رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى:
دەرۋەقە، ئاتاتۈركنىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيە نىكاھ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلىشى گويا تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئازاتلىققا چىقىشى بولغان ۋە ئاياللارنىڭ ئىنساندەك مەدەنىي ھايات كەچۈرەلىشى ئۈچۈن باراۋەرلىك پىرىنسىپلىرى بەلگىلەپ چىقىلغان ئىدى. شىۋېتسارىيەدىن ئۆز پىتى كەچۈرۈپ ئېلىنغان بۇ قانۇن ئارقىلىق دەسلەپتە كىشى ۋە مال - مۇلۇك ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىققا چېتىشلىق ئايرىمچىلىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن قىز - ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق تەڭسىزلىك قالمىدى. قىز بىلەن ئوغۇل 18 ياشقا كىرگەن ھامان بويىغا يەتكەن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ۋە شۇ چاغدىن باشلاپلا تۇلۇق ئىختىيارلىقى بىلەن نىكاھ قانۇنىدىكى ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. ھەتتا 15 ياشقا كىرگەن بالا ئۈچۈنمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان شەكىلدە سوت ۋە سودىيەنىڭ قارارى ئارقىلىق بويىغا يەتكەنلىك قارارى چىقىرىشقا بولىدىغان بولدى. نۇرغۇن غەرب ئەللىرىدىكى قانۇنلارنىڭ دەل ئەكسىچە بۇ قائىدە توي قىلماقچى بولغان ئاياللارغا قارىتىلغان ئىدى. چۈنكى ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆيلىنىش ھەر قانداق كىشىنى بالاغەتكە يەتكۈزىدىغان ئامىل ھېسابلىناتتى. شۇڭا توي قىلماقچى بولغانلار كېچىك تۇرۇپمۇ بۇ مەدەنىي ھەق - ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.
دەسلەپكى قانۇندا قىز - ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن دادىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىقى ئاخىرلىشاتتى. بۇ پىرىنسىپ نىرۋا كېسىلى بولغان باللىلاردىن باشقا بارلىق ئوغۇللارنىڭ بالاغاتكە يەتكەندىن تارتىپ تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇراتتى. 18 ياشقا كىرگەن بالىلار پىرىنسىپ جەھەتتىن "بالاغەتكە يەتكەن" دەپ قوبۇل قىلىناتتى بىراق تاكى توي قىلمىغۇچە يەنىلا دادىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىز بۇ ئىشنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ چىققان ئىدى. ھەتتا تۇل قالغان ئايالمۇ دادىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولاتتى. قىزلار پەقەت ئۆيلەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن دادىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن چىققان ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، ئىسلام قانۇنىمۇ قىز - ئوغۇلنىڭ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن توي قىلالايدىغالىقىنى بەلگىلەش ئارقىلىق قىز بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىكنى يولغا قويغان ئىدى.
تۈركىيە نىكاھ قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى قەتئىي بىر شەكىلدە مەنئىي قىلىندى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر خوتۇنلۇق بولۇش ھەق - ھوقۇقى قوغدىلىنىپ، ئائىلە بىرلىكىنىڭ تۇلۇقلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان شەرتلەر بەلگىلەپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قانداقتۇر ئىككى ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇسىي كېلىشىم ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ئەنئەنىۋىي بىر پائالىيەتكە ئايلاندى. قانۇنلۇق توي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توي قىلىش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلار تىزىملىكىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان تاختىسىغا چىقىرىلىشى لازىملىقىدىن باشقا يەنە، شەھەرلەردە شەھەر باشلىقىنىڭ ياكى مەخسۇس ھوقۇقلۇق بىرەر ۋەكىلنىڭ نىكاھ ئۈستىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى، يېزىلاردا يېزا باشلىقىنىڭ شاھىد بولۇشى، بەزى ئەھۋاللاردا توي قىلغان جۇپلارنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىگىچە بېرىشى رەسمىي بەلگىلىمىگە كىرگۈزۈلدى. بۇلارنىڭ شاھىتلىقى ئاستىدا قىلىنمىغان توي قانۇنلۇق توي ھېسابلانمايدىغان بولدى. دېمەك يېڭى قانۇن پەقەت قانۇنلۇق نىكاھنىلا ئېتىراپ قىلاتتى. ئەگەر كىشى دىنىي نىكاھ قىلىشنى خالىسا، بۇنى قانۇنلۇق نىكاھ تاماملانغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىشقا بولاتتى. بۇ دىنىي نىكاھنىڭ قانۇن ئالدىدا ھېچ قانداق قىممىتى يوقلۇقىنى كۆرسىتەتتى. بېسىم، تەھدىت بىلەن توي قىلىنغان بولسا، ئايال ياكى ئەر قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىش يولى ئارقىلىق نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلايتى.
