ئاللاھ نەدە؟
س: ئاللاھ نەدە؟ دېگەن سۇئالغا: "ئاللاھ ھەممە يەردە مەۋجۇد " ياكى "ئاللاھ دىلىمدا بار"، دەپ جاۋاب بېرىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ج: بۇنداق جاۋاپ بېرىش خاتادۇر. ئاللاھ نەدە؟ دەپ سورالسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ نەدە؟ دەپ سورىغان ئايالنىڭ: ئاللاھ ئاسماندا، دەپ جاۋاب بەرگىنىدەك، ئاللاھ ئاسماندا، دەپ كەسكىن ۋە ئۇچۇق جاۋاب بېرىش لازىم. ئەمما يۇقىرىدىكىدەك، جاۋاب بېرىش سۇئالغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق بولىدۇ. ئەمما "ئاللاھ ھەممە يەردە بار" دەپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ زاتىنى ئىرادە قىلىش كۇفرىدۇر. چۈنكى بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دەلىللەرنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغانلىق بولىدۇ. (بەزىلەردىن ئاللاھ نەدە؟ دەپ سورالسا، خاتا سۇئال سورالغاندەك، ھەيران قالىدۇ ۋە خاپا بولىدۇ ياكى سۇئال سورىغۇچىنىڭ ئىمانىدىن شەكلىنىدۇ. بۇ پەقەت مۇتەئەسسىپلىك ياكى بىلىمسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئايەت ۋە ھەدىسلەدە ئاللاھنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكىگە ئۇچۇق دالالەت قىلىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر تۇرسا، يەنە گەپ يوغۇرلىتىپ كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا شەك پەيدا قىلغاننىڭ نېمە بايدىسى؟ - تەرجىماندىن).
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن
sjrt.orgدىن ئېلىندى.
ئاللاھ نەدە؟
ئاپتورى: دوكتور خالىد ئەبۇ شادى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى
زامانەم بۇ دېمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دېگىن دائىم: رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە...
قۇرئان كەرىم جىلۋىسىدىن ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇ بىلمەمدۇ؟}، (ئەلەق سۈرىسى 14-ئايەت).
كىتاپچە:
ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قاراپ، ئادەملەردىن يوشۇرۇن ئىشلارنى قىلماقچى بولسىمۇ، ئاللاھتىن يوشۇرالايدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئاللاھقا خۇددى كۆز ئالدىلىرىدا تۇرغاندەك سەمىمى ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقى يۇسۇندا قورقۇش يولىغا يۈزلىنەر دېگەن ئۈمۈدتە تۆھپە قىلىندى.
كىتاپچىنىڭ مەزمۇنى:
* قەدىرلىك دوستۇم، دەۋزەخ ئوتىدىن ساقلىنىڭ!
* بۇرادىرىم، ئاللاھتىن ھەقىقى ھايا قىلىڭ!
* ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ نادىر ئۈلگىلىرى.
* ھايا قىلىشنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك.
* ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدىكى قىممىتىڭ قانچىلىك؟
ھايا قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى
1- ئۆزەڭدىن
ئاللاھ ساڭا نەدە بولۇشۇڭدىن قەتئىنەزەر سېنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا دەۋزەخ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزەڭگە گۇۋاھ بولىدىغان كۈزەتچى قىلىپ ياراتقان ئۆز قۇلىقىڭ، كۆزۈڭ ۋە تىرەڭدىن ھايا قىلغىن.
ئاللاھ تائالا دەيدۇ: {ئۇلار دۇزاخقا كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ}، (فۇسسىلەت سۈرىسى، 20-ئايەت).
رەسۇلۇللاھمۇ دەل مۇشۇ تۈپەيلى كۈلۈپ تاشلىغان ئىدى، ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنداق بايان قىلغان: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا تۇراتتۇق، ئۇ كۈلۈپ تاشلاپ: ‹نېمىگە كۈلگىنىمنى بىلدىڭلارمۇ؟› دەپ سورىدى، بىز : ‹ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر!› دەپ جاۋاپ بەردۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ‹ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىسىگە قىلىدىغان سۆزىگە كۈلىۋاتىمەن، بەندە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زۇلۇمدىن ساقلايتتىڭغۇ؟› ئاللاھ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ‹شۇنداق!› دەيدۇ، ئاندىن بەندە ئۇنىڭغا: ‹ئۇنداقتا مەن ئۆزەمگە ئۆزەمدىن باشقا گۇۋاھچى بولىشىغا ئۇنىمايمەن›. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ئاندىن ئاللاھ ئۇ بەندىنىڭ ئاغزىنى پىچەتلىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىغا: ‹سۆزلە› دەيدۇ، ئەزالىرى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەپ چىقىدۇ... ئاندىن ئاللاھ بەندىسىنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇ چاغدا بەندە ئۆز ئەزالىرىغا كايىپ: ‹سىلەردىن جاق تويدۇم! مەن دەل سىلەر ئۈچۈن جاپا چەككەنتىمغۇ!› دەيدۇ...» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالادىن ۋە ئاخىرەت كۈنىنىڭ تەييارلىقىدىن يۈز ئۆرىگەنلەرگە، دۇزاخ ئەھلىگە ھېساپ كۈنى ئاللاھ مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: {سىلەر-دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ ئۆز زېيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار - يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى ئەزالىرىڭلارنىڭ ئۆز زېيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى ‹ئاللاھ بىلمەيدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار}، (فۇسسىلەت سۈرىسى، 22- ئايەت).
دۇردانە
شاملىق ئابدۇللاھ بىننى ئابدۇللاھ مۇنداق بىر ئەقىل دۇردانىسى ئېيتقان:
ئۆتەر ئۆمۈر، كۆپىيەر گۇناھ،
خاتالىقلار تەكرار بى ئىسلاھ.
تانالماسسەن بىر گۇناھتىنمۇ،
ئەزالىرىڭ بولغانداگۇۋاھ!
قېرىماستىن ئۆتسەم دەر ئىنسان،
ئەجەپ! قىلماي ئۆلۈمدىن ئاگاھ!
ھايا قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى
2-مەخلۇقاتلاردىن
چۈنكى، بارلىق مەخلۇقاتلار - ھاياتلىقلار، جانسىزلار، ئىنسى-جىنلار، مالائىكىلەر، تاغۇ-دەريالار، زېمىن ۋە ئوكيانلار ھەممىسى ھېچ بىر توختاپ قالماستىن ئاللاھنى يادلاپ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەق دېگەنكى: {كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيلەپ تۇرىدۇ، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيسىنى سەزمەيسىلەر}، (ئىسرا سۈرىسى، 44 - ئايەت).
رەسۇلۇللاھمۇ بىر ھەدىستە، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ھەتتا ئاسمانمۇ ئۇلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بىزگە مۇنداق بايان قىلغان ئىدى: «ئاسمان ھەقلىق رەۋىشتە غىچىرلاپ تۇردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاسماندىكى ھەر-بىر غېرىچ ئورۇندا ئاللاھنىڭ پاكلىقىنى مەدھىيلەپ سەجدە قىلىپ تۇرغان پەرىشتىنىڭ پىشانىسى بار».
