بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-09-17 20:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ناۋادا مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقى ئىسلام روھى بولسا ئىدى ،، ماۋۇ دىموكراتىيەنى يەتكۇزۇش ، كىڭەيتىش دىگەن گەپلەرنى دىنسىز دولەتلەر قىلىشتىن ئۇيالغان بولاتتى ، ۋە ئوز مەقسىتىنى شۇ سوز بىلەن ياپسىمۇ چېنىپ قالاتتى ،، ئەمما دىموكراتىيە بىزدىن شۇنچە مەنزىل يىراقتا قالدىكى دىن دۇشمەنلىرى ھەم مەيدىنى كىرىپ تۇرۇپ ساڭا دىموكراتىيە ئەكىۋاتىمىز دەپ ئوز تەسىر دائىرىسىنى قوشۇپ كىرگۇزمەكتە ،، 1400 يۇز يىل ئىلگىرى بىر ساھابەھەزرىتى بىلالدەك بىر نىگىر قۇلنى قارا خوتوننىڭ بالىسى دەپ تىللىغانغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق كايىپ «مەن ئېلىپ كەلگەن يولدا ئاق خوتوننىڭ بالىسى قارا خوتوننىڭ بالىسىدىن ئەبزەل ئەمەس» دىگىنىدە ، ھىلىقى ساھابە قىلغانلىرىغا پۇشمان قىلىپ يۇزىنى يەرگە قويۇپ «بىلال يۇزۇمگە دەسسىمىگىچە ئورنۇمدىن تۇرمايمەن » يەنى كەچۇرۇم تىلىگەن ،، بۇ چاغلاردا دۇنيانىڭ باشقا يىرىدە ئەڭ دىموكراتىيەلەشكەن يەرلەردىمۇ بۇنچىلىك دىموكراتىيەنى تېپىش ئەمەس ، قىياس قىلغىلىمۇ بولمايتى ،، ھەتتا بىر قۇلدار ئولسە نەچچە ئون قۇلنى قوشۇپ كومىدىغان قۇلدارلىقتىن چىقىپ بولالمىغان يەرلەرمۇ بار ئىدى ،، ئەمما شۇ دەۋىردىن كىيىنكى بۇ ئىسلامنىڭ روھىيدىن قورۇق قېلىش نەتىجىسىدە تارىختىن بۇيان شەكىل تۇسىنى ئالغان ، ئاتىدىن بالىغا قالىدىغان ، يەنى ھەقىقى ئىسلام روھىينى بوغىدىغان تۇزۇم نەتىجىسىدە بىز بۇ روھىي بۇيرۇقلارنى ئۇنتىدۇق ،، بىز قورئان ھەدىسكە قارىماستىن دۇنياغا قاراپلا ھە ئىسلامدىگەن شۇكەن دىدۇق ،، دىموكراتىيە دىسە ئامرىكا يادىمىزغا يىتىدىغان ھالەتكە كىپ قالدۇق ،، دىمىسىمۇ ھازىرقى ھالەتلەر بىزنى ئامالسىز شۇ ئويغا كەلتۇرەتتى ،،، ئەمما شۇنى ئۇنۇتمايلىكى ، ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارنى ئەسلى خەققە ھەۋەس قىلىدىغان دەرىجىدە قويغان ئەمەس ، باراۋەرلىكنى، باشقا ئىنسانلار چۇشىدە ئويلىيالمايدىغان دەۋىرلەردە ئوز پەيغەمبىرى ئارقىلىق بىزگە بىلدۇرگەن ،، كوپلىگەن گۇناھنىڭ كاپارىتى ھەققىدە سورالغاندا ، قولنى ئازات قىلىش دەپ جاۋاپ بىرىلگەن ،،ئەينى جاھان شارائىتىنى ئويلاپ تۇرۇپ ، ئادىل باھا بىرىپ باقايلى ،،،
بىز يولدىن شۇنچىلىك يىراقلاشتۇقكى ، ئاخىرى بېرىپ ئازغۇن يوللاردىكىلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان ھالغا كىلىپ قالدۇق ،،
يۇرەكتىكى گەپنى قىلسام غەرىپ دىموكراتىيىسىگە مەنمۇ قايىلمەن ،، ھازىر ھەقىقەتەن بىز قۇرئان ھەدىستىن بىخۋەر قالغاچ ئۇلار بىزدىن كوپ ئالدىدا كەتتى ،، ئامال قانچە ؟؟ بۇ يەردە خەقنى تىللىغاندىن كورە ، بىز نىمىنى يوقاتتۇق ؟ شۇ ھەققىدە بەس قىلغىنىمىزدە كوپ ياخشى بولاتتى ،،