بۇ يەردە ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك 1917 يىللىق قانۇنى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئوسمانلى قانۇنىدا مەجبۇرلاش يولى بىلەن ئېلىنغان رازىلىق ئاساسىدىكى ھەرقانداق توي ئىناۋەتسىز ھېسابلىناتتى. بۇ پەقەت بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىغا بولغان ھۆرمىتىدىن پەيدا بولغان قورقۇنچ، بېسىم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىناتتى. يېڭى قانۇن بولسا، ئوسمانلىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ئىدى. يېڭى تۈركىيە نىكاھ قانۇنى شىۋېتسارىيە قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوسمانلى قانۇنىدىكى توي قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك شەرتلەرنى ئۆز پىتى ساقلاپ قالدى. سوتچىنىڭ مەخسۇس توي رۇخسىتى بېرىشتىكى ياش ئۆلچىمى تارايتىلدى. باشقا نۇرغۇنلىغان شەرتلەر بىلەن بىرلىكتە توي قىلىشتىكى ياش چېكى 15 ياش بولۇپ بەلگىلەندى. بىراق 1938 - يىلى چىققان يەنە بىر بەلگىلىمىدە ياش ئۆلچىمى ئۆزگەرتىلىپ، قىز ئۈچۈن 15 ياش ئوغۇل ئۈچۈن 17 ياش بولۇپ بەلگىلەندى. ئالاھىدە شارائىتلاردا سوتچىنىڭ مەخسۇس قارارى بىلەن قىزلارنىڭ 14 يېشىدا توي قىلىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەپ چېقىلدى. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئاتا - ئانىسىنىڭ ياكى ئېغىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ توي قىلىشقا رۇخسەت بېرىلمەيدىغان بولدى.
شۇنىسى مەلۇمكى، بۇ قانۇن ئوسمانلى ئائىلە تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان ھالدا، قىزلارنىڭ ئىنتايىن كېچىك ياشتا توي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە ئاتا - ئانىنىڭ بېسىمى بىلەن توي قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئاياللارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان ناچار ئىش ئىكەنلىكى تەنزىمات دەۋرىدىن تارتىپلا ئەيىبلىنىشكە باشلانغان بولۇپ، يۇقىرىقى قانۇن بىلەن بۇ ئىجتىمائىي جاراھەتكە رەسمىي مەلھەم بېسىلغان بولدى.
قەدىمقى قانۇندا توي ئىشى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ شاھىتلىقى بىلەنلا تاماملىناتتى ھەمدە بۇ ئىككى شاھىت مۇسۇلمان، غۇرۇرلۇق، ساغلام روھقا ئىگە ئەر كىشى بولۇشى شەرت ئىدى. بۇ ئەر شاھىتلارنىڭ بىرىنىڭ ئورنىغا (قورئان كەرىمنىڭ ئايىتىنىڭ روھى بويىچە) ئىككى ئايال شاھىت بولسىمۇ بولىۋېرەتتى. بىراق تۆت ئايالنىڭ شاھىتلىقى بىلەن قىلىنغان نىكاھ ھەرگىزمۇ ئىناۋەتلىك نىكاھ ھېسابلانمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكاھنىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىسلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 2 چەكلىمىنىڭ ھېچ بىرىگە خىلاپ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. يېقىن تۇغقانلىق ۋە ئىمىلدەشلىك دېگەنگە ئوخشاش داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چەكلىمىلەردىن باشقا يەنە ۋاقىتلىق توسالغۇلارمۇ بار ئىدى. ئوسمانلىنىڭ 1917 - يىللىق ئائىلە قانۇنىدا شاھىتلارغا ئالاقىدار شەرتلەر قەتئىي ئۆزگەرتىلمىگەن ئىدى. بىراق كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىدە، ئەر يەنە باشقا ئايال بىلەن نىكاھلانماقچى بولغاندا كونا ئايالنىڭ بۇ توينى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بولاتتى.