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاكتۇر ئاسمان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سەجدە قىلىپ تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ جىقلىقىدىن ۋە ئېغىرلىقىدىن غىچىرلاپ ئاۋاز چىقارماقتا! بەلكى، ئەقىل يەتمەيدىغان، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان مەخلۇقاتلار بار، ئاللاھ ئۇلارنى زىكرى-تەسبىھ ئۈچۈن ياراتقان. رەسۇلۇللاھ ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ قانداق زور ۋە قانداق چوڭ يارىتىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئەرش خادىملىرىدىن بولغان بىر خۇراز توغرىسىدا سۆزلەشكە ماڭا رۇخسەت قىلىندى، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى يەر تېگىدە، تاجىسى ئۈستىدە ئەرش تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلاق پۇپىكى بىلەن مۈرىسىنىڭ ئارلىقىنىڭ مۇساپىسى يەتتە يۈز يىل قۇش ئۇچقۇدەك كېلىدۇ، ئۇ پەرىشتە: ‹قارارگاھىڭدا پاكتۇرسەن› دەپ تۇرىدۇ».
سىزمۇ ئېيتىڭ: «سۇبھانەللاھ! ئاللاھ بۈيۈكتۇر! ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!» رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسىنى ھەر دائىم تەكرارلاڭ: «ھەر قانداق مەخلۇقات ئىنسان بالىسىغا قارىغاندا ئاللاھقا تېخىمۇ ئىتائەتچاندۇر!»
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر تابىئىنلاردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋن ئەلمىسرى ئاڭلاپ، دەرھال مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆزى مىنگەن ئۇلىغى، كەيگەن كېيىمىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا ئاللاھقا تېخىمۇ كۆپ زىكرى ئېيتىدىغانلىقىدىن ئۇيالمامدىغاندۇ؟»
سۆيۈملۈك قېرىندىشىم! دوزاختا كۆيمەسلىك ئۈچۈن، مەن شۇنداق دەپ سەندىن سوراپ باقاي:
ئويلاپ كۆر، ئادىشىپ قايسى بىر يۇلتۇز،
توپىدىن ئايرىلسا مەقسەتكە خىلاپ،
ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چەتنىگەن ھامان،
ۋەيران بوپ، يۈكسەكتىن چۈشىدۇ غۇلاپ،
گۇناھكار ئاسىيلار ئىبرىتى ئۈچۈن،
ئۆرتىلىپ بوشلۇقتا بولىدۇ خاراب!
ھاياتىڭ قۇرۇلغان ھەق دىن ئۈستىگە،
شەرىئەت-ئوربىتاڭ، ئىچىدە ساۋاب.
كائىنات گۈلتاجى، بۇرچۇڭ قالدۇرۇپ،
كېتەمسەن زالالەت يولىغا قاراپ؟!
قېرىندىشىم! خۇددى يۇلتۇز ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ئوربىتىنى تەرك قىلسا ئۆرتۈلۈپ كۆيۈپ كەتكەندەك، ئىنسانمۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئوربىتىسىدىن، ئاللاھقا بويسۇنۇش يولىدىن چىقىپ كەتسە ئۆرتىلىپ كۆيىدۇ! دۇنيادا كۆيمەستىن، دۇزاختا كۆيىدۇ! شۇڭا ئاللاھ يولىدىن بۇرۇلۇپ كەتمە، ئوربىتىدىن بۇرۇلۇپ كەتمە، ئۆز بۇرچۇڭ بىلەن قارشىلاشما! شۇندىلا دۇزاخ ئوتىدا كۆيۈشتىن ساقلىنالايسەن!
ھايا قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
3- مالائىكىلەردىن
چوڭ-كىچىك قىلمىشلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى كۈزىتىپ-خاتىرلەپ،ئۇلارنى ئاللاھ قا مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغان،ئىشلىرىڭنى تەقىپ قىلىپ،نەپەسلىرىڭنىمۇساناپ تۇرىدىغان سېنى قوغداۋاتقان ئىككى پەرىشتىدىن ھايا قىلغىن!
ئۇ ئىككىسى غەپلەتتە قالماستىن، ئۇخلاپ قالماستىن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار گۇناھنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ، بەلكى نېمىگە بۇيرۇلغان بولسا شۇنى قىلىدۇ، سېنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرىڭغا گۇۋاھ بولىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلساڭ سەن بىلەن بىر سەپتە تۇرسا، گۇناھ قىلساڭ ساڭا قارشى سەپتە تۇرىدۇ، ئاللاھ تەئالا بىزگە ئېيتقان شۇ كۈندە، ئۇلار گۇۋاھلىقنى ئادا قىلىپ ئامانەتنى تاپشۇرۇشقا تەييار: {كىشىلەرنىڭ نامە ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ئەمالغا چوڭ-كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ}، (كەھف سۈرىسى، 49-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
ئىبنى ئابباس مۇنداق تەپسىر قىلغان: «بۇ ئايەتتىكى كىچىكى تەبەسسۇمنى، چوڭى كۈلكىنى كۆرسىتىدۇ»...
شۇڭلاشقا مۇجاھىد ساڭا كۆيۈنۈپ، چىن قەلبىدىن مۇنداق نەسىھەت قىلغان: «كىشىلەر مەزكۇر ئايەتتىكى خاتىرلەشتىن چۆچۈگەن، ھالبۇكى زۇلۈمدىن چۆچۈمىگەن، شۇڭا ئۇشاق-چۈششەك گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇششاق گۇناھلار يىغىلىپ ئېگىسىنى ھالاك قىلىدۇ».
يوشۇرۇن قىلغانلار ناشايان قىلىق،
سىرىنى ساقلاشقا قىلالماس ئامال،
مۇمكىنمۇ يوشۇرۇش، ئىككى پەرىشتە-
يېنىدا شاھىد، ھەم رەببى زۇلجەلال؟!
ھىكمەت
مالىك ئىبنى دىنار مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئېشەكلىك بىر ئادەم دەريانىڭ يېنىدا كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئېشىگىدىن چۈشۈپ، ئاغزىدا بىرنى ئىسقىرتقان، شۇنىڭ بىلەن ياخشىلىق پۈتكۈچى پەرىشتە بىلەن يامانلىق پۈتكۈچى پەرىشتە تالىشىپ قالغان، يامانلىق پۈتكۈچى پەرىشتە: ‹ئۇ ئويناپ ئىسقىرتتى› دېسە، ياخشىلىق پۈتكۈچى پەرىشتە: ‹ئۇ ئېشىگىنى سۇغارماقچى› دەيتتى ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا بىر پەرىشتە ئارقىلىق مۇنداق بۇيرۇق يەتكۈزدى: ‹ئىسقىرتقىنىنى خاتىرلەڭلار، ئاللاھ ئۆزى چۈشىنىدۇ›».
گۇناھىڭ بولسىمۇ زەررىدەك يېنىك، مەقسەتلىك قىلدىڭمۇ، سۈرۈشتە باردۇر.
يامانلىق تاپارسەن يامانلىقىڭغا،
ئىزگۈلۈكلىرىڭگە ئۇتۇقلار باردۇر،
بۇ مەنا بايانى ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ،
سۈرەئى"زىلزال"دا بەر قاراردۇر.
