھازىرمۇ تاھتاچىلاردا، «ئەر كىشى ئايالى بولماي تۇرۇپ ھېچ قانداق ئىشنى، ھەتتا ئۆز كەسپىنىمۇ   قىلالمايدۇ» دەيدىغان سۆز بار. تۈركلەردە ئەر ئايالنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان خىيانىتى ھۆكۈمرانغا قىلغان ئاسىيلىقتىن قالىسىلا ئەڭ ئېغىر ئىككىنچى جىنايەت بولۇپ ھېسابلىناتتى. زىنانىڭ جازى ئۆلۈم ئىدى. خىرىستىيانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكىلەر بولسا، «ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە ساداقەتسىزلىك قىلىشى جىنايەت، ئەمما ئەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى جىنايەت ئەمەس» دەپ قارايتتى. قەدىمقى تۈركلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ساداقەتسىزلىك جىنايىتى بىلەن ئايالغا قانداق جازا بەرسە، ئەرگىمۇ ئوخشاش جازا بېرەتتى. بۇ ئىش ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان نادىر ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
قەدىمقىي تۈركلەر توي قىلىشنى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايتتى، شۇڭا ئۇلاردا توي قىلماي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆيلەندۈرۈش قائىدىسى بارلىققا كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە تۈنجى قېتىم توختالغان يازغۇچى ماركوپولو بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:
«ئەگەر ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ توي قىلىش يېشىغا تولماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكون ئوغلى، يەنە بىرىنىڭ توي قىلىش يېشىغا تولماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن قىزى بولسا، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا تولغان چاغدا بۇ ئىككى ئۆلۈكنىڭ تويى قىلىناتتى. ئۆلگەن قىز ئۆلگەن ئوغۇلنىڭ نىكاھىغا بېرىلەتتى ۋە ئۆيلىنىش ئەھدى تۈزۈلەتتى. ئاندىن بۇ تۈزۈلگەن ئەھدە كۆك يۈزىگە چىقىشى ئۈچۈن كۆيدۈرۈلەتتى. "شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن ئوغۇل بىلەن ئۆلگەن قىز ئۇ دۇنيادا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، بىر - بىرى بىلەن ئەر - خوتۇن بولىدۇ" دەپ قارىلاتتى، ئاتا ئانىسى ئۇلارغا ئاتاپ ئالاھىدە چوڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى»
بۇنىڭدىنمۇ ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئاجايىپ مۇكەممەل بىر باراۋەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
دەرۋەقە، ئائىلىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەر بىلەن ئايالنى بىر - بىرىگە مۇھتاج دەپ قاراش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئەرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئايالىنى قۇربان قىلىشتەك قىلمىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان نۇقتىلىق ئامىللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكىنىڭ دەل ئەكسىچە ئەر بىلەن ئايالنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى نامايان قىلغان بۇ قائىدە ئەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن  تۇل ئايالىنى قۇربان قىلىشنى تەقەززا قىلسىمۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېرىنى قۇربان قىلىشنى تەقەززا قىلمايتتى. بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر تەڭسىزلىك ھېسابلىناتتى. شۇڭا بۇ ناچار ئىللەت ئۇزۇن داۋاملىشالماي قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىللەت تابغاچلاردا 6 - ئەسىرگە قەدەر مەلۇم دەرىجىدە داۋام قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇيغۇرلاردا ۋە ھازار رايونى خەلقلىرىدە 8 - ئەسىرگە قەدەر داۋاملاشقان ئىدى. كېيىنكى چاغدا بۇ قائىدىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، يەنە بىر دۇنيادا ۋاپات بولغۇچىغا ھەمراھ بولۇشى لازىم، دەپ قارالغان ئايالىدىن باشقا خىزمەتكارلار، ئات - ئۇلاغلار ۋە كېرەكلىك بارلىق نەسىلەر كۆيدۈرۈلىدىغان ياكى يەرگە كۆمۈلىدىغان بولدى. 
بۇ يەردە «ئەجىبا ئايالنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئۆنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىنى پىدا قىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشامتى - قانداق؟» دېگەن بىر سوئال كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تۇل ئايالنىڭ يولدىشى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىشى، پەرزەنتلەرنىڭ ئانىغا بولغان مۇھەببىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىش. ھەرقانداق بىر كۆيۈمچان ئوغۇلنىڭ ئۆز ئانىسى قۇربان قىلىنىۋاتقان بىر مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ ئادەت ئىنتايىن تېزلا ئەمەلدىن قالغان ئىدى. دەدە قورقۇتمۇ بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ، قۇربان بولغۇچى ئايالنى ئـۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى پىداكارلىقىنى نامايان قىلغان شەكىلدە كۆرسىتىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى تارتقان ۋە كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ - ئادەتلەر ئارىسىدا تۇل قالغان ئايالنى ئەرنىڭ ئائىلىسىدىكى بىرەر يېقىن تۇغقان بىلەن ياكى ئەرنىڭ قېرىندىشى بىلەن ئويلەندۈرۈش ئادىتى ئىدى. ئايال كىشى دادىنىڭ مال - مۈلكىنىڭ قوغدۇغۇچىسى بولغانلىقى يۈزسىدىن، تاكى ئۆلۈپ ئۆز بولدىشى بىلەن ئۇ دۇنيادا ئۇچراشقانغا قەدەر ئائىلىنىڭ مال - مۈلكىنى ئائىلىدە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن "ئوت لىگىن" (يەنى يالقۇن شەھزادىسى) دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ كېچىك ئوغۇل بىلەن توي قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولغان ئىدى. بۇ خىل قايتىدىن نىكاھلىنىش ئۇسۇللىرى نۇرغۇنلىغان ماتېرياللار ئاساسىدا ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئاساسەن دېگۈەك ھازار رايونىدا، تابغاچلار، ئوغۇزلار ۋە باشقا قەۋملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ھەتتا بۇ خىل قائىدىلەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرگە قەدەر سىبېرىيەدە ساقلىنىپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.
       ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۈرك ئاياللىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمىزدا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا، قەدىمقىي ئاقسۆكەڭ تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ھاراق - شاراپ سورۇنلىرى ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقى ئىدى، ئۇلار ھەتتا ھاراق - شاراپ مۇراسىملىرىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى يولغا قويالايتتى. تېمۇرلەڭنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ھاراققا بەكرەك مايىللىقى ھەممىگە مەلۇم. ئەمما ھاراق ئىچىش ياخشى كۆرۈلگىنى بىلەن قالايمىقان ئىچىشكە بولمايتتى. ئىگلىشىمىزچە، ھاراق قەدەھى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھۆكۈمدارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىناتتى. ھەتتا ھۆكۈمدارنىڭ مەڭگۈ شان - شۆھرەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ياسالغان ھەيكەللىرىمۇ (مەيلى قانداق ئادەتتىكىچە ياسالغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،) چوقۇم ئوڭ قولىدا بىر قەدەھ كۆتۈرۈپ تۇرغان ھالەتتە بولۇشى كېرەك ئىدى. 6 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەرگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ھەيكەل ئۆرنەكلىرىدە بۇ خىل سېمۋوللارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى، ئەينى چاغدىكى سەيياھلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدى. سەيياھ ئىبنى فادلانمۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ قولىدا ھاراق تولدۇرۇلغان بىر قەدەھ بىلەن دەپنە قىلىنىدىغان ئۆرپە - ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. تارىخىي ماتېرياللاردا بۈيۈك خاقانلارنىڭ سارايلىرىدىمۇ مېھمانلارغا ھاراق - سۇنۇلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
    7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى كاستىليالىق مەشھۇر سەيياھ كىلاۋىيو تېمۇرلەڭنىڭ چوڭ ئوغلى مىران شاھنىڭ ئايالى خانزادە تەرىپىدىن شەرىپگە بېرىلگەن قوبۇل قىلىش زىياپىتىگە قاتناشقان بولۇپ، كىلاۋىيونىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ مۇسۇلمان شاھزەدىنىڭ سارىيىدا خۇددى تېمۇرلەڭنىڭ سارىيىدىكىگە ئوخشاش ھاراق ئىچىپ، مەس بولغانلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.  ئەرەب سەيياھ ئىبنى بەتۇتەمۇ سىتەپ خەلقلىرىنىڭ قەدىمقى ئۆرپ - ئادەتلىرىدە ھاراق - شاراپ ئېچىش ۋە مەس بولۇش ئادىتى بارلىقىنى ھەمدە قەدىمقى تۈركلەردىمۇ بىراۋغا ھاراق سۇنۇشنىڭ ئەڭ كاتتا ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ نۇقتىنى خانزەدەنىڭ زىياپىتىگە قاتناشقان  كىلاۋىيو مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى:
«خانزادە ناھايىتى شانۇ - شەۋكەتلىك ھايات كەچۈرەتتى. ئەلچىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېگىلدى. ئۇمۇ ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇدۇلىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. خانزادەنىڭ يېنىدا ئاياللار، ئەرلەر ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار ئىدى. بىر بۇلۇڭدا مۇزىكانتلار مۇزىكا چېلىشقا باشلىدى. مۆيسىپىت، مۆتىۋەر بىر كىشى بىلەن تېمۇرلالەڭنىڭ ئائىلىسىدىن ئىككى ياش خانزادە ۋە باشقىلارغا قەدھلەرنى سۇنماقتا ئىدى. ئۇلار خانزادەنىڭ ئالدىغا يېقىن كېلىپ قەدەھنى سۇنۇش ئۈچۈن تېز چۆكتى. مانا بۇنىڭدىن تېمۇرلەڭ  ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان مۇراسىملاردىمۇ مۇشۇنداق قائىدىلەرنىڭ بارلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ»
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! ئىبنى بەتۇتە  1334 - يىلى كاما دەرياسىنىڭ بىر ئۇچى ھېسابلىنىدىغان كاۋكازنىڭ شىمالىدا ئۆرپ - ئادەتلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر ھاراق - شاراپ مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: 
«پادىشاھ ئىچىشنى خالىغان ھامان قىزى قەدەھنى قولىغا ئېلاتتى ۋە دادىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قەدەھنى دادىسىغا سۇناتتى. ئارقىدىن خانىشقا قەدەھ سۇناتتى. بۇ چاغدىمۇ خانىشقا ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىغا تىزلىنىپ سالام بەرگەندىن كېيىن ئاندىن قەدەھنى سۇناتتى.  سورۇندىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۆز مەرتىۋېلىرىگە كۆرە بىر - بىرىگە شۇنداق قەدەھ سۇنىشاتتى»
ئىبنى بەەتۇتەنىڭ بەرگەن بۇ مەلۇماتلىرىنى بويلىغان ھالدا قارايدىغان بولساق، بۇ يەردە ياش قىزنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ ئۆزگىچە ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا قەدىمقى تۈركلەردە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قەتئىي پەرەقلەنمەيدىغانلىقىنى ۋە پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىغىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6337
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 1445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2011-10-13