باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2207 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېلاندىن قۇتۇلغۇڭىز بارمۇ؟
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 694
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە694دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 17:38

ئېلاندىن قۇتۇلغۇڭىز بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەن بايا ئىنتايىن ئېسىل ھۈنەردىن بىرنى ئۆگىنىۋالدىم.  ھەرقانداق تور بېكەتتىكى ئۆزىمىز خالىغان ھەرقانداق ئېلاننى ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويالايدىكەنمىز.  ئۆزىمىز خالىغان ھەرقانداق تور بېكەتنىمۇ ئېچىلماس قىلىپ قويالايدىكەنمىز.
ھېلىقى بىر نەرسە لازىم بولۇپ چۈشۈرمەكچى بولغان چاغدا ئېچىلىدىغان تور بېكەتلەردە چىقىۋالىدىغان لاۋىزا ئېلانلاردىنمۇ،  يوكۇ 56 تۇدۇ لاردىكى قىلىقسىز رەسىملەردىنمۇ قۇتۇلالايدىكەنمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى  ئىنتايىن ئاددىي.  ئۇ بولسىمۇ تور كۆرگۈچنى يېڭىلاش.
ئەمىسە ماڭا ئەگىشىڭلار:
بۇ خەتنىڭ ئۈستىگە چېكىپ فىرېفوكىس تور كۆرگۈچنى چۈشۈرىمىز
يۇقارقىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى دېتال قاچىلاش باسقۇچى بويىچە قاچىلايمىز.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يۇقارقى تور كۆرگۈچتىن كەڭساي مۇنبىرىنى ئېچىپ مۇشۇ تېمىغا كىرىمىز:
ئاندىن بۇ خەتنىڭ ئۈستىگە چېكىپ ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن مۇداپىئەلىنىش يامىقىنى چۈشۈرىمىز

بۇنىمۇ كومپىيوتىرغا قاچىلايمىز.  بۇ تور كۆرگۈچ قايتىدىن قوزغىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن  نۇرغۇن تور بېكەتلەردىكى  ئېلانلاردىن قۇتۇلىمىز.  ئەگەر بەزى تور بەتلەردە چالا قالغان ئېلانلار بولسا ئۇنىڭمۇ ئامالى بار:

ھەر قانداق بىر رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ كونۇپكىنى باسساق بىر تىزىملىك چىقىدۇ. بىز بۇ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 过滤图片 دىگەن خەتنى باسىمىز



ئاندىن مۇنداق كۆزنەك پەيدا بولىدۇ:
 



بۇ رەسىمنىڭ ئاستىدىكى 添加规则  دىگەننى بېسىۋەتسەك بايا سىز تاللىغان رەسىم كۆرۈنمەيدىغان بولىدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىز خالىغان تور بېكەتنى ئېچىلمايدىغان قىلىۋەتمەكچى بولساق تور كۆرگۈچنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى 工具 نى بىر چەكسەك مۇنداق چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن 附加组件 دىگەننى چېكىمىز. ئاندىن مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ:




بۇنىڭدىن 扩展  دېگەننى چېكىپ  ئوڭ تەرەپتىن 



مۇشۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 选项 نى چېكىمىز.  ئاندىن مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭ سول تەرىپىدىكى 添加  نى چەكسەك  بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستە تەرىپىدە  مۇنداق يەر پەيدا بولىدۇ:
  


بۇ يەرگە ئۆزىمىز رەسىملىرى كۆرۈنمەسلىكىنى خالىغان تور بېكەتنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزىمىز مەسىلەن  مەن  كەڭساي  تورىنىڭكىنى كىرگۈزۈپ باقاي:

  


ئاندىن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى 确定  نى  بېسىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ تور بەت نورمال ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەڭساي تورى 100% يېزىققىلا ئايلىنىپ قالدى. بىرەر پارچىمۇ رەسىم يوق.



ئاۋۋال يۇقارقىنى سىناپ بېقىڭلار،  مەسىلىگە يولۇقساڭلار  ياردەم قىلىشقا مەن تەييار.      

باشقا تور بېكەتلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قىلىمىز.
ئەگەر بۇ تور بەتلەرنى  ئېچىلىدىغان قىلماقچى بولساق، يۇقارقى كۆزنەك بار يەرنى ئېچىپ، ئۆزىمىز ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان تور بېكەتنىڭ ئىسمىنى تېپىپ ئوتتۇرىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىمىز. مانا مۇنداق:
  



شۇنىڭ بىلەن بۇ توربەت يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ.

ئاۋۋال يۇقارقىنى سىناپ بېقىڭلار،  مەسىلىگە يولۇقساڭلار  ياردەم قىلىشقا مەن تەييار.      
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-09-14 18:02قايتا تەھرىرلىد ]
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دوستلىشىش
ئومىتۋار
otkunqa
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8394
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-31
ئاخىرقى: 2011-12-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 20:50

كۆپ رەھمەت سىزگە