قېرىندىشىم! شۇنداقلا:
4- قەۋمىڭدىكى ياخشى كىشىلەردىن ھايا قىلغىن!
چۈنكى، رەسۇلىمىز ئېيتقانكى: «خۇددى قەۋمىڭ ئىچىدىكى سالىھ كىشىلەردىن ھايا قىلغىنىڭدەك، ئاللاھتىن ھايا قىلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن».
قېرىندىشىم ماڭا چىن سۆزۈڭنى ئېيتىپ باققىن، ئەگەر ئۆز تۇققانلىرىڭ ئارىسىدىن بىر سالىھ كىشى ئۆيۈڭگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ سېنى زىيارەت قىلسا، ئاندىن سېنى ئۆزى بىلەن بىللە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇسا، ئەگەر سەن بىناماز ئادەم بولغىنىڭدا، ھالىڭ قانداق بولار ئىدى؟ ياكى ئۇ تۇققىنىڭ سېنى قۇرئان ئوقۇشقا تەكلىپ قىلسا، قاراپ كۆرگەندە، ئۆيۈڭدىكى قۇرئان كەرىمنى توپا بېسىپ ياتقان، ئۇنى ئۆتكەن يىلقى رامىزان ئايلىرىدىن بېرى سۈرتۈپ قويۇشقا يارىمىغان بولساڭ؛ ياكى ئۇ ساڭا ئەڭ يېقىن مەسجىدنى كۆرسۈتۈپ قوي دېسە، ھالبۇكى، سەن ياستۇقىڭنى قىرلاپ ئۆيدىن چىقمايدىغان، پەقەت ئۆيۈڭدىلا ناماز ئوقۇيدىغان ھورۇن ئادەم بولغان بولساڭ...بۇنداقتا قانداق ئەھۋالدا قالار ئىدىڭ؟! قانداق ئىنكاس قايتۇرار ئىدىڭ؟!!
چوقۇمكى، سەن ئۇ كىشىدىن ھايا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزمەسلىكىڭ ۋە ئۆز ئەيبىڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيسەن، قۇرئان ئوقۇيسەن ياكى مەسجىدكە يۈگرەيسەن... ئۇنداقتا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۇنداق خىجالەت ھېسلىرى يوقمۇ؟!
قېرىندىشىم! فەرقەد ئەل سەنگى تەسۋىرلىگەن مۇناپىقتەك بولۇپ قېلىشتىن ساقلان: «مۇناپىق كۈزىتىپ تۇرار؛ بىرەرسى كۆرۈنمىسىلا يامانلىق ئىشكلىرىگە ئۆزىنى ئۇرار، ئۇ ئادەملەرنىلا كۆزدە تۇتار، ئاللاھ نى كۆزدە تۇتماس».
5. ھەقىقى ھايا - ئاللاھ تىن ھايا قىلىشتۇر!
قېرىندىشىم! ئاللاھتىن ھايا قىلغىنكى، {ئۇ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەركەتلىرىڭنى (سەجدە، رۇكۇ، قىياملىرىڭنى) كۆرۈپ تۇرىدۇ}، (شۇئەرا سۈرىسى، 218 - 219 - ئايەتلەر. بىلمەمسىلەركى، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: {كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە قەلبلەردىكى يوشۇرۇن سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ}، (غافىر سۈرىسى، 19 - ئايەت).
ئاللاھ كېچە-كۈندۈز دېمەي يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا بارلىق ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، {سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە}، (ھەدىد سۈرىسى، 4 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
زالالەتكە چۆكۈپ، گۇناھلارغا غەرق بولغان ئاشۇنداق بىرى، {ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟}، (ئەلەق سۈرىسى، 14 - ئايەت).
قىلمىشىڭلارنى ئاللاھ بىلمەي قالىدۇ دەپ ئويلىماڭلار! قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ئاللاھ كۆرمەي قالىدۇ، دېگەن گۇماندا بولماڭلار! {ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزەتكۈچىدۇر}. نىسا سۈرىسى، 1 - ئايەت.
بەلكى ئاللاھ ئۆزى توغرىسىدا: {ھەر-بىر كىشىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆزىتىپ، ئۈستىدە تۇرغۇچى}، (رەئد سۈرىسى، 32 - ئايەت) دېگەن ...
ھەر-بىر كىشىنىڭ ئارىسىدا سەنمۇ بارسەن، ئوقۇرمەن بۇرادەر!
ھۇمەيد ئەتتەۋىل دېگەن ئالىم سۇلايمان ئىبنى ئەلىگە مۇنداق سۆز قىلغان: «ئەگەر ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ھالدا، خىلۋەتتە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولساڭ، ھەقىقەتەن زور جىنايەتكە جۈرئەت قىلغان بولىسەن؛ ئەگەردە ئاللاھ كۆرمەيدۇ دەپ ئويىلغان بولساڭ، ئېنىق كاپىر بولغىنىڭ شۇ!».
ھەي بۇرادەر!...
ئەبۇل فەرەج ئىبنى جەۋزى مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھ! ئاللاھ! ئاللاھ! ئۇ سەن مەۋجۇد بولماستىلا سەن تەرەپتە تۇرغان، يەنى سېنىڭ يارىتىلىشىڭنى ھىمايە قىلىپ، پەرىشتىلەرگە: {مەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلمەن} دېگەن، (بەقەر سۈرىسى، 30 - ئايەت).
سېنىڭ ئاز-پاز ئەمىلىڭنى كۆپكە ساناپ: {ئاللاھ كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەر ۋە ئاياللار}، (ئەھزاب سۈرىسى، 34 - ئايەت، دەپ تەرىپلىگەن).
سېنىڭ ئەسلى ئاتا-ئاناڭنىڭ خاتالىقىنىڭ ئۆزرىسىنى ساڭا كۆرسىتىپ: {(شەيتان) ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى}، (ئەئراف سۈرىسى، 21 - ئايەت) دېگەن ...
ئۇ سېنىڭ يارىماس قىلمىشلىرىڭنى: {ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟}، (ئىنفىتار سۈرىسى، 6 - ئايەت) لىباسىغا يۆگەپ، ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلدە سېنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ: {ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاپقا ئىگە بولىدۇ}. ( ئەنئام سۈرىسى، 159 - ئايەت) دېگەن... سەن يوق چاغدا سېنى ھىمايە قىلغان زات، سەن بار چاغدا سېنى ھەرگىز زىيانغا ئۇچراتماس... ئۇ خۇددى سېنى قالغان مەخلۇقاتلارنىڭ ئالدىدا قويغىنىدەك، سەنمۇ ئۇنى تەلەپلىرىگە قارىتا قەلبىڭدە بىرىنچى ئورۇنغا قويغىن!
نادىر ئۈلگىلەر
A . ئىبنى ئۆمەر بىلەن پادىچى:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە كېتىۋاتقان سەپىرىدە، ئارام ئېلىش ئۈچۈن يولنىڭ بىر يېرىدە توختىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىغا بىر پادىچى يېتىپ كەلدى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا ھەي پادىچى «ماڭا قويلىرىڭدىن بىرنى سېتىپ بەرگىن!» دېدى. پادىچى: «مەن قۇلمەن» دەپ جاۋاپ بەردى، ئابدۇللاھ: «خۇجايىنىڭغا بىر قوينى بۆرە يەپ كەتتى دېسەڭ بولمىدىمۇ؟» دىۋىدى، ئۇ: «ئاللاھ بارغۇ؟» دېدى، ئىبنى ئۆمەر يىغلاپ كەتتى، كېيىن ئۇ قۇلنىڭ ئېگىسىگە بېرىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلدى ۋە ئۇنىڭغا بىر توپ قوي سېتىۋېلىپ ئىنئام قىلدى...
كىمكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ھارامدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھالالنى ئاتا قىلىدۇ، بىر دانە قوي ئالدىدا ئىپپىتىنى ساقلىغان ئادەمنى ئاللاھ بىر توپ قويغا ئىگە قىلدى...
B. شەھۋەتلەرگە غالىپ كەلگەن ھايا:
مەدىنىلىكلەر ئارىسىدا بىر ياش يېگىت بار بولۇپ، بارلىق نامازلارغا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىلەن بىرگە ھازىر بولاتتى، بۇ يىگىت كۆرۈنمەي قالسا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى. مەدىنىلىكلەردىن بىر ئايال بۇ يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئايال ئۆز ئەھۋالىنى بەزى ئاياللارغا بايان قىلغاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلە ئىشلىتىپ ئۇ يىگىتنى سېنىڭ قېشىڭغا كىرگۈزۈپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.
ئۇ ھېلىگەر ئايال يىگىتنىڭ ئۆتىدىغان يولىدا ئولتۇردى، يىگىت يولدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۇنىڭغا: «مەن يېشىم چوڭىيىپ ئاجىزلاپ قالغان مومايمەن، بىر قويۇم بار ئىدى، ساغاي دېسەم ساغالمىدىم، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياردەم قىلغان بولساڭ» دېدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە ھېلىقى ئاشىق ئايال يىگىتتىن ئۆزىگە يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلدى، يىگىت ئۆزىنى قاچۇردى، يىگىت ئۇ ئايالنىڭ تەلىپىگە قەتئى ئۇنىمىغان چاغدا، ئايال ئاللا-چۇقان كۆتەردى ۋە كىشىلەر يىغىلدى.
ئۇ ئايال: «بۇ يىگىت ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ناشايەن ئىشقا زورلىدى» دەپ تۇرىۋالدى. كىشىلەر يىگىتكە ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى ھەمدە يىگىتنى باغلاپ ئۆمەر خەلىپىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى.
ئۆمەر ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا: «ئى ئاللاھ ئۇ توغرىسىدىكى ئويۇمنى يالغانغا چىقارمىغىن» دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ۋەقەنى بايان قىلدى. ئۆمەر يىگىتكە بۇرۇلۇپ: «ماڭا راست سۆزلىگىن» دېدى. يىگىت ھەقىقى ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. خەلىپە ئۆمەر: «ھېلىقى موماينى كۆرسەڭ تونۇمسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «تونۇيمەن» دېدى.
ئۆمەر ھېلىقى ئايالنىڭ خوشنىلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاياللارنى ئەكەلدۈرۈپ يىگىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى، ئۇ تونۇيالمايۋاتاتتى، ئاخىرى بىر موماي ئۆتكەن چاغدا، يىگىت دەرھال: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى مانا مۇشۇ شۇ» دېدى، ئۆمەر مۇبارەك دەررىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇ مۇمايغا: «ماڭا راست گەپ قىل» دەپ بۇيرۇدى، مۇماي ۋەقەنى يىگىتنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش بايان قىلدى، خەلىپە ئۆمەر: «ئارىمىزدا يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامدەك يىگىتلەرنى قىلغان ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن» دەپ توۋلىۋەتتى.
مۇبارەكنىڭ تويى مۇبارەك..
بۇ، ئىمام، ئىسلام پىشىۋاسى تەرىپلىك ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ دادىسى مۇبارەك توغرىسىدىكى گەپ. مۇبارەك ئەسلى خۇجايىنى ئازات قىلغان قۇل ئىدى. كېيىن ئۇ بىر باغدا ئىجارىكەش ئىشلەمچى بولغان ئىدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغنىڭ ئېگىسى بىر توپ دوستلىرى بىلەن بىللە باغقا كىرىپ قالدى ۋە مۇبارەككە: «ئوبدان تاتلىق ئاناردىن ئۈزۈپ ئەكەلگىن» دېدى. ئۇ بىر قانچە ئانارنى ئەكەلگەن ئىدى، ئاچچىق بولۇپ چىقتى، باغنىڭ ئېگىسى: «سەن تاتلىق ئانارنى ئاچچىقىدىن ئايرىپ تونۇيالمامسەن؟"دەپ سورىدى. ئۇ «سىز ماڭا تاتلىق-ئاچچىقىنى تونۇشقا ماڭا رۇخسەت قىلمىغان تۇرسىڭىز» دەپ جاۋاپ بەردى. باغنىڭ ئېگىسى: «سەن مۇنچە يىلدىن بىرى باققا قاراۋاتقان تۇرۇغلۇق مۇنداق دەيسەنغۇ؟» دېدى.
ھەمدە ئۇ ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، باغ قوشنىلىرىدىن سوراپ كۆردى. ئۇلار: «مۇبارەك بۇ يەردە ئىشلىگەندىن بېرى بىرەر دانە ئانارنى يەپ باقمىدى» دېيىشتى.
باغنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭغا: «مۇبارەك، سەن دەپ باققىن، مېنىڭ بىرلا قىزىم بار، ئۇنى كىمگە بېرىشىم كېرەك؟» دەپ سورىدى. مۇبارەك مۇنداق دېدى: «يەھۇدىلار پۇل-مال ئۈچۈن قىز بېرىدۇ، ناسارالار گۈزەللىك ئۈچۈن قىز بېرىدۇ، ئەرەپلەر ئەسلى-نەسەپ سۈرۈشتۈرۈپ قىز بېرىدۇ، مۇسۇلمانلار تەقۋالىق ئۈچۈن قىز بېرىدۇ، سىز قايسى تۈرگە كىرىسىز؟ قىزىڭىزنى ئۆز تۈرىڭىزدىكىلەرگە بېرىڭ».
باغنىڭ ئېگىسى: «سەندىنمۇ تەقۋادار ئادەم تېپىلارمۇ؟» دېدى ۋە كېيىن قىزىنى ئۇنىڭغا بەردى. دەل مۇشۇ قىزدىن مەشھۇر ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك تۇغۇلدى... {مۇنبەت يەرنىڭ گىياسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كۆركەم ئۆسىدۇ، ناچار يەرنىڭ گىياسى ناچار ئۆسىدۇ}، (ئەئراف سۈرىسى، 58-ئايەت).