يېڭى تۈركىيە نىكاھ قانۇنىغا كەلسەك، ئۇنىڭدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاشلا شاھىتلىق قىلالايدىغانلىقى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، چەكلىمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلارمۇ قايتىدىن رەتكە سېلىپ چىقىلدى. تۈركىيە نىكاھ قانۇنى توسالغۇلارغا دائىر ھۆكمىنى 92 - ماددىدا بايان قىلىدۇ. بۇ ماددىغا كۆرە، يېقىن تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا ۋە ئايالنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدا بېقىۋىلىش يولى ئارقىلىق بالا قىلىۋېلىنغان بالىلاردىن بىرەرسى بىلەن يەنە بىر تەرەپنىڭ يولدىشى ياكى ئايالىنىڭ نىكاھلىنىشى مەنئىي قىلىندى. بەلگىلىمىنىڭ تۇنجى سۆزىدە، ئىمىلدەشلىككە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە ساقلاپ قىلىنغان بولۇپ، ئىمىلدەشلىكى بولغانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى چەكلەندى. مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر ئەر بىلەن توي قىلىشى چەكلىنىدىغان ماددىغا ئەينى چاغدىكى ئەدلىيە مىنىستىرى قارشى چىقىپ، ئاخىرى ئۇتۇق قازاندى. شۇنداق قىلىپ ئاياللارغا خاس ياكى ئاياللارغا بىۋەستە مۇناسىۋەتلىك بولغان چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولدى. مۇسۇلمان قىزنىڭ باشقا دىندىكى ئەر بىلەن توي قىلىشى تۇنجى بولۇپ، 1927 - يىلى ئاپرېلدا ئاستۇنبۇلدىكى سابىق بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قىزى بىلەن كاتولىك بىر ئىتالىيان ئىنژىنىرىنىڭ توي قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولدى.
1917 - يىلىدىكى ئوسمانلى قانۇنىدا ئايال كىشىنىڭ ئىلگىرى توي قىلغانلىقى، يېڭىدىن توي قىلىشىغا توسالغۇ بولاتتى. بىراق ئەرلەرگە نىسبەتەن تۆت خوتۇنلۇق بولغاندىلا ئاندىن قايتا توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. يېڭى تۈركىيە نىكاھ قانۇنى بۇنىڭغا تۈپتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىكنى پەيدا قىلدى. يېڭى قانۇندا «ئەگەر ھەرقانداق كىشى يېڭىدىن توي قىلماقچى بولسا، ئۆلۈم سەۋەبى ياكى ئاجرىشىش، ياكى ئائىلە بۇزۇلۇش سەۋەبلىرى بىلەن ئالدىنقى ئايالى ياكى يولدىشىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىسپاتلىشى لازىم. ئايال ياكى ئەر ھەرقانداق بىرىنىڭ نىكاھلىق تۇرۇپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغانلىقى ئۇنىڭ تويىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەلىل ھېسابلىنىدۇ» دېگەن پىرىنسىپ بەلگىلەندى. بۇ ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بۇيان ئەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالغان قارارى بىلەنلا ئايالىدىن ئاجرىشىش ئارقىلىق ئاياللارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسى بولغان بۇ ئايرىمچىلىق ئەمەلدىن قالغان بولدى. قانۇندا يەنە ئاياللارغا خاس بىر نىكاھلىق بولۇش چەكلىمىسى، تۇللۇق مەزگىلىدە مۇئەييەن مۇددەتكىچە كۈتۈش ۋاقتى بەلىگلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىشمۇ قانۇن - ئىنتىزام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان چەكلىمىلەر سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىندى.