باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 491 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەرب چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ بىرلىشىپ يادرو بومبا ياسىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن
مەزكۇر ئەزا تېخى شەرەپ مىدالىغا ئېرىشمىگەن
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 254
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە254دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 3147 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 18:29

غەرب چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ بىرلىشىپ يادرو بومبا ياسىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن

      ئۇزاقتىن بۇيان ئىران بىلەن چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى، يادرو قورالى پىلانى غەربنىڭ نەزەرىدە چوڭ ئاپەت بولۇپ كەلدى. يېقىندا غەربتىكى ئاقىللار ئامبىرى ئىران بىلەن چاۋشيەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەكلىدە يىراق مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قىياس قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بۇ قىياسى غەربنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى.
غەرب چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ ئۆزئارا ياردىمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ
   ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئەنگلىيە خەلقئارا  ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن بىلەن ئىران بىرلىشىپ قورال تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش. دوكلاتتا يەنە: چاۋشيەننىڭ قورال تۈرى ئىراننىڭ تېخنىكا ياردىمىگە ئېرىشتى، ئىران چاۋشيەننىڭ تېخىمۇ ئىلغار «ئەمگەك» ناملىق يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغانلىقىغا ياردەم بەرگەندەك قىلىدۇ، دېيىلگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇرغان «ئەمگەك-2» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا كىچىك تىپتىكى توك توغرىلىغۇچ قاپقىقى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىراننىڭ «قادىر-1» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوق بېشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
    ئىسرائىلىيە «يېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە  باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش تارمىقىنىڭ سابىق مەسئۇلى ئۇز رۇبىنمۇ: ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە ئىران چاۋشيەنگە يېتىشىۋالدى، دەپ قارىدى. رۇبىننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشى ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ پەيغەمبەر» ناملىق ھەربىي مانىۋېردا، ئىران سۇ يۈزىدىكى پاراخوتلارغا زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان. بۇ، ئىران دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەمۇ ئىراننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. رۇبىن: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى تەرەققىياتى بەك تېز، ئۇلار يادرو قورالىغا ئىگە بولسىلا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدۇ، دېگەن.
    چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشى غەربنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ دوكلاتىدا: ئىران چاۋشيەندىن ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخىنىكىسىغا ئېرىشتى، دېيىلدى. دوكلاتتا يەنە يادرو قورالىنىڭ تارقىلىش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ماك فتىزپاترىكنىڭ تەھلىلىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: چاۋشيەن يادرو ئەسلىھەلەرنى ياساشتا ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە، ئۇ ئىران ياسىيالمايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك پولات ماتېرىيالىنى ياساپ چىقالايدۇ، دېيىلدى.
     ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى بولغان لاند شىركىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مەسىلىسى ئالىي تەھلىلچىسى برۇس بېننېتمۇ: چاۋشيەن ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، ئۇنىڭ يادرو قوزغىتىش قۇرۇلمىسىنى سىناق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى، دېدى.
   رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى چاۋشيەن يادرو قورالىنى كىچىكلەشتۇرۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەن بولۇشى، بۇ، چاۋشيەننىڭ يادرو ئوق بېشىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا سەپلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلغان. خەۋەردە: چەت ئەللەر چاۋشيەن ئېرىشكەن يادرو يېقىلغۇسى ئون يادرو ئوق بېشى ياساشقا يېتىدۇ، دەپ قىياس قىلىشتى، دېيىلدى. باشقىلارنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، چاۋشيەن 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.
   يادرو ئوق بېشى تېخنىكىسىغا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس
    ئىراننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىش ئېھتىمالىغا كەلسەك، غەربنىڭ چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ يىراق مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۆچەيدى. لېكىن، ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چاۋشيەن بىلەن ئىران بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققىلى بولمايدۇ.
    ھازىر دۇنيادا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، جۇڭگولا قىتئەلەر ئارا ئۇچۇپ زەربە بېرەلەيدىغان يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساش ئىقتىدارىگە ئىگە. ھىندىستان بىلەن پاكىستان يادرو قورالىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش ۋاسىتىسى قىلدى. بۇ دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چاۋشيەن بىلەن ئىراننى ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش باسقۇچىغا ئەمدىلا قەدەم قويدى، دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.
    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاۋشيەن 2006-يىلى ۋە 2009-يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن غەرب بۇ ئىككى قېتىملىق سىناقتىن گۇمان قىلىپلا قالماي، چاۋشيەن قىسقا مۇددەتتە يادرو قورالىنى كىچىكلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى چاۋشيەن بىلەن ئىرانغا  قاتتىق جازالاش تەدبىرى ۋە قورال ئىمبارگۇسى يۈرگۈزدى، بۇ تەدبىرلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قورال تەرەققىيات تۈرىنى چەكلىمىگە ئۇچراتتى.
   شاڭخەي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، دوكتور يۈ يىڭلى «دۇنيا خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتى پىلانى بار. غەرب قىياس قىلغاندەك، چاۋشيەن بىلەن ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتى ساھەسىدە مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلاشقان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى شۇ ۋەجىدىن بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى، دېدى. ئۇ يەنە: چاۋشيەن «يادرو سىنىقى ئېلىپ باردۇق، بىرنەچچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدۇق» دېدى، لېكىن چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپات يوق، دېدى.
   شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەرب قىياس قىلغاندەك ئىران بىلەن چاۋشيەن  باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتى ۋە يادرو تۈرى ساھەسىدە مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلاشقان  تەقدىردىمۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە يىراق مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس. يۈ يىڭلى: غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن-ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمكارلىقى توغرىسىدا ھەپ دەپ گەپ سېتىشى ياكى چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى توغرىسىدا ھەددىدىن زىيادە گەپ سېتىشىغا ئامېرىكىدىكى بەزى  كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
      
باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت بىخەتەرلىكنى قوغداش
    ئىران «تېھران ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانىۋېردا ئۆزلىرى ياسىغان 14 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسىمى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ھاجى سادا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ: بۇ رايوندىكى ئامېرىكا نىشانلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، دېگەن. ئامېرىكا-كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قارىتا چاۋشيەن ئىلگىرى «يادرو ئۇرۇشى قوزغايمىز» دەپ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئىران بىلەن چاۋشيەننىڭ نەزەرىدە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن يادرو قورالى غەربكە قاتتىق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىدىغان ئىككى كوزىر بولۇشى مۇمكىن.
   ئەمەلىيەتتە، ئىران بىلەن چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەم يادرو قورالى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشى يىراق مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساپ چىقىپ غەربكە بىۋاسىتە جەڭ ئېلان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولماستىن، ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيەنى، كورېيەنىڭ قوراللىق ئارىلىشىش نىيىتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تۈرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، چاۋشيەن بىلەن ئىران غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان دەسمايىگە ئىگە بولىدۇ. ئىككى دۆلەت بۇ ئىككى ساھەدە داۋاملىق ھەمكارلاشسا، غەربكە تاقابىل تۇرۇش دەسمايىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
مەنبە:ئۇلنىش تورى.
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 553
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە553دانە
ئۆسۈش: 2120 %
مۇنبەر پۇلى: 6982 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-10-21

Re:غەرب چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ بىرلىشىپ يادرو

بالدۇرراق ياسىسۇن ،بولمىسا بۇزەك بولىدىغان گەپ ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...