ئۈچ توپلام
ھايالىق قېرىندىشىم! بىلگىنكى، قىلغان ھەر قانداق ئەمەلىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۈچ دەپتەر توپلىمى ئېچىلىدۇ: نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟ ئاللاھ ئۈچۈنمۇ، شەيتان ئۈچۈنمۇ؟ دىن ئۈچۈنمۇ؟ جەننەت ئۈچۈنمۇ، ياكى دوزاخ ئۈچۈنمۇ؟ مالائىكلەرنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ، ياكى خاپا قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئىبلىسقا دۈشمەنلىشىش ئۈچۈنمۇ، ياكى دوستلىشىش ئۈچۈنمۇ؟
ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن بولسا راۋان بولغىنى، باشقىلار ئۈچۈن بولغاندا كېچىككىنى.
قانداق قىلدىڭ؟ ئەگەر ئەمەللىرىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولسا، قانداق ئادا قىلىندى؟ قەلبىڭدىكى ھەقىقى نىيەت بىلەنمۇ، ياكى ۋىجدانىڭدىن سىرتمۇ؟
كىم ئۈچۈن قىلدىڭ؟ ئەمەلىڭدە ئاللاھنىڭ رىزالىقىنىلا كۆزلەپ چىن ئىخلاسىڭ بىلەن قىلدىڭمۇ؟ نىيىتىڭدە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىرى شېرىك بولدىمۇ يا؟ ئەمەلىڭ بىلەن رىيا قىلدىڭمۇ؟ باشقىلارغا داۋراڭ سېلىش ئۈچۈن بولدىمۇ؟!!
ھايالىق بۇرادىرىم! سەن مۆمىنسەن، مۆمىن دېگەن پۇختا، ئەستايىدىل بولىدۇ، ئىشەنچ بىلەن قەدەم باسىدۇ، ھەرگىز ناماز شام قارىغۇسىدەك قارىسىغا ئىش قىلمايدۇ.
ھايا قىلىشنى قانداق ئۈگىنىش كېرەك؟
ئاللاھنى تونۇشنى قانداق ۋايىغا يەتكۈزۈش لازىم؟
1- ئىنتايىن ئاسان ئۇسۇل:
سەھل ئىبنى ئابدۇللا تەسەتتۇرى مۇنداق دېگەن: «ئۈچ ياش ۋاقتىمدا كېچىلىرى تۇرۇپ ئىبادەت قىلاتتىم، تاغام مۇھەممەد ئىبنى سىۋارنىڭ ئوقۇغان نامازلىرىغا قارايتىم، بىر كۈنى مەندىن: «سېنى ياراتقان ئاللاھنى زىكرى قىلمامسەن؟» دېدى، مەن: «قانداق زىكرى قىلىمەن؟» دەپ سورسام، «يوتقىنىڭدا ئۆرۈلگەن چاغلىرىڭدا تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمەستىن قەلبىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم: ‹ئاللاھ مەن بىلەن بىللە، ئاللاھ قاراپ تۇرغۇچى، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرغۇچى› دېگىن» دېدى.
مەن بىر نەچچە كېچىلەرگىچە مەزكۇر سۆزلەرنى تەكرارلىغاندىن كېيىن، تاغامغا بىلدۈردۈم. ئۇ ماڭا: «ئۇلارنى ھەر كېچىسى 11 قېتىمدىن تەكرارلىغىن» دېدى. مەن مۇشۇنداق تەكرارلاۋەرسەم، قەلبىمگە بىر خىل شېرىن تۇيغۇ پەيدا بولدى، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تاغام ماڭا: «ئۈگەنگىنىڭنى يادلا، قەبرىگە كىرگۈچە شۇنداق داۋاملاشتۇر، ئۇ ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدۇ» دېدى. نۇرغۇن يىللارغىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. كېيىن بىر كۈنى تاغام ماڭا مۇنداق دېدى: «ھەي سەھل، ئاللاھ ئۆزى بىلەن بىللە بولغان، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ھەم كۆرۈپ تۇرغان ئادەم ئاللاھقا ئاسىلىق قىلامدۇ؟« 2. گۇناھلاردىن ساقلانغىن
ھايالىق قېرىندىشىم !
* ئەقىل غايىپ بولۇپ، شەھۋەت غالىپ كېلىپ، گۇناھ يېقىنلىشىپ، قەلب مەستلىككە غەرق بولغاندا دەرھال يادلىغىن: «ئاللاھ مەن بىلەن بىللە، ئاللاھ ماڭا قاراپ تۇرغۇچى، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرغۇچى!»
* خىلىۋەتتە تۇرغىنىڭدا، ھېچكىم قېشىڭدا يوق چاغدا، كۆزلەر ئۇيقۇغا غەرق بولغان ۋاقىتتا ئەسلىگىن: «ئاللاھ مەن بىلەن بىللە، ئاللاھ ماڭا قاراپ تۇرغۇچى، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرغۇچى!»
* ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش.
قانچە قېتىملاپ ئاغرىپ قالغىنىڭدا، ئۇ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلدى؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سېنى قۇتقازدى؛ ئاچ-ئۇسسۇزلىققا گىرىپتار بولغىنىڭدا ئۇ سېنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقىڭنى قاندۇردى؛ گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن سېنى قىيىنچلىقلارغا دۇچار قىلىپ سىنىدى، خاتالىقلىرىڭنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بالا-قازاغا گىرىپتار قىلدى؛ مىليۇنلىغان كىشىلەر كاپىرلىقنىڭ دېڭىزىغا غەرق بولۇپ يۈرگەندە، ئۇ سېنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى؛ ساڭا كۆرۈش، ئاڭلاش، چۈشىنىش نىمەتلىرىنى ئايىمىدى، ھالبۇكى بۇ نېمەتلەردىن نۇرغۇن ئادەم مەھرۇمدۇر... سەن ئۇنىڭغا گۇناھلىرىڭ ئارقىلىق پوچىلىق قىلىسەنۇ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاسىي بولىسەنۇ، ئۇ گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىدۇ...
سەن ئاللاھنىڭ ساڭا ياپقان خەيرخاھلىق پەردىسىنى يىرتساڭمۇ، ئۇ سېنى رەھمەت پەردىسى بىلەن داۋاملىق ياپىدۇ؛ يامانلىق قىلغىنىڭغا ياخشىلىق قىلىدۇ، گۇناھ قىلغىنىڭغا ئىنئام قىلىدۇ، مۇناسىۋەتنى ئۈزگىنىڭگە قارىماي ساڭا كۆيىنىدۇ؛ تىلىڭنىڭ يالغانچىلىق گۇناھى ئۈچۈن سېنى سۆزلەش نىمىتىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ؛ ھارامغا تىكىلىش گۇناھىڭ تۇرسىمۇ، سېنى كۆرۈش نىمىتىدىن ئايرىمايدۇ؛ ھارام، ناشايان سۆزلەرگە قۇلاق سېلىش خاتالىقىڭ ئۈچۈن سېنى گاچا قىلىپ تاشلاش ئارقىلىق جازالىمايدۇ...
ئۇ ساڭا سەن بىلىدىغان نىمەتلەرنىمۇ، سەن بىلمەيدىغان نىمەتلەرنىمۇ ئاتا قىلغان؛ سەن ئۇنىڭ بەزى نىمەتلىرىنى ھېس قىلساڭمۇ، بەزىلىرىنى سەزمەيسەن، شۇنداق جىق نىمەتلەرنى ئاتا قىلغانكى، سەن ئۇلارنى دائىم كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغنىڭ ئۈچۈنلا شۈكرى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماقتىسەن، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى پەقەت ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغان چېغىڭدىلا تونۇپ يېتەلەيسەن...
ھارۇن رەشىدنىڭ نەسىھەتچىسى
ئىبنى سەمماك ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان مۇھەممەد ئىبنى سەبىھ بىر كۈنى ھارۇن رەشىدنىڭ ھوزۇرىغا كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى قاچىدا بىر يۇتۇم سۇ سۇ بار ئىدى، ئۇ «مەن سىزنى بۇ سۇدىن مەھرۇم قىلسام نەچچە پۇلغا سېتىۋالار ئىدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ھارۇن رەشىد: «قول ئىلكىمدىكىلەرنىڭ يېرىمىغا سېتىۋالار ئىدىم» دېدى. ئىبنى سەمماك: «ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن سىرىتقا چىقىرىشتىن مەھرۇم بولسىڭىز، بۇنىڭ ئامالىنى نەچچىگە سېتىۋالار ئىدىڭىز؟ دەپ سورىدى.ھارۇن رەشىد:"بارلىق مۇلكىمگە سېتىۋالغان بولاتتىم"دەپ جاۋاپ بەردى.ئىبنى سەمماك دېدىكى:"مۈلكىڭىز بىر يۈتۈم سۇ ۋە بىر قېتىم سېيىشكە يارايدىكەن!»
ھەر كۈنلۈكى 24 مىڭ نېئمەت
ئىبنى قەييۇم رەھىيمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نەفەس ئېلىشنىڭ ئىنسانلار ساناپ يۈرمەيدىغان نېئمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى بىرسى بولىشى كۇپايە، ئىنسان بىر كېچە-كۈندۈزدە 24 مىڭ قېتىم نەپەسلىنىدۇ، دېمەك ئاللاھ بىرلا نەپەسلىنىش بابىدا ئىنسانغا بىر كېچە كۈندۈزدە 24 مىڭ دانە نىئمەت ئاتا قىلىۋاتىدۇ بۇ نېئمەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە قارىتا بەندىنىڭ ئاللاھ غا شۈكرى-رەھمەت ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ»
ئەرابى ئۇستازنىڭ تەلىمى
ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر ئەرابى (تاغلىق ئەرەب) خەلىفە ھارۇن رەشىدنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ھەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ سەندە بار نېئمەتلەرنى ئۇلارنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلىش بەدىلىگە داۋاملاشتۇرسۇن! سەن بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغان نېئمەتلەرنى ئاللاھقا ياخشى ئۈمۈدتە بولۇش بەدىلىگە قولۇڭغا يەتكۈزسۇن! سەندە بار بولسىمۇ، سەن تونۇمايۋاتقان نېئمەتلەرنى ئۇلارغا شۈكرى قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا تونۇتسۇن!»
بۇ سۆز ھارۇن رەشىدكە بەك ياقتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تەقسىملىشى نېمە دېگەن ياخشى!»
3. ئاللاھنىڭ مۈلكى ئىچىدە قىممىتىڭ قانچىلىك؟
بۇ ئۇلۇغ كائىناتنىڭ ھەجىمىنى ۋە ئۆزەڭنىڭ ئۇنىڭدىكى ھالىتىڭنى ئېنىق بىلسەڭ، تېخىمۇ ھايا قىلىشىڭغا بۇ ئوبدان تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا كۈزىتىلىپ تۇرغانلىقىڭنى ئېنىق سېزىشكە باشلايسەن، بىرىنچى ھەدىسكە قۇلاق سالغىن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «يەتتە قات ئاسمان ئەرشى-كۇرسىنىڭ ئىچىدە پەقەت قالقانغا تاشلاپ قويۇلغان يەتتە دانە تەڭگىدەك كېلىدۇ».
ئۇنداقتا يەتتە ئاسمان قانچىلىك دەپ سورايسەن؟
ئىككىنچى ھەدىسكە قۇلاق سالغىن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر ئاسمان بىلەن يەنە بىرىنىڭ ئارلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپە، ھەر بىر ئاسماننىڭ ئارلىقى يەنە بەش يۈز يىللىق مۇساپە، كۇرسى بىلەن سۇنىڭ ئارلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپە، ئەرش بولسا سۇنىڭ ئۈستىدە، ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە، قىلغان-ئەتكىنىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا يوشۇرۇن ئەمەس».
ئەمدى ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىڭنى بىلگەنسەن؟! سەن ئىنسان، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىغا تەڭ كەلمەيدىغان دۇنيانىڭ بىر قىسمى! ئۇنداقتا، تەكەببۇرلۇق نېمە ئۈچۈن؟ گۇناھلار نېمە ئۈچۈن؟! ھەددىدىن ئېشىش نېمە ئۈچۈن؟!!
4.ئەمەللەرنىڭ ساۋابى بىكار بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇش كېرەك
رەسۇلىمىز بۇ خىل تەھدىدنىڭ ئادەملەر ئارىسىدىكى چېغىدا ئىتائەتمەن تۇرقىغا كىرىۋالسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا خىلۋەتتە قالغاندا پاسىقلىشىپ كېتىدىغان ئىككى يۈزلىمە كاززاپلارغا قارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇممەتلىرىمدىن بىر نەچچە قەۋملەرنى بىلىمەن، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە تىھامە (يەر ئىسمى)نىڭ ئاقباش تاغلىرىدەك ياخشىلىقلار بىلەن كەلسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى توزاندەك توزۇتۇپ يوق قىلىدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇنداقلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار، سىلەرنىڭ نەسلىڭلاردىن، خۇددى سىلەردەكلا كېچىلىرى ئىبادەت قىلىدۇ، بىراق ئۇلار يالغۇز چاغلىرىدا ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىدىغان قەۋملەردۇر!»
شۇڭا ياخشى ئەمەللىرىڭنىڭ بىھۇدە يوق قىلىنىشىدىن ھەزەر قىل! ياخشى ئىشلىرىڭنى ئاسرا، ئاللاھقا ھەر دائىم ئىتائەت قىلىشتىن يالتايما، تىرىشچانلىقلىرىڭنى بىھۇدە زايا قىلمىغىن، كېچىدە بىپەرۋا يول مېڭىپ، كۈن چىققاندا خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەمگە ئوخشاپ قالمىغىن، مەخلۇقاتلارنىڭ رازىلىقىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلىگىن، چۈنكى مەخلۇقاتلارنىڭ رازىلىقى يەتكىلى بولمايدىغان غايە، ئىشقا ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيالدۇر.
قايسىسى ئاسان
سەلەمە ئىبنى دىنار مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ياسىنىشى خەلقنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىگە سەۋەب بولىدۇ، بەندىنىڭ خەلق ئۈچۈن ياسىنىشى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىر زات بىلەن مادارا قىلىش نۇرغۇن زاتلار بىلەن مادارا قىلغاندىن ئاسان، سەن قاچان ئاللاھ بىلەن مادارا قىلساڭ (يەنى ئۇنىڭ رازى قىلساڭ) بارلىق يۈزلەر ساڭا مايىل بولىدۇ، قاچانىكى ئۇنىڭ نارازىلىقىغا يولۇقساڭ، سېنى بارلىق كىشىلەر ياقتۇرمايدۇ».
تۈگەشكەن دەۋەتچى
يەھيا ئىبنى مۇئاز سورۇنلاردا مۇنداق دېكلاماتسىيە قىلاتتى:
ۋەز ئېيتار بىراۋلار، قوبۇل قىلىنماس،
قەلبىدىن باشتا ئۇ قارار ئالمىسا.
خالايىق! تۈگەشكەن دەۋەتچىدۇر شۇ،
سۆزلىسە، ئىشىغا نەزەر سالمىسا،
كۆرۈنۈپ تەقۋادار كىشىلەر ئارا،
خىلۋەتتە رەببىگە سادىق بولمىسا!
5. يوشۇرۇن ئىبادەت قىلىشنىڭ ساۋابىدىن خۇرسەن بولۇش
ئاللاھنى كۆز ئالدىدا تۇرغاندەك سېزىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى شۇكى، يوشۇرۇن ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان ساۋاپتىن خۇرسەن بولۇش لازىم.
بۇ خىل ئىبادەتلەرگە بېرىلىدىغان ساۋاپلار ئىگىسى، ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق كۈندە ئاللاھ ئۆز سايىسىدا سايىتىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئۈچ تۈرلىكى يوشۇرۇن ئىبادەت قىلىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى ئەسلەش كۇپايە!: «يەنە بىرى، ئابرويلۇق، گۈزەل بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، دىيەلىگەن كىشىدۇر، يەنە بىرى يوشۇرن ھالدا سەدىقە بەرگەن، ھەتتا ئوڭ قولى نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەيدىغان ئادەمدۇر، يەنە بىرى شۇكى، ھېچ كىشى يوق خىلۋەت جايدا ئاللاھنى ئەسلەپ كۆزلىرى ياش تۆككەن كىشىدۇر»
شۇنداق زور ساۋاپنىڭ سىرى شۇكى، يوشۇرۇن ئىبادەت ئىخلاسقا تېخىمۇ يېقىن، رىيا، ماختىنىش ۋە شۆھرەتتىن تېخىمۇ يىراق، مەغرۇرلۇق قىلىشتىن ئىبارەت نەفسى خاھىشىنى تىزگىنلەشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، شۇڭا بەزى ئەسەرلەردە (ھەدىسلەردە) يوشۇرۇن ئىبادەتنىڭ ئاشكارا قىلغان ئىبادەتتىن 70 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
شۇڭا بۇ خىل ساۋاپنىڭ كاتتىلىقىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرسەڭ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئۆزەڭنى تارتىشىڭ ئاسان بولىدۇ، ھەمدە ئاللاھنىڭ ئالدىدا يېقىن، سالىھ بەندىلىرىدىن بولۇپ قالىسەن.
*. شۇڭا كەئبۇل ئەھبار ساڭا مۇنداق دەپ خوشخەۋەر بەرگەن: «كىمكى ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بىرى يوق جايدا ئاللاھقا بىر كېچە ئىبادەت قىلسا، خۇددى كېچىدىن كۈندۈزگە چىققاندەك گۇناھلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ».
* يەنە ئەمرى ئىبنى ئاس مۇنداق دېگەن: «كېچىدىكى بىر رەكئەت ناماز كۈندۈزدىكى ئون رەكئەت نامازدىن ياخشىدۇر».
* ھۇزەيفە ئىبنى قەتادە ئۈچىنچى بولۇپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئاللاھقا خىلۋەتتە ئىتائەت قىلساڭ، مەيلى سەن خالا ياكى خالىما، ئاللاھ قەلبىڭنى ئىسلاھ قىلىپ قويىدۇ».
بىر كىشى تەمىم ئەددادىغا: «كېچىدە قانداق ناماز ئوقۇيسىز؟» دېگەندە، ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاندىن مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پۈتۈن كېچىدە ناماز ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈشتىن يېرىم كېچىدە يوشۇرۇن ھالدا بىر رەكئەت ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن».
مەخپى ئىنسانپەرۋەرلىك
ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك رۇققە دىيارىغا كۆپ باراتتى ۋە ئۇ يەردىكى بىر سارايدا تۇراتتى. بىر يىگىت ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىپ بىرەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس ئاڭلايتتى.
ئابدۇللا بىر قېتىم رۇققەگە كەلگەندە ئۇ يىگىتنى كۆرمىگەنلىكتىن، باشقىلاردىن ئۇنى سورىغان ئىدى، ئېغىر قەرز تۈپەيلىدىن قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئابدۇللا: «ئۇنىڭ قەرزى قانچىلىك ئىكەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار:«ئون مىڭ تەڭگە ئىكەن» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئابدۇللا كېچىسى قەرز ئىگىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تەڭگىنى بەردى ۋە ئۇ ھاياتلا بولىدىكەن، بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا قەسەم قىلدۇردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا، تاڭ ئاتقاندا بېرىپ ئۇ يىگىتنى قاماقتىن چىقىرىۋېتىشنى تاپىلىدى.
يىگىت قاماقتىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك بۇ يەردە بار ئىدى، ئۇ سەن توغىرلىق سۈرۈشتۈرگەن، دىيىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئابدۇللانىڭ كەينىدىن يولغا چىقىپ، ئۇنىڭغا يول ئۈستىدە ئۇچراشتى. ئابدۇللا ئۇنىڭغا: «يىگىت، نەگە كەتتىڭ؟ سېنى سارايدا ئۇچراتمىدىمغۇ؟» دېگەندە، ئۇ: «مەن بىر قەرز تۈپەيلى قاماقتا يېتىپ قالغان ئىدىم» دېدى.
ئابدۇللا: «ئەمىسە قاماقتىن قانداق قۇتۇلدۇڭ؟» دەپ سورىدى، يىگىت: «بىر كىشى كېلىپ قەرزلىرىمنى تۆلەپتۇ، قاماقتىن چىققانغا قەدەر بۇ ئەھۋالنى بىلمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئابدۇللا ئۇنىڭغا: «قەرزىڭنى ئادا قىلغان ئاللاھنىڭ ئىنايىتىگە ھەمدۇ - سانا ئېيتىقىن!» دېدى-دە، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بولدى…
ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك ئۆز ئىختىيارىڭ
رەسۇلىمىز مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ باشقىلار كۆرمىگەن جايدا ئوقۇغان نەپلى نامىزى، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئوقۇغان 25 قېتىملىق نامىزىغا تەڭ كېلىدۇ». بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۆيۈڭدە بىر يىل ئىچىدە ئوقۇغان نەپلى نامىزىڭ ئۈچۈن، مەسجىدتە 25 يىل ئوقۇغان نەپلى نامازنىڭ ساۋابىغا ئىگە بولىسەن!
شۇڭا رەسۇلۇللاھ كۆرسىتىپ ئۆتكەن: «نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى - كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىدۇر، پەقەت پەرز ناماز بۇنىڭ سىرتىدا».
ئاخىرقى نىدا
قاچانغىچە غەپلەتتە يۈرەرسەن تاماششايۇ-راھەتتە، ھالبۇكى ئۆلۈم پەرىشتىسى يېتىپ كېلەر، سەن بىپەرۋا پۇرسەتتە؛ قاچانغىچە قاترايسەن پۇل-مال يىغىش كويىدا، ھالبۇكى ئۆلۈم دورغىسى كۈنسېرى كەينىڭدىن يېقىنلاپ كەلمەكتە.. ئاگاھ بولغىن!
پەقەت پۈتۈن ئىخلاس-تاقىتىڭ يەتكەنچە قىلىۋالغان ئىبادىتىڭ بىر ئازدىن كېيىنلا قەبرىگە كىرگىنىڭدە بولۇپ قالغۇسىدۇر ئەڭ پايدىلىق راھىتىڭ ۋە ئامىتىڭ!
ئەمەللىرىڭ، ئەمەللىرىڭ،
نامازلىرىڭ، نامازلىرىڭ!
تەقۋادارلىق سۈپەتلىرىڭ ساڭا ھەمرا بولار تاختىدا سەن يۇيۇلغاندا، ساڭا يولداش بولار ئۇلار، جىنازاڭ كۆتىرىلىپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇلار ساڭا ھەمرا يەنە ناماز ئوقۇلغاندا!
قاچان سەن ئويغانساڭ قايتىدىن تىرىلىش سۇرى چېلىنغاندا، ھەم يولۇقساڭ ساراسىمگە، ئىنسانلار مەھشەر مەيدانىغا يىغىلغاندا، سەندىن قاچسا ئاناڭ-داداڭ، بىر تۇققان ئاچا-ئاكاڭ… دەل شۇ چاغدا ھازىر بولار ياخشى ئەمەللىرىڭ، سەن بىلەن بىللە بولار نەگە بارساڭ، ھېچ ئايرىلماس نەدە تۇرساڭ! قەبرىدە بولسا، ئۇلار يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرماس، ساڭا ئۇلار خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرار، قوقۇنچا قالدۇرماس، نۇرلۇق چىراق بولۇپ يېقىڭلار، گۆرۈڭنى زۇلمەتكە تولدۇرماس!..قىيامەت كۈنىدە بولسا..
ئۇلارنىڭ رەھمان تائالانىڭ ئەرش سايىسى ئاستىدا سايە بولار، ئۇلۇغ پادىشاھ - ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرۇپ ھېساپ بېرىشنى ئاسان قىلار…
ھەي قېرىندىشىم! رزىق بەرگۈچىنى قويۇپ، رزىق توپلاشنىلا ئويلىدىڭمۇ؟ نىئمەت ئاتا قىلغۇچى بىلەن كارىڭ يوق نىئمەتلەر بىلەنلا قالدىڭمۇ؟ ياكى خالىق (ياراتقۇچى)نى ئۇنتۇپ مەخلۇق (يارالغۇچىلار) بىلەن مەشغۇل بولدۇڭمۇ؟ ئۆلۈم سېنى كۈنىگە يۈز قېتىملاپ چاقىرسىمۇ بىر تال مويۇڭ تەۋرىمەس ھالغا كۆندۈڭمۇ؟
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، دەرەخنىڭ قەلبى بولغىنىدا نالە قىلار ئىدى، تاشنىڭ جېنى بولغىندا پىغان سالار ئىدى! دەرەخ كۆتىگى رەسۇلۇللاھنى دەپ ئىڭرىغان ئىدى-يۇ، سەن غىڭ قىلماسسەن!؟..
ئاللاھ ھەققى ماڭا دەپ باققىن!
قىيامەت قايىم بولغان چاغدا؛ ئاخىرەت سەپىرى جاكارلانسا، ئازمۇ-كۆپمۇ مال-مۈلكۈڭدىن ساڭا مەنپەئەت كېلىش بىكار بولسا؛ جىنازەڭنى يۇغۇچىلار: «سۇنى تېز ئىسستىڭلار!» دەپ توۋلىسا، جىمى خالايىقنىڭ سەن بىلەن قىلچە كارى بولمىسا؛ دوختۇرلار نائىلاج مۇرىسىنى قىسسا، يوقلىغۇچىلار بېشىنى چايقاپ كۆزىنى يۇمسا، مىراسخورلار ۋاپاتىڭ ئېلانىغا ئىنتىزار بولۇشۇپ تۇرسا؛... ئاخىرى نەپسىڭ توختاپ ئاۋازىڭ ئۆچسە، شۇ چاغدا تاپقان ھالاللىرىڭ، سوققان ھاراملىرىڭ، باققان باللىرىڭ، تىككەن كۆچەتلىرىڭ؛ سۆيگەن ئاياللىرىڭ، يىغقان دۇنيالىرىڭ ساڭا مەنپەئەت قىلارمۇ؟؟؟!!!
ياق ، ياق ، ياق!
ئاللاھ ھەققى ، ساڭا مەنپەئەت قىلدىغنى پەقەت - قىلغان ئېھسانىڭ، قېرىنداشلىق خەير خاھلىقىڭ، ياكى رازىلىق ئالغان دەۋاگىرىڭ؛ ياكى تۈن قاراڭغۇسىدا ئوقۇغان نامىزىڭ، ياكى ئاللاھتىن قورقۇپ تۆككەن كۆز يېشىڭ، ياكى رەببىڭنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئايىمىغان سەدىقەڭدۇر!..
ئاخىرقى سۆزىمىز شۈكى:
1.خىلىۋەتلەردە گۇناھ قىلىشتىن قاتتىق ساقلانغىن ، چۈنكى بۇنداق گۇناھلار ئاشكارا قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىدۇ!
2. خۇددى قەۋمىڭدىكى سالىھ كىشىلەردىن ھايا قىلغىنىڭدەك ئاللاھتىن ھايا قىلغىن!
3. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يوشۇرۇن ئىبادەت پۇرستىنى قولدىن بەرمىگىن!
4. نەپلى نامازنى ئۆيدە ئوقۇغىن، ساۋابى تېخىمۇ كاتتا بولىدۇ.
5. يوشۇرۇن قىلىنغان سەدىقىنىڭ ئەجرى ئەڭ جىق، رەببىڭگە ئەڭ سۆيۈملۈك، ھەمدە بۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆز سايىسىدە سايىتىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇشنىڭ بىر خىل يولىدۇر.
6. خىلىۋەتتە يىغلاش ئۇلۇغ ئىبادەت، شۇڭا بۇ خىل ئىبادەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنغىن؛ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمىگىن!.
7. سېنى تونۇيدىغانلار بولمىغان مەلۇم بىر مەسجىدتە ھەپتىلىك ئېتىكاپتا بولۇشقا تىرىشقىن (مەسىلەن، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا).
8.ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ كېچىسى تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئىككى رەكئەت كېچىلىك نەپلى ناماز ئوقۇغىن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرشىسەن:
{ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ}، (سەجدە سۈرىسى، 17- ئايەت).
ئاخىرقى دۇئايىمىز شۇكى، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر .
تۈگىدى
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي،قەلىپلىرىمىزنى ئىمان نۇرلىرى بىلەن تولدۇرغاي.ئامىن
[ بۇ يازمىنى天山的野花 2011-09-14 19:14قايتا تەھرىرلىدى ]